مۇتەخەسسىسلەر: «خىتاي ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى يوشۇرۇش ئۈچۈن خەلقئارانىڭ دىققىتىنى غەززەگە بۇراشقا ئۇرۇنماقتا»

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئۇيغار تەييارلىدى
2024.02.25
pelestin-xitay-bayraq-bala 2014-يىلى 18-ئىيۇل جۈمە كۈنى، پەلەستىن بايرىقىنى كۆتۈرگەن ئىراقلىق بىر بالا پەلەستىننىڭ بېيجىڭدىكى باش ئەلچىخانىسىنىڭ سىرتىدىكى غەززە ھاۋا ھۇجۇمىغا قارشى نامايىشتا چىملىقتا مېڭىۋاتقان كۆرۈنۈش. 2014-يىلى 18-ئىيۇل. بېيجىڭ.
AP

 بىر قىسىم خىتاي مۇتەخەسسىسلىرى ۋە دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ غەززە بىلەن ئۇيغۇر رايونىنى سېلىشتۇرۇپ مۇنازىرە  قىلىشى ۋە ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنى ماختاپ كۆككە كۆتۈرۈشى، بىر قىسىم ئۇيغۇر ۋە چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا. ئۇلار، بۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىرقى قىرغىنچىلىقنى يوشۇرۇش ئۈچۈن، خەلقئارانىڭ دىققىتىنى غەززە مەسىلىسىگە بۇراشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى، دەپ قارىماقتا.

ئامېرىكانىڭ «ھەپتىلىك خەۋەرلەر» (Newsweek) گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان مەخسۇس ماقالىدە، خىتاينىڭ بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلىرى ۋە دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ غەززە بىلەن ئۇيغۇر رايونىنى سېلىشتۇرۇپ، بېيجىڭنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا قاراتقان سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يەرلىك مۇسۇلمانلارغا تەرەققىيات پۇرسىتى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى؛ غەرب دۆلەتلىرى بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە تۇتقان سىياسىتىنىڭ بۇزغۇنچىلىق ۋە ۋەيرانچىلىق ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئۇنداقتا، خىتاي مۇتەخەسسىسلىرى بىلەن دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرى نېمە ئۈچۈن غەززە بىلەن ئۇيغۇر رايونىنى سېلىشتۇرۇپ مۇنازىرە  قىلىدۇ؟ 

تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى دوكتور ئەركىن ئەكرەم بۇ سوئالىمىزغا مۇنداق جاۋاب بەردى: «بