خىتاينىڭ چەتئەللەرگە ئۇزارغان قولى دىققەت قوزغىماقتا

0:00 / 0:00

خىتاينىڭ چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارغا تەھدىت سېلىش قىلمىشلىرى خەلقئارا ئاخبارات ساھەسىنىڭ بارغانسېرى كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىماقتا.

خىتاي ھاكىمىيىتى مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنى جازا لاگېرلىرىغا قاماپ قىيناش بىلەن بىرگە بۇ زۇلۇمغا قارشى ئىنكاس قايتۇرىۋاتقان چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارغىمۇ تەھدىتلەر سېلىپ، دۇنيا جامائىتىنىڭ دىققەت ۋە غەزەپلىرىنى قوزغىماقتا.

«فرانسىيە ئاۋازى» نىڭ 3-يانۋار ئېلان قىلغان «فرانسىيە ئاخباراتى بېيجىڭنىڭ فرانسىيەدىكى مۇھاجىرلار ۋە خىتايشۇناسلارنى نازارەت قىلىۋاتقانلىقى، ئۇلارغا تەھدىت سېلىۋاتقانلىقىنى دەلىللىدى، خىتاي ئەلچىسى بۇنىڭغا جاۋاپ قايتۇردى» ناملىق خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي ھاكىمىيىتى تۈرلۈك ۋاستىلار ئارقىلىق فرانسىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلىكلەرگە تەھدىت سېلىپلا قالماي، فرانسىيەدىكى خىتايشۇناس ئالىملار، مۇخبىرلارغىمۇ تەھدىت سېلىش، ئۇلارنى كۆزىتىش قىلمىشلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا ئىكەن.

خەۋەردە تىلغا ئېلىنىشىچە، خىتاينىڭ فرانسىيەدىكى ئۇيغۇر، تىبەت ۋە باشقىلارغا سېلىۋاتقان تەھدىتلىرى ھەققىدە «فرانسىيە رادىيوسى» مەخسۇس بىر گۇرۇپپا تەشكىللەپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. ئۇلار جۈمە كۈنى بۇ خۇسۇستا ئېلان قىلغان تەكشۈرۈش دوكلاتىدا ھەقىقەتەنمۇ ئىلگىرى ئاخبارات ۋاستىلىرىدا تىلغا ئېلىنغانغا ئوخشاش خىتاينىڭ بۇ خىل تەھدىت ۋە نازارەتلىرىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى دەلىللىگەن ھەمدە خىتاينىڭ فرانسىيەدىكى ئەلچىخانىسىدىن بۇنىڭغا جاۋاپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. ئەمما خىتاي ئەلچىخانىسى بۇنىڭغا بىۋاستە جاۋاپ بېرىشنى رەت قىلغان. كېيىن مۇخبىرلارغا يازما شەكىلدە خەت ئەۋەتىپ، مۇخبىرلادىن بۇ خىل تەكشۈرۈشنى توختىتىشنى، فرانسىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنى مۇھىم نۇقتا قىلىشنى تەكىتلىگەن.

خەۋەردە فرانسىيەدە ياشايدىغان سۈبھى ئىسىملىك بىر ئۇيغۇرنىڭ پارىژدا خىتايغا قارشى بىر نامايىشقا قاتنىشىپ ئۇزۇن ئۆتمەي خىتاينىڭ تەھدىت خېتىنى تاپشۇرۇپ ئالغانلىقى، تەنام ئىسىملىك بىر تىبەتلىكنىڭ خىتاينىڭ ئۇچۇر ۋاستىلىرىنى ئىشلىتىپ، دالاي لامانىڭ رەسىملىرىنى تارقاتقانلىقى ئۈچۈن كۆپلىگەن تىبەتلىكنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىغا شاھىت بولغانلىقى بايان قىلىنىدۇ شۇنداقلا فرانسىيەدىكى خىتايشۇناس مارى ھولىزمان خانىمنىڭ ئۆيىگە تەكلىپ قىلىنمىغان بىر يوچۇن مېھماننىڭ ئورغرىلىقچە كىرىپ پۈتۈن چىراقلارنى ياندۇرۇپ ئىشكاپلارنى، تارتمىلارنى ئېچىپ ئاختۇرۇپ چىقىپ كەتكەنلىكى، بۇنىڭ خىتايدىن كەلگەن «بىز ھەرقاچان ساڭا تىكىلىپ تۇرىۋاتىمىز» دېگەن بىر بىشارەت ئىكەنلىكى قەيت قىلىنىدۇ.

ھەممدىنمۇ دىققەتنى چېكىدىغىنى، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ فرانسىيەدە نازارەت قىلىۋاتقىنى ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، خىتايشۇناسلار بولۇپلا قالماي، بەلكى يەنە خوڭكوڭلۇقلار ۋە فرانسىيە مۇخبىرلىرىمۇ بولغان. فارانسىيە مەتبۇئاتلىرىدا خىتايدىكى رېيال ۋەزىيەتنى ئىپادە قىلىۋاتقان فرانسىيەلىك مۇخبىرلارغا خىتاي ئەلچىخانىسى ۋىزا رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىپ بېرىشنى ئىزچىل رەت قىلىپ كەلمەكتە ئىكەن.

خەۋەردە ئىلگىرى سۈرىلىشىچە، خىتاي ئەلچىخانىسى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى ئەلچىخانىغا كېلىپ يۇرتىدىن كەلگەن پوچتا بويۇملىرىنى تاپشۇرىۋېلىش ئۈچۈن تەكلىپ قىلغان ئەھۋاللارمۇ بولغان. ئەمما بۇنىڭدىكى مەقسەت ئۇ كىشىلەرگە پوچتا بويۇمى بېرىش ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ فرانسىيەدىكى پائالىيەت ئەھۋاللىرىنى ئىگىلەش، تومۇرىنى تۇتۇش بولغان.

