«ئامېرىكا نېمىشقا شىنجاڭنى خىتايدىن بۆلۈۋەتمەكچى؟» ناملىق ۋىدىيودا ئەكس ئەتكەن خىتاي تەشۋىقاتى(2)

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز جەۋلان تەييارلىدى
2024.02.02
xj-parchilash-xitay-teshwiqati-li-jingjing-1 خىتاي يەر شارى تېلېۋىزىيە مۇخبىرى لى جىڭجىڭ X تە تارقاتقان «ئامېرىكا نېمىشقا شىنجاڭنى خىتايدىن بۆلۈۋەتمەكچى؟» ناملىق ۋىدىيونىڭ ئېكران كەسمىسى. 2024-يىلى يانۋار.
YouTube/Li Jingjing

خىتاي يەر شارى تېلېۋىزىيە مۇخبىرى لى جىڭجىڭ 28-يانۋار كۈنى يۇتۇب ۋە X دا ئېلان قىلغان «ئامېرىكا نېمىشقا شىنجاڭنى خىتاينى بۆلۈۋەتمەكچى» ناملىق ۋىدىيونىڭ كېيىنكى قىسمىدا يەنە ئامېرىكانى، ئامېرىكانىڭ مەركىزىي ئىستىخبارات ئىدارىسى (CIA) نى «خىتاينى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇپ كېلىۋاتقانلىقى» بىلەن ئەيىبلىگەن.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكاغا قاراتقان سىياسىتى ۋە تەشۋىقاتى ئەزەلدىن ئىككى يۈزلىمىچىلىك خاراكتېرىنى ئالغان بولۇپ، ئامېرىكا بىلەن يېقىن ئۆتكەن چاغدا بۇنداق تەشۋىقاتلارنى ئالدىراپ ئېلان قىلمايدىكەن؛ ئامېرىكا بىلەن مۇناسىۋىتى يامانلىشىپ قالغاندا، خىتاينىڭ ئىچىدىلا ئەمەس، خەلقئارادىمۇ ئامېرىكاغا قارشى تەشۋىقات ئېلىپ بارىدىكەن. ئامېرىكا سابىق پرېزىدېنت دونالد ترامپ دەۋرىدە خىتاي بىلەن سودا جېڭىنى باشلاپ، ئارقىدىن خىتاينى ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان دۆلەت دەپ ئېلان قىلغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ ئامېرىكىغا قاراتقان سىياسىتى ۋە تەشۋىقاتى ئىزچىل ھالدا قارشىلىق تۈسىنى ئېلىپ كەلگەن. چۈنكى ئامېرىكانىڭ خەلقئارا سىياسىتى، شۇنداقلا ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ دۇنيانى قاپلاش ۋە خەلقئاراغا تەسىر كۆرسىتىش نىسبىتى يەنىلا يۇقىرى بولۇپ، خىتايغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان دۆلەت» دېگەن تامغىنىڭ ئۇرۇلۇشى شى جىنپىڭنىڭ خىتاي چۈشىنى ۋەيران قىلىشتا مۇئەييەن رول ئوينىغان. شۇڭا خىتايمۇ تەشۋىقات ئاپپاراتلىرىنى ئىشقا سېلىپ، بۇ لەنەت تامغىسىنى ئۆچۈرۈشكە ئۇرۇنۇپ كەلگەن؛ بۇنىڭ ئۈچۈن ئامېرىكانى قارىلاشقا، بارلىق جىنايەتنى، سەۋەبنى ئامېرىكىغا ئارتىپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە ئوتتۇرىغا چىققان بارلىق ئەيىبلەشلەردىن، جازا ۋە چەكلىمىلەردىن قۇتۇلماقچى بولغان.

ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى گوردون چاڭ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جېدىلى ھازىر ئامېرىكادا قالدى. بىراق دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەرمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچرىشىدەك ھەقىقەتنى بىلىدۇ، ئۇلارمۇ بۇنىڭغا ئاۋاز چىقارماقتا. مۇش كەمگىچە خىتاي ھۆكۈمىتى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كىشىلەرگە تەھدىت سېلىپ ئۇلارنى جىمىقتۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ كەلدى. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەغلۇپ بولۇشىغا ئەگىشىپ، باشقا دۆلەتلەرمۇ خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى ئەيىبلەيدىغان سەپكە قېتىلىدۇ».

لى جىڭجىڭنىڭ تەشۋىقات ۋىدىيوسىدا ئامېرىكا مەركىزىي ئىستىخبارات ئىدارىسى قانداقتۇر «شىنجاڭنى خىتايدىن ئايرىۋېتىش پىلانى» نىڭ باش ئىجرائاتچىسى قىلىپ كۆرسىتىلگەن. تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى، تارىخ پەنلىرى دوكتورى ئەركىن ئەكرەمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا مەركىزىي ئىستىخبارات ئىدارىسى ئامېرىكانىڭ باشقا ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىغا ئوخشاش خىزمەت قىلىدىغان ئورگان بولۇپ، ئۇنىڭ رولىنى كۆپتۈرۈۋېتىش، يەنى ئۇنى ئامېرىكانىڭ دۇنيانى ئۆز رايىچە ئۆزگەرتىدىغان باش شتابى قىلىپ كۆرسىتىش بۈگۈنكى رېئاللىققا ئۇيغۇن كەلمەيدىكەن.

