خىتاينىڭ تەيۋەنگە تاجاۋۇز قىلىش مەقسىتىدە ھەربىي ھازىرلىقلارنى كېڭەيتىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە

مۇخبىرىمىز جۈمە
2020.10.18
df-17.jpg خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تەيۋەنگە تاجاۋۇز قىلىش مەقسىتىدە شەرقىي جەنۇبىي دېڭىز رايونىغا ئۆزىنىڭ DF-17 تىپلىق ئاۋازدىن تىز ئۇچىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنى يۆتكەپ بارغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.
Social Media

«جەنۇبىي خىتاي سەھەر گېزىتى» نىڭ ھەربىي كۆزەتكۈچى ۋە باشقا مەنبەلەردىن نەقىل ئېلىپ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى تەيۋەنگە تاجاۋۇز قىلىش مەقسىتىدە شەرقىي جەنۇبىي دېڭىز رايونىدا ھەربىي ھازىرلىقلارنى كۈچەيتمەكتە ئىكەن.

خەۋەرگە قارىغاندا، بېيجىڭدىكى ھەربىي مەنبەلەر خىتاينىڭ مەزكۇر رايونلارغا ئۆزىنىڭ DF-17 تىپلىق ئاۋازدىن تىز ئۇچىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنى يۆتكىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. 

مەزكۇر بومبىلارنىڭ ئۇچۇش مۇساپىسى 2 مىڭ 500 كىلومېتىر ئەتراپىدا بولۇپ، بەلگىلەنگەن نىشانغا دەل تېگىش نىسبىتىمۇ بىر قەدەر يۇقىرى ئىكەن. 

خىتاي ھەربىي دائىرىلىرى مەزكۇر بومبىلارنى فۇجىيەن ۋە جېجياڭ قاتارلىق ئۆلكىلەرگە ئورۇنلاشتۇرغان. 

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىققا مايىل سابىق پرېزىدېنتى چېن شۈيبيەن ھاكىمىيەت سۈرگەن دەۋرلەردىمۇ فۇجىيەن ۋە جېجياڭ قاتارلىق ئۆلكىلەردىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سانىنى كۆپەيتكەن ئىكەن. 

تەيۋەننىڭ نۆۋەتتىكى پرېزىدېنتى سەي يىڭۋىنمۇ چېن شۈيبيەنگە ئوخشاشلا تەيۋەن «دېموكراتىك ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى» دىن بولۇپ، تەيۋەننى ئامېرىكاغا ئىلگىرىكىدىنمۇ يېقىنلاشتۇرغان ۋە ئامېرىكا بىلەن «ۋەتەنپەرۋەر» تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى، F-16 كۈرەشچى ئايروپىلانلارنىڭ ئىلغارلاشتۇرۇلغان رادار سىستېمىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن مىقداردىكى قورال-ياراق كېلىشىملىرىنى ئىمزالىغان. 

خەۋەردە كانادادىكى «كانۋا مۇداپىئە تەقرىزى» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى ئاندرېي چاڭنىڭ ئېيتقانلىرىدىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، خىتاي يەنە ئۆزىنىڭ گۇاڭدۇڭ ۋە فۇجىيەن ئۆلكىلىرىدىكى دېڭىز ئارمىيە پىيادىلىرى ۋە راكېتا قىسىملىرىنى كېڭەيتكەن. 

ئۇ مۇنداق دېگەن: «شەرقىي ۋە جەنۇبىي ئۇرۇش رايونىدىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبا بازىلىرىنىڭ بەزلىرى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بىر ھەسسە چوڭايتىلدى. بۇ خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ تەيۋەننى نىشان قىلغان ئۇرۇش تەييارلىقىنى كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.»

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە يەنە، خىتاي دائىرىلىرى مەزكۇر ئۇرۇش رايونىغا رۇسىيەدىن ئىمپورت قىلىنغان S-400 تىپلىق ھاۋا مۇداپىئە قالقان سىستېمىسىنى سەپلىگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.