دىلنۇر رەيھان ۋە گۈلباھار جېلىلوۋا پارىژ سوتىغا «خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان باستۇرۇش» قىلمىشى ئۈستىدىن قايتا ئەرز قىلدى

بېرندىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھەبىبۇللا ئىزچى تەييارلىدى
2025.03.11
dilnur-reyhan پارىژدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئوڭدىن ئادۋوكات جېرومىي كاستەرنې، ئانتونىي ئانېستېت، دىلنۇر رەيھان ۋە مارىنا مەزەل. 2025-يىلى 10-مارت، فىرانسىيە.
RFA/Hebibulla Izchi

10-مارت، فىرانسىيە پايتەختى پارىژدا ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى مۇدىرى دوكتور دىلنۇر رەيھان، فىرانسىيەدىكى لاگېر شاھىتى گۈلباھار جېلىلوۋالار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چېگرا ھالقىپ باستۇرۇشىنى فىرانسىيە سوتىغا قايتا ئەرز قىلدى. ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن فىرانسىيە پايتەختى پارىژدا مەخسۇس ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرغان.

بۇ ئاخبارات قىلىش يىغىنىدا ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى مۇدىرى دىلنۇر رەيھان، «ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىرلىك» گۇرۇپپىسىنىڭ مۇدىرى ئانتونېي ئانېستېت، پىسخىكا ئانالىزچىسى، تەتقىقاتچى مارىنا مەزەل، پارىژ ئادۋوكاتلار ئورنىدىن جېرومىي كارسەنتى قاتارلىقلار سۆز قىلىپ مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەن.

2024-يىلى خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ فىرانسىيە زىيارىتى مەزگىلىدە، «ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى» پارىژدا نامايىش ئېلىپ بارغان ۋە بۇ نامايىشنىڭ خىتاي ئەلچىخانىسى تەشكىللىگەن بىر قىسىم خىتاي پۇقرالىرى تەرىپىدىن ھۇجۇمغا ئۇچرىشى، گۈلباھار جېلىلوۋانىڭ ئۆيىنىڭ ئەتراپىدا بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ ئۇنى نازارەت قىلىپ ئۇنى گۆرۈگە ئېلىش ئۇرۇنۇشى قاتارلىق ۋەقەلەر يۈز بەرگەن بولۇپ، بۇ ئەينى ۋاقىتتا ئاخباراتلارنىڭمۇ دىققىتىنى تارتقانىدى. شۇ يىلى 5-ئايدا دىلنۇر رەيھان ۋە گۈلباھار جېلىلوۋالار بۇ ۋەقەنى پارىژ سوتىغا ئەرز قىلغان. ئەمما پارىژ سوتى ھازىرغىچە بۇ ئەرز ئۈچۈن سوت ئاچمىغان بولۇپ، بۇ قېتىم 10. مارت كۈنى دىلنۇر رەيھان ۋە گۈلباھار جېلىلوۋا شەخسىي نامىدىن پارىژ سوتىغا قايتا ئەرز قىلغان.

لاگېر شاھىتى گۈلباھار جېلىلوۋا خانىم ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى رافائىل گىلۇكىسمەن(Raphael Glucksmann) ئەپەندى بىلەن. 2020-يىلى ئۆكتەبىر، فىرانسىيە.
لاگېر شاھىتى گۈلباھار جېلىلوۋا خانىم ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى رافائىل گىلۇكىسمەن(Raphael Glucksmann) ئەپەندى بىلەن. 2020-يىلى ئۆكتەبىر، فىرانسىيە.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن رادىيومىزنىڭ دىلنۇر رەيھان خانىمنى تېلېفون ئارقىلىق زىيارەت قىلدۇق. ئۇ، بۇ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ھەققىدىكى تەپسىلاتلار ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ، «خىتاينىڭ بۇ قىلغانلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە يالغۇز فىرانسىيەدىكى ئۇيغۇرلارغىلا ئەمەس، بەلكى بۇ ئارقىلىق پۈتۈن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا تەھدىت سالغانلىقىنى» تەكىتلەپ ئۆتتى.