ئامېرىكالىق سىياسىي ئانالىزچى دوكتور ئاندېرس كور ئەپەندى مەركىزىي ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ «شىنجاڭ مەسىلىسى» گە ئارىلاشقانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق ئىسپات يوقلۇقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: «1950-يىللاردا مەركىزىي ئىستىخبارات ئىدارىسى تىبەت مۇستەقىلچىلىرىگە ياردەم بەرگەن، ھىندىستانمۇ ئۇلارغا ياردەم بەرگەن. ھالبۇكى ئۇ جايدا نۇرغۇن ئادەم ئۆلگەن. ئەمما مەركىزىي ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ شىنجاڭ مۇستەقىلچىلىرىگە ياردەم بەرگەنلىكى ھەققىدە مەن ھېچقانداق ئىسپات كۆرمىدىم. چۈنكى ئۇ نۇرغۇن ئادەمنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەب بولىدىغان خەتەرلىك بىر ئىستراتېگىيە. بىر رايوندىكى مۇستەقىلچىلەرگە ياردەم بېرىش ئارقىلىق ئۇ جايدا ئۇرۇش پەيدا قىلىش ياخشى ئىش ئەمەس».

ئاندېرس كور ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، لى جىڭجىڭ بۇ ۋىدىيوسىدا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ بۇرۇن شۇنداق ئىشلارنى قىلغانلىقىنى تۈتىۋېلىپ، باشقىلارنى قايىل قىلىشقا ئۇرۇنغان. ئامېرىكانى بارچە يامانلىقنىڭ بېشى قىلىپ كۆرسىتىدىغان بۇ خىلدىكى ۋىدىيولار، مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدە خېلىلا بازار تاپقان بولۇپ، خىتاي تەشۋىقاتچىلىرى ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلانغان. دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۈركىيەدىمۇ ئامېرىكاغا قارشى پىكىر ئېقىمى مەۋجۇت بولۇپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە كۆز يۇمۇپ، ئۇنى «مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ پروجېكتى (پىلانى)» دەيدىغانلارمۇ ئوتتۇرىغا چىققان. ئۇ، بۇنداق قاراشنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈپ: «بۇنداق گەپلەر ئوتتۇرىغا چىقىشتىن ئىلگىرىلا ئۇيغۇرلارنىڭ زۇلۇمغا ئۇچراش مەسىلىسى مەۋجۇت ئىدى» دەيدۇ.

ئاندېرس كور ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ تەشۋىقات ۋىدىيوسىدا ئامېرىكا ئۇرۇش ۋە مالىمانچىلىقنىڭ مەنبەسى قىلىپ كۆرسىتىلگەن؛ ھالبۇكى ئامېرىكا ئەزەلدىن مۇستەبىت ۋە فاشىست ھاكىمىيەتلەر بىلەن ئۇرۇشۇپ كەلگەن. خىتاينىڭ بۇنداق تەشۋىق قىلىشى سەۋەبسىز ئەمەس، چۈنكى ھازىر دۇنيادا دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ تەشۋىقاتى بىلەن مۇستەبىت دۆلەتلەرنىڭ تەشۋىقاتىدىن ئىبارەت ئىككى ئېقىم مەۋجۇت ئىكەن؛ بۇنداق تەشۋىقات جېڭىدە ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى دېموكراتىك دۆلەتلەرمۇ خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى پاش قىلىشى ۋە خىتاي تەھدىتىگە قارشى پىكىر ئېقىمىنى كۈچەيتىشى كېرەك ئىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «رېئاللىق شۇكى، شىنجاڭدا ھازىرمۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىق داۋاملىشىۋاتىدۇ. خىتايلار بىر مىللەتنى، بىر دىننى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. ئامېرىكامۇ ئۆزىنىڭ تەشۋىقاتلىرىدا بۇنى قوللانسا بولىدۇ. ھالبۇكى ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ ئالاھىدىلىكى ئوخشىمايدۇ. ئامېرىكا بولسا دېموكراتىيەنى، كۆپ خىللىقنى ياقلايدۇ، بۇ ناھايىتى ياخشى ئىشتۇر. ئەگەر دۇنيادىكى بارلىق دۆلەتلەر دېموكراتىك دۆلەتلەر بولغان بولسا، ئۇرۇش يۈز بەرمىگەن بولاتتى. چۈنكى دېموكراتىك دۆلەتلەر ئەزەلدىن بىر-بىرى بىلەن ئۇرۇشمايدۇ. ئۇلار مۇستەبىتلەردىن قورقمايدۇ ھەم ھېچ سەۋەبسىزلا ئۇرۇش قوزغىمايدۇ. ئەمما ئۇرۇشنى مۇستەبىتلەر قوزغايدۇ. شۇڭا بىز ئۆزىمىزنىڭ تەشۋىقاتىنى ياخشى قىلىشىمىز كېرەك، چۈنكى بىزنىڭ تەشۋىقاتىمىز ياخشى تەشۋىقات، ئۇلارنىڭ تەشۋىقاتى مۇستەبىت تەشۋىقات، ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى قوللايدىغان تەشۋىقات، خىتاي يەرشارى تېلېۋىزىيە تورى مۇستەبىتلىكنى تەشۋىق قىلىدۇ».

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.