بۇ ئەھۋاللار ھەققىدە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىدىكى مۇخبىرلار خىتاي ئەلچىخانىسىدىن جاۋاپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. ئەلچىخانا بىۋاستە جاۋاپتىن ئۆزىنى قاچۇرغان بولسىمۇ، كېيىن باش ئەلچى لۇ شايې مۇخبىرلارغا خەت ئەۋەتىپ «خىتاينىڭ چېگرا سىرتىدىكى كۆچمەنلەرنى كونترول قىلماقچى بولغانلىقىنىڭ پۈتۈنلەي ئىغۋا ئىكەنلىكىنى، دۆلەتنىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر باراۋەرلىكىنىڭ خىتاينىڭ ئاساسلىق دۆلەت سىياسىتى» ئىكەنلىكىنى ئىپادە قىلغان. ئۇ يەنە مۇخبىرلاردىن «خىتاينىڭ ۋەزىيىتىنى ئوبېيكتىپ ۋە بىتەرەپ مەيداندا تۇرۇپ تەشۋىق قىلىشىنى، فرانسىيە-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ياخشى دوستلۇق مۇناسىۋېتىنى قەدىرلىشىنى، بۇ تەكشۈرۈشنى ئەمەلدىن قالدۇرىشىنى» تەلەپ قىلغان.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى نازارەت قىلىش، ئۇلارغا تەھدىت سېلىش قىلمىشلىرى يېڭىلىق بولمىسىمۇ، بۇنىڭ كۆلىمىنىڭ بارغانسېرى كېڭىيىۋاتقانلىقى غەرب ئەللىرىنىڭ بارغانسېرى كۈچلۈك دىققىتىنى چەكمەكتە ئىكەن. نورۋېگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، «ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپ ئامبىرى» نىڭ مەسئۇلى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندىنىڭ بىلدۈرىشىچە، بۇ خىل نازارەت ۋە تەھدىت سېلىش قىلمىشلىرى گوللاندىيە، نورۋېگىيە، شىۋېتسىيە قاتارلىق ئەللەردىمۇ كۆپ يۈز بەرگەن.

«ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپ ئامبىرى» خىتاينىڭ بۇ خىلدىكى نازارەتلىرىگە، تەھدىتلىرىگە دۇچ كەلگەن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتا مەخسۇس بىر تور سەھىپىسى (https://www.utjd.org/register/tehdit) تەسىس قىلىپ، ئۇلارنىڭ ۋەقە يۈز بەرگەن ھامان تور ئارقىلىق مەلۇم قىلىشى ھەققىدە مۇراجىئەتنامە ئېلان قىلغان ئىدى.

«گېرمانىيە ئاۋازى» نىڭ 3-يانۋاردىكى «خىتاي قار تېيىلىش ئەترىتى كۈچىنى كۆرسىتىپ، نورۋېگىيە كۇتۇپخانىسىغا سەزگۈر ئەسەرلەرنى ئىشكاپلاردىن ئېلىۋېتىش بۇيرۇقىنى بەردى» ناملىق خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاينىڭ چەتئەلگە ئۇزارغان قولى ھەددىدىن ئېشىپ كەتكەن.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، 2020-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان 40 كىشىدىن تەركىپ تاپقان خىتاي قار تېيىلىش ئەترىتى نورۋېگىيەنىڭ مېراكېر دېگەن رايونىدا مەشق قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇلار نورۋېگىيە پايتەختى ئوسلودىكى كۇتۇپخانىغا قويۇلغان فالۇنگوڭچىلارغا ئائىت بىر كىتابنى كىتاب ئىشكاپىدىن ئېلىۋېتىشنى تەلەپ قىلغان. خىتايلارنىڭ بىلدۈرىشىچە، بۇ كىتاب 1999-يىلى خىتايدا چەكلەنگەن بولۇپ، نورۋېگىيەدىمۇ چەكلىنىشى لازىم ئىكەن.

خىتاينىڭ بۇ خىلدىكى تەلەپلىرى ئۇدا 3 قېتىم تەكرارلانغان. نورۋېگىيە كۇتۇپخانىسى خادىملىرىدىن ئاننە ماركەن «تروندھېئىم گېزىتى» گە بۇ ھەقتە قىلغان سۆزىدە «نورۋېگىيە پىكىر ئەركىنلىكىگە ئىگە دۆلەت. ئۇلارنىڭ تەلەپلىرىنى قوبۇل قىلالمايمىز» دېگەن ھەمدە بۇ ئۆكتەملىكنى قاتتىق ئەيىپلەپ «خىتاينىڭ چەتئەللەرگە قارىتا تەسىر كۈچىنى كېڭەيتىشتىن ئىبارەت بۇ ياۋايى غەرىزىگە قارىتا غەرب ھۆكۈمەتلىرىنى سەزگۈرلىكىنى ئاشۇرۇش» قا دەۋەت قىلغان.

بەختىيار ئۆمەر ئەپەندى خىتاينىڭ چېگرا سىرتىغا ئۇزارغان قولىغا نىسبەتەن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سەل قارىماسلىقىنى، بۇنداق ئەھۋاللارغا يولۇققان ھامان ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەرنىڭ قانۇن ئورگانلىرىغا مەلۇم قىلىشىنى ياكى توردا پاش قىلىشنى تەلەپ قىلدى. گېرمانىيەدىكى جامائەت ئەربابى ئابلىمىت تۇرسۇن ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.