«مىللەت» گېزىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي تەشۋىقات ئېلانىغا يەر بەردى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئازىغ
2021.09.14
«مىللەت» گېزىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي تەشۋىقات ئېلانىغا يەر بەردى 13- سېنتەبىر كۈنى، «مىللىيەت» گېزىتىنىڭ 11-بېتىدە ئېلان قىلىنغان «خىتاي-شىنجاڭ ئېتنىك باراۋەرلىك سىياسىتىنىڭ شاھىتى ۋە مەنپەئەتلەنگۈچىلىرى» نامىدىكى سىياسىي تەشۋىقات يازمىسى.
RFA/Azigh

13-سېنتەبىر كۈنى، «مىللەت» گېزىتىنىڭ يېڭى سانىنىڭ 11-بېتىدە، «خىتاي-شىنجاڭ ئېتنىك باراۋەرلىك سىياسىتىنىڭ شاھىتى ۋە مەنپەئەتلەنگۈچىلىرى» نامىدا بىر سىياسىي تەشۋىقات يازمىسى ئېلان قىلىنغان.

مەزكۇر يازما خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئائىت بىر ئېلان بولۇپ، «مىللەت» گېزىتىنىڭ 11-بىتى پۈتۈنلەي بۇ ئېلانغا ئايرىلغان.

تۈركىيەدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە، ئېلان بىلەن خەۋەرلەرنىڭ پەرقى ئېنىق بولۇشى شەرت بولسىمۇ، لېكىن خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ بەرگەن ئېلانلىرى خەۋەرگە ئوخشىتىپ لايىھىلەنگەن. ئوقۇرمەننىڭ خەۋەر بېتى بىلەن ئېلان بېتىنى پەرق قىلىشى قەستەن تەسلەشتۈرىۋېتىلگەن بولۇپ، خىتاي دىپلوماتىك ئورگانلىرىنىڭ سىياسىي تەشۋىقات ئېلانلىرى گېزىتنىڭ رەسمىي خەۋەرلىرىگە ئوخشىتىپ ئېلان قىلىنغان.

مەزكۇر ئېلاندا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسەتلىرى ئوقۇرمەنلەرگە «تېررورلۇققا قارشى ھەرىكەتنىڭ بىر پارچىسى» سۈپىتىدە تونۇشتۇرۇلغان بولۇپ، ئېلاندا ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەرلىك مىللەتلەرنىڭ «بەخت-سائادەت ئىچىدە، خۇشال-خۇرام ياشاۋاتقانلىقى» ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

«جۇمھۇرىيەت» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان خىتاينىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئېلانى.
«جۇمھۇرىيەت» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان خىتاينىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئېلانى.

ئېلاندا يەنە، ئۇيغۇر ۋە باشقا ئېتنىك گۇرۇپپىلارنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە دىنى ھوقۇققا ئىگە ئىكەنلىكى، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئەركىنلىكىنىڭ تامامەن قوغدىلىنىدىغانلىقى يېزىلغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى ۋاقىتلاردىن بۇيان، تۈركىيەدە ئېلان بېرىش ئۇسۇلى ئارقىلىق سىياسىي تەشۋىقاتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ كەلمەكتە. بۇنىڭدىن بۇرۇن، «ھۆرىيەت» گېزىتىدە خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ روزا ھېيت بايرىمى تەبرىكنامىسى، «جۇمھۇرىيەت» گېزىتىدە قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئېلانى، خىتاي دىپلوماتلىرى بىلەن ئالاھىدە زىيارەت خاتىرىلىرى، شىنخۇا خەۋەر ئاگېنتلىقى تەييارلىغان پۈتۈن سەھىپىلىك ئېلانلار بېرىلگەنىدى.

خىتاي دىپلوماتىك ئورگانلىرىنىڭ بۇ تىرىشچانلىقى بەزى كۆزەتكۈچىلەر تەرىپىدىن خىتاينىڭ ئىقتىسادىي كۈچ ئارقىلىق تۈركىيە ئاخباراتىغا تەسىر كۆرسىتىش ئۇرۇنۇشى دەپ قارالماقتا. بەزى مۇتەخەسسىسلەر بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پۇل ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسەتلىرىنى ئاقلاشقا تىرىشىشىنى ئۇلارنىڭ ئاخباراتنىڭ قوللىشىدىن مەھرۇم قالغانلىقىنىڭ ئىسپاتى دەپ باھالىماقتا.

ئىستانبۇلدىكى ئىبنى خالدۇن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتورانتى مەۋلان تەڭرىقۇت ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئېلان ئارقىلىق سىياسىي تەشۋىقات تارقىتىشىنىڭ سەۋەبلىرى ۋە تەسىرى ھەققىدە كۆز قاراشلىرىنى ئورتاقلاشتى.

«سەربەستىيەت» گېزىتنىڭ مۇخبىرى، ژۇرنالىست ئونۇر ئەركان زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «تۈركىيە ئاخباراتىدا بۇندىن بۇرۇنمۇ بۇ خىل ئېلانلار كۆرۈلگەنىدى. ساباھ، ھۆرىيەت، جۇمھۇرىيەت قاتارلىق ئىدېئولوگىيەلىك پوزىتسىيەسى مەۋجۇت ئاخبارات ۋاستىلىرىدا بۇ خىلدىكى خىتاي ئېلانلىرى بېرىلدى. بۇ قېتىم ئېلانغا ئېلاننى بەرگەن خىتاي دۆلەت ئاپپاراتىنىڭ ئىسمى يېزىلمىغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئېلان يەنە خەۋەر شەكلىدە يېزىلغان، دىققەت قىلمىغان ئوقۇرمەن ئوڭايلا بۇ ئېلاننى خەۋەر دەپ ئويلاپ قالىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر دۆلەتتە بولۇشى كېرەك بولغان كىشىلىك ھوقۇق، قانۇن ۋە ئەقەللىي ئەركىنلىكنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ غەلبىسىدەك كۆرسىتىپ، بۇنى پۇل بىلەن ئېلان بېرىپ، گېزىتكە باستۇرغان. مەن بۇ جەھەتتىن خىتاينىڭ سىياسىي تەشۋىقاتچىلىرىنى ئىنتايىن يارامسىز دەپ قارايمەن».

ئۇيغۇر سوتىنىڭ گۇۋاھلىقلىرى غەلىبىلىك ئاياغلاشقان ۋە دۇنيانىڭ دىققىتى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە يەنە بىر قېتىم مەركەزلەشكەن مەزگىلدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادىي كۈچى ئارقىلىق «قىرغىنچىلىق» سىياسەتلىرىنى ئاقلىماقچى بولۇشى كۆزەتكۈچىلەر تەرىپىدىن تەشۋىقاتتا مەغلۇپ بولغانلىقىنىڭ ئىپادىسى دەپ قارالماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.