يېقىندىن بۇيان خىتاينىڭ كەتمىنىنى چېپىۋاتقان خىتاينىڭ ئاكتىپ تور تەشۋىقاتچىسى مۇخبىر فېرناندو مۇنوز بېرنال(Fernando Munoz Bernal) نىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى خىتاي تەشۋىقاتىنى ياقلايدىغان ئۇرۇنۇشلىرى يەنىمۇ ئەۋجىگە چىقماقتا. ۋەھالەنكى، بۇنىڭ مىسالى سۈپىتىدە چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئۇنىڭغا رەددىيە بەرگەن ئىنكاسلىرىغا قارىتا X سۇپىسىدا يوللىغان «بۇ يەردە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يوق، شۇڭا ئەگەر بۇ پاكىتسىز ئەيىبلەشلەرنى سوتقا تاپشۇرۇش توغرا كەلسە، ھەقىقەت بولمىغانلىقتىن سوت تەرىپىدىن رەت قىلىنىدۇ.» دېگەن بىلجىرلاشلىرىدۇر.
ئەسلىدە خىتاينىڭ دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى چەت ئەلگە قارىتىلغان تەشۋىقات ۋاسىتىسى بولغان CGTN تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ دائىملىق مۇخبىرى فېرناندونىڭ، ئۆتكەن ئايدا X سۇپىسىدا ھەمبەھىرلىگەن «شىنجاڭغا ساياھەتكە بارماڭ!» ناملىق ماۋزۇدىكى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ساياھىتى» دەپ خەشتەگ قويۇلغان ۋىدىيوسىغا قارشى ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان روس-خۇلمان تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ دوتسېنتى تىمۇسىي گروس ئىنكاس قايتۇرغانىدى. دەرۋەقە، تىمۇسىي گروسنىڭ «ئۇ بۇ يەردە، ئۇيغۇرلارنىڭ كاۋاپ يېيىشى ۋە ئۇسسۇل ئوينىشىدىن باشقا ھېچنەرسىنى كۆرمىگەن.» دەپ كىنايە قىلغان سۆزلىرى X سۇپىسىدا ئۆزىنى «ChinaTeacher1» دەپ ئاتىغان كولۇمبىيەلىك بلوگېر فېرناندوغا خىتاينىڭ دۇمبىقىنى چالىدىغان يەنە بىر پۇرسەت يارىتىپ بەرگەن. ئۇ بۇ قېتىم، 3 مىنۇتتىن ئارتۇق ئىشلەنگەن مەخسۇس ۋىدىيونى ھەمبەھىرلەپ، ئۇيغۇر ئېلىدە ھېچقانداق ئىرقىي قىرغىنچىلىق، مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە ئۇيغۇر تىلىنى چەكلەش قىلمىشلىرىنىڭ بولمىغانلىقىنى ئېيتقان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە، ئۆزىنىڭ پىكرىگە رەددىيە بەرگۈچىلەرنىڭ پاكىتسىز ئەيىبلىگەنلىكىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئۆزىنى سوتقا سۇنسىمۇ، سوت تەرىپىدىن سوتچىنىڭ ۋاقتىنى ئىسراپ قىلىدىغان ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلمىغان ئەيىبلەشلەر دەپ قارىلىپ، ھەرگىزمۇ پىسەنتكە ئېلىنمايدىغانلىقى ھەققىدە داۋراڭ سالغان.
تىمۇسىي گروس بۇ ھەقتە X سۇپىسىدا، «بۇ بەكمۇ كۈلكىلىك، پەقەت بىر قېتىملا قارشىلىق بىلدۈرگەن بۇ ھېسابات، تۆھمەت قىلىش دەۋاسى بىلەن مېنى تەھدىتكە ئۇچراتتى.» دەپ ئىنكاس قايتۇرغان. تىمۇسىي گروس رادىيومىزنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىپ، خىتاينىڭ تەشۋىقاتىغا ھەمنەپەس بولۇۋاتقانلار ھەققىدە مۇنۇلارنى دېدى:
«قانداقلا بولۇشتىن قەتئىي نەزەر، ئەندىي (Andy) ۋە فېرناندو مۇنوزغا ئوخشاش كىشىلەرنىڭ خىتاينىڭ بۇ خىلدىكى ساياھەت تەشۋىقاتلىرىنى ناھايىتى ئاۋازلىق قوللىشى ئەلۋەتتە ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەس. ناھايىتى ئېنىقكى، ئۇلار بۇ خىل يول بىلەن خەلقئارا جەمئىيەتتە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا بولغان گۇماننى ئاشۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. ۋەھالەنكى شۇنداق ئېيتىشقا بولىدۇكى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ھەرگىزمۇ ئىنكار قىلغىلى بولمايدىغان ھەقىقەتتۇر. ئەجەبلىنەرلىك تۇيۇلمايدىغان يەنە بىر تەرىپى شۇكى، ئۇلار مۇشۇ خىلدىكى ئىشلارنىلا قىلىشقا چامىسى يېتىدۇ. يەنى، ئۇلار پەقەتلا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ سىياسىيىتىگە بوي سۇنۇشنىلا بىلىدۇ. چۈنكى ئۇلار، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بىۋاسىتە كونتروللۇقىدىكى ئاممىۋى تەشۋىقات قورالىدۇر.»
ئۇ يەنە يېقىندىن بېرى خىتاينىڭ دۇمبىقىنى چېلىۋاتقان بۇ خىلدىكى تەشۋىقات ۋە تور تەشۋىقاتچىلارغا قانداق پوزىتسىيەدە بولۇش توغرۇلۇق ئۆز قارىشىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى:
«ئەلۋەتتە، كىشىلەر ئۇلارنىڭ يازما-ئىزاھاتىنى ئوقۇيدۇ، شۇنداقلا ئۇنىڭغا قارىتا ئۈمىدسىزلىنىش، بىزار بولۇش، ھەتتا مەلۇم دەرىجىدىكى ئاچچىقلىنىش تۇيغۇسىنى پەيدا قىلىدۇ. ھەتتا مەلۇم، ھازىر ‹شىنخۇا ئاگېنتلىقى› ياكى ‹خىتاي كۈندىلىك گېزىتى› دەك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىكى ماقالىلەردىمۇ ئۇيغۇر ئېلىدىكىلەرنىڭ بەختىيار-باياشات ۋە خۇشال ياشاۋاتقانلىقى يېزىلىۋاتىدۇ. ھالبۇكى، بۇلارنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى يەنى باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ يازمىلىرىنى ئوقۇش كېرەك. ئەمما، ئۇنىڭغا كۆز يۈگۈرتۈپ قويۇشلا كۇپايە. چۈنكى ئۇلارغا ئەستايىدىللىق بىلەن مۇئامىلە قىلىنماسلىقى كېرەك.»
بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزگە داخىل بولغان ئامېرىكادىكى خىتاي ئانالىزچى خۇ پېڭ ئەپەندى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ پىكىر بايان قىلدى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ زور مەبلەغ ئاجرىتىشى بىلەن خىتاينىڭ دۆلەت ئىچى ۋە چەتئەللەردە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئىنكار قىلىدىغان چەتئەللىك ئاخبارات تاراتقۇچىلار ۋە شۇنىڭدەك ئاخبارات تاراتقۇ ۋاسىتىلىرى بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقان ئىكەن. خۇ پېڭ ئەپەندى ئىنكاسىدا، خىتاينىڭ كۈچلۈك ئارقا تېرىكىگە تايىنىپ ئۇلارنىڭ تەشۋىقاتىغا ھەمنەپەس بولۇۋاتقان چەتئەلدىكى تور تەشۋىقاتلىرىغا قارىتا ناھايىتى سەگەك بولۇش كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:
«غەرب دۆلەتلىرىدە كىشىلەر ئادەتتە پىكىر بايان قىلىش جەھەتتە چەكلىمىگە ئۇچرىمايدۇ. شۇ سەۋەبتىن خىتاي بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، ئۆزىنىڭ تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىۋاتىدۇ. خىتاي دائىرىلىرى ئىنتېرنېت ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدىكى تۈرلۈك يوللار بىلەن نۇرغۇن تورداشلارنى جەلپ قىلىپ، ‹شىنجاڭ ھەققىدە ياخشى ھېكايىلەرنى يېزىش› قا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. ھالبۇكى، نۆۋەتتە ئۇلارنىڭ ھەر يەردە ھەر خىل ئۇسۇل بىلەن تارقىتىۋاتقان خىتاي تەشۋىقات ئۇچۇرلىرىنى ھەممە كىشى راست-يالغان دەپ ئايرىپ، ئۇنىڭ كېلىش مەنبەسى ۋە سەۋەبىنى ئېنىقلاپ يۈرمەيدۇ. شۇڭا، بىز چەتئەللەردە ياشاۋاتقان كىشىلەر بۇ مەسىلىگە جىددىي قاراپ، خىتاينىڭ مۇستەملىكە سىياسىتىگە قارشى نارازىلىقىمىزنى بىلدۈرۈشىمىز، ھەقىقەتنى ئاشكارىلىشىمىز زۆرۈر. مېنىڭچە بىز تەرجىمە سېپىمىزنى كۈچەيتىپ، خىتاينىڭ قەبىھ قىلمىشلىرىنى ئاشكارىلايدىغان ۋە ئىسپاتلايدىغان دوكلات-ماقالىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئىنگلىز تىلىغا تەرجىمە قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ غەرب ئوقۇرمەنلەرگە تارقىتىشقا كۈچ چىقىرىشىمىز كېرەك. بىز ھەقىقەتنىڭ ئاۋازىنى سىرتقى دۇنياغا قانچە كۆپ ئاڭلاتقاندىلا، ئاندىن خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ يالغانچىلىقى ۋە تەشۋىقات سۇيىقەستلىرىنى بىتچىت قىلالايمىز.»
خۇ پېڭ ئەپەندى سۆزىدە يەنە، ئۆتكەن ھەپتە خىتاينىڭ كانادادىكى باش ئەلچىسىنىڭمۇ كانادادىكى بىر يەرلىك گېزىتتە «گۈزەل شىنجاڭ ياخشى جاي» سەرلەۋھىلىك ماقالە ئېلان قىلغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى. ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇ كەمدىن-كەم ئۇچرايدىغان ھادىسە بولۇپ، خىتاي بۇ ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ساختىلىقلىرىنى ئۇستىلىق بىلەن يەنىمۇ كېڭەيتىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.
خىتاينىڭ ئاكتىپ تور تەشۋىقاتچىسى فېرناندونىڭ X سۇپىسىدا تارقاتقان ۋىدىيوسىنىڭ ئاخىرقى كۆرۈنۈشىدە، بۇ ۋىدىيونى ئىشلەشكە قاتناشقۇچىلارنىڭ تىزىملىكى كۆرسىتىلگەن. دەرۋەقە، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئىنكار قىلىدىغان ۋە ئۇنىڭغا رەددىيە بەرگۈچىلەرگە قارشى پاكىتسىز تۆھمەت دەپ تەييارلانغان بۇ مەخسۇس ۋىدىيولۇق پىروگراممىنىڭ فىلىم ئىشلىگۈچىسىدىن تارتىپ، مۇخبىر، سىن كىرىشتۈرگۈچى ھەتتا خەت كىرگۈزگۈچىلەرنىڭ ھەممىسى شۈبھىسىزكى، خىتايلاردىن تەشكىل تاپقانىكەن.