نۆۋەتتە شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان زۇلخۇمار ئىسھاقنىڭ قۇمۇلدا بىر ئۆمۈر دۆلەت كادىرى بولۇپ ئىشلىگەن ئاتا-ئانىسى پېنسىيىگە چىققاندىن كېيىن، يەنى 2018-يىلى 11-ئايدا لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن. زۇلخۇمار ئىسھاق رادىيومىزغا بەرگەن سۆھبىتىدە ئاتا-ئانىسىنىڭ ھۆكۈمەتكە ئىنتايىن سادىقلىق بىلەن خىزمەت قىلغان كىشىلەر ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ «مېنىڭ ئاتا-ئانام پەقەت ئۇيغۇر بولغانلىقى ئۈچۈنلا تۇتقۇن قىلىندى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ لاگېرلاردا تېررورچىلارنى، رادىكاللارنى تەربىيىلەۋاتىمىز دېگىنى يالغان. مەن بۇنى دۇنياغا ئاشكارىلايمەن،» دېگەن ئىدى.
1988-يىلى قۇمۇلدا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان زۇلخۇمار ئىسھاق كىچىكىدىن تارتىپ خىتاي تىلىدا ئوقۇغان ۋە بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا قوبۇل قىلىنىپ، شۇ مەكتەپنىڭ ئاخبارات كەسپىدە ئوقۇغان. مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن بېيجىڭدا خىزمەت قىلىپ قالغان. بىراق ئۇ «گەرچە چىرايىم بەك ئۇيغۇرغا ئوخشاپ كەتمىسىمۇ، كىملىكىمدە ‹ئۇيغۇر› دەپ يېزىلغانلىقى ئۈچۈن ساقچىلارنىڭ مېنى توختىماي ئىزدەپ سوراق قىلىشىدىن قۇتۇلالمىدىم،» دەيدۇ.
ئەسلى كەسپى ئاخبارات ۋە تاراتقۇ بولغان زۇلخۇمار مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۆزىنىڭ كەسپىدە داۋاملىق سەپەرگە چىقىپ تۇرۇشى كېرەكلىكىنى، ئەمما ئۇيغۇر بولغانلىقى ئۈچۈن سەپەرگە چىقىپ مېھمانخانىلارغا چۈشۈشىنىڭ تولىمۇ قېيىن بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ ئاخىرى ئوقۇغان كەسپىنى قىلماي بېيجىڭدا باشقا خىزمەت ئىزدەشكە مەجبۇر بولغان.
ئۇ 2017-يىلىدىن باشلاپ، بېيجىڭدا ساقچىلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئىزدەپ سوراق قىلىشى ئېغىرلاپ كەتكەنلىكى، بېيجىڭدا بىر ئۇيغۇر بولۇپ ياشاش مۇمكىن بولمايدىغان ھالغا كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
بېيجىڭغا قاتنايدىغان پويىزدا بىر قېتىم پويىز خادىمى زۇلخۇمارنىڭ كىملىكىنى ئالاھىدە تەكشۈرمەكچى بولغاندا زۇلخۇمار بۇنىڭدىن نارازى بولۇپ، ئۇنى رەت قىلغان. بۇنىڭ بىلەن پويىز خادىمى كىيىمىدە «ئالاھىدە ھەرىكەت قىسمى» دەپ خەت يېزىلغان ئالاھىدە ساقچىنى چاقىرغان. شۇ قېتىم ئۇ پويىز خادىمىنىڭ قولىدا «پويىزدىكى نۇقتىلىق كىشىلەر» تىزىملىكى بارلىقىنى ۋە ئۇ تىزىملىكتىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۇيغۇرلۇقىنى بايقىغان.
ئۇ ئۆزى ئۇچرىغان مۇشۇنداق ئەھۋاللارنى ۋىدىيوغا تارتىۋالغان بولۇپ، بىر قېتىم زۇلخۇمارنىڭ ئاپىسى كۆز ئوپېراتسىيەسى قىلىش ئۈچۈن بېيجىڭغا كېلىپ مېھمانخانىغا چۈشكەندىمۇ شۇ يەرلىك بىر ساقچىنىڭ سوراق قىلىشىغا ئۇچرىغان.
زۇلخۇمار ئىسھاق «ئاخىرى خىتايدا بىر ئۇيغۇر بولۇپ ياشاشنىڭ مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلغاندىن كېيىن شۋېتسىيەگە كېتىشنى قارار قىلدۇق،» دەيدۇ.
زۇلخۇمار ئىسھاق «مېنىڭ نۆۋەتتىكى مەقسىتىم ئاتا-ئانامغا شۇنداقلا لاگېرغا قامالغان ئاشۇ مىليونلارچە ئۇيغۇر ۋە قازاق قاتارلىق بىگۇناھ كىشىلەرگە ياردەم قىلىش،» دەيدۇ.
زۇلخۇمار نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان مىللىي بېسىمنى، لاگېرلارنى ئاشكارىلاشتىكى ئاكتىپ پائالىيەتچىلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان.