گوردون چاڭ: «خىتاي تىكتوكنى قولدىن بېرىپ قويۇشنى ھەرگىز خالىمايدۇ»

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئىرادە تەييارلىدى
2024.03.15
TikTok-bytedance-camera-AP تىكتوك شىركىتىنىڭ كالىفورنىيە ئىشتاتى كۇلۋىر شەھىرىدىكى خىزمەت بىناسىنىڭ ئالدىدىكى كامېرالار. 2023-يىلى 17-مارت، كۇلۋىر
AP Photo/Damian Dovarganes

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى تىكتوك ئەپىنى خىتايدىكى ئانا شىركىتى بايتدەنس (ByteDance) تىن ئايرىلىپ چىقىشقا قىستايدىغان، ئۇنداق قىلمىغان تەقدىردە، ئۇنى ئامېرىكادا ئومۇميۈزلۈك چەكلەشنى نىشان قىلغان قانۇن لايىھەسىنى 13-مارت كۈنى كۆپ سانلىق ئاۋاز بىلەن ماقۇللاپ چىققان ئىدى.

ئايلىق ئاكتىپ قوللانغۇچى سانى يالغۇز ئامېرىكادىلا 150 مىليون بولغان، دۇنيا مىقياسىدا بىر مىليارد ئاكتىپ قوللانغۇچىغا ئىگە بولغان تىكتوك ئەپى ھەققىدە چىققان بۇ قارار كۈچلۈك دىققەت قوزغىماقتا. بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ كېڭەش پالاتاسىدا ئاۋازغا قويۇلىدىغانلىقى جىددىي دىققەت قوزغاۋاتقان بىر پەيتتە، تىكتوك شىركىتى يەنە بۇ ئەپنى قوللىنىپ، ئامېرىكادىكى ئابونتلىرىغا ئۇچۇر ئەۋەتىپ، ئۇلارنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى بۇ قانۇن لايىھەسىگە قارشى چىقىشقا چاقىرغان.

ئۇلار ئابونتلارغا ئەۋەتكەن ئۇچۇرىدا مۇنداق دېگەن:

 «ئاۋام پالاتا ئەزالىرى تىكتوكنى چەكلەش ئۈچۈن ئاۋاز بەردى. بۇ سىز ھەم سىزگە ئوخشاش 170 مىليون ئامېرىكالىققا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەگەر كېڭەش پالاتاسىمۇ بۇنى قوللاپ ئاۋاز بەرسە، سىز ياخشى كۆرىدىغان بۇ مۇنبەر تاقىلىپ كېتىشى مۇمكىن. دەرھال كېڭەش پالاتا ئەزالىرىغا تېلېفون قىلىپ، تىكتوكنىڭ سىز ئۈچۈن قانچىلىك مۇھىملىقىنى ئېيتىڭ.»

بۇندىن سىرت يەنە تىكتوكنىڭ ئىجرائىيە رەئىسى جۇ شوۋزى (Shou Zi Chew) مۇ ئۆز ئالدىغا بىر ۋىدىيو تارقىتىپ، ئامېرىكالىقلارنى تىكتوكنى قوغداپ قېلىشقا سەپەرۋەر بولۇشقا چاقىرغان. ئۇ ۋىدىيوسىدا «ئامېرىكالىقلارنى ئاساسىي قانۇندىكى ھوقۇقلىرىنى ھىمايە قىلىش» قا چاقىرغان ھەمدە يەنە «بىز پىكىر ئەركىنلىكىنى قوغداش ئۈچۈن ئاخىرغىچە كۈرەش قىلىمىز» دېگەن.

تىكتوك شىركىتىنىڭ ئامېرىكانىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ چىقارغان بۇ تەدبىرىنى قانداقتۇر ئامېرىكالىقلارنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىنىڭ چەكلىنىش مەسىلىسىدەك قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇشى، كۆزەتكۈچىلەرنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىدى.

ئامېرىكادىكى خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى گوردون چاڭ رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە تىكتوك مەسىلىسىنىڭ پىكىر ئەركىنلىكى مەسىلىسى ئەمەسلىكىنى تەكىتلىدى.

 ئۇ مۇنداق دېدى: «تىكتوك ئىجرائىيە رەئىسىنىڭ سۆزى تولىمۇ ئەخمىقانە. تىكتوك مەسىلىسى ھەرگىزمۇ ئامېرىكالىقلارنىڭ ئاساسىي قانۇندىكى ھوقۇقلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنىش مەسىلىسى ئەمەس. ئامېرىكا بۇ يەردە تىكتوكنىڭ ئىچىدىكى مەزمۇنلارنى كونترول قىلىمەن ياكى ئۇنى ئۆچۈرىمەن، دېمىدى. بەلكى تىكتوك شىركىتىنىڭ خىتايدىكى ئانا شىركىتى بىلەن مۇناسىۋىتىنى رەتكە سېلىشنى كۆزلەۋاتىدۇ. »

تىكتوك شىركىتى ھازىرغىچە ئامېرىكانىڭ مۇناسىۋەتلىك دائىرىلىرى تەرىپىدىن بايقالغان كۈچلۈك ئىسپاتلارغا قارىماي، خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئېتىراپ قىلمىغان. ھالبۇكى، ئامېرىكانىڭ تىكتوكنى قارشى تەدبىر قوللىنىشقا ئۆتۈشى بىلەن تەڭ، خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ئاخباراتلىرى ۋە ھەمدە خىتاي ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى «X» قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق تەرەپ-تەرەپتىن بۇنىڭغا قارشىلىق بىلدۈرۈشكە باشلىغان.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات ئىشخانىسى «X» تىكى رەسمىي ھېسابىدا «تىكتوكقا ئالاقىدار قانۇن لايىھەسىنىڭ ئامېرىكا ئاۋام پالاتادىن ئۆتۈشى ئادىل رىقابەت پىرىنسىپىغا ۋە خەلقئارا تىجارەت قائىدىلىرىگە خىلاپ» دېگەن.

ئامېرىكانىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى نىكۇلاس بۇرنىس ئەپەندى، 14-مارت «بلومبېرگ تېلېۋىزىيەسى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكانىڭ تىكتوكنى چەكلىمەكچى بولغانلىقىنى ئەيىبلىشى تولىمۇ كۈلكىلىك» دېگەن.

ئۇ مۇنداق دېگەن: «بۇ ھەپتە ئامېرىكادا تىكتوكنى چەكلەش ھەققىدە گەپ بولغاندىن كېيىن، بىز بېيجىڭدىن چىقىۋاتقان نۇرغۇن ئەيىبلەشلەرنى ئاڭلىدۇق. بۇ ناھايىتى كۈلكىلىك بىر ئىشتۇر. چۈنكى خىتاي ئەمەلدارلىرى X دىن پايدىلىنىپ ئامېرىكانى تەنقىدلىيەلەيدۇ. ئەمما ئۇلار ئۆز پۇقرالىرىنى X، فېيسبوك، ئىنستاگرام، گۇگىل تورىنى ئىشلىتىشتىن چەكلەيدۇ» .

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس ئەزالىرى تىكتوك ئەپىنى خىتايدىكى ئانا شىركىتى بايتدەنستىن ئايرىلىپ چىقىشقا ئۈندەۋاتقان بولۇپ، ئۇلار ئەگەر شىركەت بۇنىڭغا كۆنمىگەن تەقدىردە ئاندىن ئۇنى ئامېرىكادىن چەكلەيدىغانلىقى ھەققىدە تەكلىپ سۇنغان. ھالبۇكى، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، «تىكتوكنىڭ ئامېرىكا قانۇنلىرى بويىچە، رويخەتكە ئالدۇرۇلغان قانۇنلۇق شىركەت» دېگەنلەرنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئامېرىكانى زورلاش ۋاسىتىسى قوللاندى، دەپ ئەيىبلىگەن. تىكتوك ئىجرائىيە ئەمەلدارىمۇ بۈگۈن دۆلەت مەجلىسىدە تىكتوكنى ساتىدىغان ياكى ساتمايدىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرگە جاۋاب بەرمىگەن.

ئامېرىكا-خىتاي ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت ئالاھىدە كومىتېتى X تىكى ئىنكاسىدا، «مانا بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىكتوكنىڭ كونترولىنى قولدىن چىقىرىۋېتىشنى خالىمايدىغانلىقىنى نامايان قىلىپ بېرىدۇ. بارلىق ئامېرىكالىقلار بۇنىڭ سەۋەبىنى چوڭقۇر ئويلىنىپ بېقىشى كېرەك» دېگەن.

گوردون چاڭ ئەپەندىمۇ خىتاينىڭ ھەرگىزمۇ تىكتوكنى قولدىن چىقىرىۋېتىشنى خالىمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاي ھەرگىزمۇ ئۇنى قولدىن چىقىرىپ قويۇشنى خالىمايدۇ. چۈنكى ئۇلار بۇ ئارقىلىق 170 مىليون ئامېرىكالىق ئابونتنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئىگە بولىدۇ. ئالگورىزىمنى قوللىنىپ تۇرۇپ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تەشۋىقاتىنى قىلالايدۇ. خالىسا ئامېرىكالىق ياشلارنى چۈشكۈنلەشتۈرۈپ، زەھەر چېكىشكە، ھەتتا ئۆلۈۋېلىشقا تەشۋىق قىلىدۇ. قىسقىسى، بۇ ئامېرىكا ئۈچۈن زور خەتەر. تىكتوك ھەرگىزمۇ ئاددىي بىر تىجارىي پائالىيەت ئەمەس، ئۇ بەلكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قورالى. »

تېخى بىر كۈن ئاۋۋال تىكتوك ئەپ دېتالىنىڭ خىتايدىكى باش شىركىتى بولغان بايتدەنس (ByteDance) شىركىتىنىڭ تىكتوك ئەپى ئارقىلىق ئامېرىكالىق قوللانغۇچىلار ئۈستىدىن قىلغان جاسۇسلۇق قىلمىشلىرىنى ئاشكارىلايدىغان خەۋەرلەرنى يازغان 3 نەپەر ئامېرىكالىق ژۇرنالىستنىڭ ئىزىنى مەخپىي قوغلىغانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى. «فوربېس» ژۇرنىلىنىڭ تەھرىرات دىرېكتورلىرى «بۇ ئۇلارنىڭ تىكتوك ئابونتلىرىدىن توپلىغان ئۇچۇرلار بىلەن نېمە قىلىۋاتقانلىقى توغرىسىدا نېگىزلىك سوئاللارنى پەيدا قىلىدۇ» دەپ ئاگاھلاندۇرغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.