خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ بۇرسادىكى فوتو-سۈرەت كۆرگەزمىسى بىكار قىلىنغان

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2020.01.24
Xitay-Elchixanisi-Korgezme-Bursa.jpeg خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ بۇرسادا ئاچماقچى بولغان فوتو-سۈرەت كۆرگەزمىسىنىڭ ئۇقتۇرۇشى.
RFA/Erkin Tarim

خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى تۈركىيەنىڭ بۇرسا شەھىرى ئوسمانغازى رايونىدا كۆرگەزمە ئېچىشنى تەلەپ قىلغان. رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ تەستىقى بىلەن خىتاي ئەلچىخانىسى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيەتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇرسادىكى فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنىڭ 22-يانۋار كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 3:00 تە ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش تارقاتقان.

بۇرسا ئۇلۇداغ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئوقۇغۇچىلار بۇ ئېلاننى كۆرگەندىن كېيىن بۇرسا شەھىرى ئوسمانغازى رايونلۇق ھۆكۈمەتكە ئەرز قىلىپ، خىتاي كۆرگەزمىگە قويۇدىغان فوتو سۈرەتلەرنى تەپسىلىي كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن ئاندىن ئۇلارغا رۇخسەت بېرىشنى تەلەپ قىلغان. بۇرسا ئۇلۇداغ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋەكىلى ئابدۇلقادىر ئابدۇلكېرىم ئەپەندى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مەلۇمات بەردى.

ئوسمانغازى رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جەم كۈرشات ھەسەنئوغلۇ ئەپەندى بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ دەسلەپتە خىتاي مەدەنىيىتى كۆرگەزمىسى ئاچىمىز دەپ رۇخسەت ئالغانلىقىنى، كېيىن فوتو سۈرەتلەرنى تەكشۈرگىنىدە ساختا مەزمۇندىكى سۈرەتلەرنىڭ بايقالغانلىقىنى بايان قىلىپ، مۇنداق دېدى: «بۇ فوتو سۈرەتلەردە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بەختلىك ياشاۋاتقانلىقى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ھەر جەھەتتىن تەرەققىي قىلدۇرغانلىقى تەشۋىق قىلىنغان ئىكەن. بىز بۇنى بايقىغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسىنى بىكار قىلدۇق.»

ئابدۇلقادىر ئابدۇلكېرىم ئەپەندى بۇرسا شەھەرلىك ھۆكۈمەت باشلىقى مۇستافا دۈندار ئەپەندىنىڭ خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ بۇ قېتىملىق فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسىدە كۆرگەزمە قىلماقچى بولغان سۈرەتلىرىنى كۆرگەندىن كېيىن كۆرگەزمىنى دەرھال بىكار قىلغانلىقىنى بايان قىلدى. 

قىممەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، بۇرسا شەھىرى تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئەڭ كۆپ ئوقۇيدىغان شەھەرلەردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇرسادىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ھازىرغىچە ئوسمانغازى رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمى بىلەن ئىتايغا قارشى كۆپ قېتىملار نامايىش ۋە مەتبۇئات باياناتى ئېلان قىلىش يىغىنلىرى ئۆتكۈزگەن. ئوسمانغازى رايونلۇق ھۆكۈمەت خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ «بۇرسا فەتىھ مۇزېيى» دا ئۆتكۈزمەكچى بولغان فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسىنى بىكار قىلغاندىن كېيىن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋەكىلى ئابدۇلقادىر ئابدۇلكېرىم باشچىلىقىدىكى بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇرلار فەتىھ مۇزېيىغا بېرىپ، ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق ئاسقان. ئابدۇلقادىر ئابدۇلكېرىم بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى. 

يېقىندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى تۈرك خەلقىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان كۆز قارىشىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنماقتىكەن. بۇ جەھەتتىن خىتاي دىپلوماتلىرى ئىزچىل ھالدا تۈرك دىپلوماتلار، ئاممىۋىي تەشكىلات مەسئۇللىرى ۋە سىياسەتچىلەر بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بەختلىك ياشاۋاتقانلىقىنى ئاڭلىتىشقا تىرىشماقتىكەن. ئۇنداقتا، خىتاي ھەر خىل يوللار بىلەن تۈرك خەلقىنى ئىشەندۈرەلەمدۇ؟ 

جەم كۈرشات ھەسەنئوغلۇ ئەپەندى خىتاينىڭ بۇ خىل يوللار ئارقىلىق تۈرك خەلقىنى ئالدىيالمايدىغانلىقىنى بايان قىلىپ، مۇنداق دېدى: «تۈركلەر ئۇ يەردە بېسىم بارلىقىنى بىلىدۇ. ئۇ يەردە شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىز زۇلۇم تارتىۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلار تۈركلەرنىڭ قېرىندىشى، تۈرك مىللىتىنىڭ بىر پارچىسىدۇر. شۇڭا خىتاي تۈركىيەدە بىر قانچە كۆرگەزمە ئېچىش ئارقىلىق بىزنى ھەرگىزمۇ ئىشەندۈرەلمەيدۇ.»
ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى ئوتتۇرىغا چىققاندىن بۇيانقى 3 يىل ئىچىدە بۇرسادا خىتايغا قارشى ئەللىكتىن كۆپ پائالىيەت ئۆتكۈزۈلگەن ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.