بۇ داۋادىكى ئاساسلىق كىشىلەردىن بىرى، نۆۋەتتە فىرانسىيەدە ياشاۋاتقان لاگېر شاھىتى گۈلباھار جېلىلوۋا خىتاي جازا لاگېرىدا ئۇچرىغان قىيىن-قىستاقلار سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان كېسەللىرىنى دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىتىۋاتقانلىقى ئۈچۈن زىيارەتنى قوبۇل قىلالمىدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتىنىڭ ئادۋوكاتى جىرومىي كارسەنتىنى زىيارەت قىلدۇق، ئۇ: «فىرانسىيە ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ چېگرا ھالقىپ باستۇرۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىرەر ئەمەلىي تەكشۈرۈش ئېلىپ باردىمۇ؟ نېمە سەۋەبتىن پارىژ سوتى ئالدىنقى ئەرز ئۈچۈن تېخىچە سوت ئاچمىدى؟» دېگەن سوئالىمىزغا يازمىچە جاۋاب بېرىپ، بىرىنچى سوئالغا ھازىرچە جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىنى، ئەمما ئىككىنچى سوئالغا بولسا؛ «بۇنىڭ فىرانسىيە-خىتاي ئارىسىدىكى دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەر سەۋەبىدىن بولۇشى مۇمكىن ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭغا ھۆكۈمەت بەلگىلىگەن مەخسۇس بىر تەپتىش مەھكىمىسى بارلىقىنى ۋە شۇلارنىڭ قارار چىقىرىدىغانلىقىنى» بىلدۈرگەن.

بۇ سوئالغا قارىتا دىلنۇر رەيھان خانىم، «گۈلباھار جېلىلوۋانىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىدا تەھدىت سالغان كىشىلەردىن بىرىنىڭ خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ خادىمى ئىكەنلىكىنى، فىرانسىيە ھۆكۈمىتى ئۇنى چېگرادىن قوغلاپ چىقارغانلىقى، بۇ، خىتاينىڭ پەقەت ئۇيغۇرلارغىلا قاراتقان بىر باستۇرۇشى ئەمەس، بەلكى ئەينى ۋاقىتتا دېموكراتىيەنىڭ بۆشۈكى دەپ ئاتالغان فىرانسىيەدە يۈزبەرگەن بۇ ۋەقەنىڭ فىرانسىيەنىڭ دېموكراتىيە قىممەت قارىشى ۋە ئىناۋىتىگىمۇ قىلىنغان تاجاۋۇز ئىكەنلىكى» نى تەكىتلەپ بۇ ھەقتىكى بەزى تەپسىلاتلارنى ئورتاقلاشتى.

دىلنۇر رەيھاننىڭ بىلدۈرۈشىچە يەنە، مۇشۇ ئاينىڭ 12-كۈنى يەنە، خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ دىلنۇر رەيھان ۋە گۈلباھار جېلىلوۋا ھەققىدىكى ئەرزى بويىچىمۇ سوت ئېچىلىدىكەن. ئۇيغۇر مۇھاجىرىتىدە خىتاينىڭ چېگرا ھالقىپ باستۇرۇشى ئۈستىدىن تۇنجى قېتىم ئەرز قىلغانلار فىرانسىيەدىكى ئۇيغۇرلار بولۇپ، ئۇلار 2017-يىلىدىن باشلاپ خىتاينىڭ چېگرا ھالقىپ، باستۇرۇشىنى ئاخباراتلاردا كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلگەنىدى. نۆۋەتتە فىرانسىيە ئاخباراتلىرىدا ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى بىلەن گۈلباھار جېلىلوۋانىڭ بىرلىكتە خىتاي ئەلچىخانىسى بىلەن ئېلىپ بارغان سوت مەھكىمىسى كۈرەشلىرىگە كەڭ ئورۇن بېرىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ئەلچىخانىسىنى ئەرز قىلىشى، خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ دىلنۇر رەيھان بىلەن گۈلباھار جېلىلوۋانى ئەرز قىلىشى بىر قىزىق تېمىغا ئايلانغان شۇنىڭدەك ئۇيغۇر مەسىلىسى فىرانسىيەدە يەنە بىر قېتىم ئاخباراتلارنىڭ قىزىق نۇقتىسىغا ئايلانغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.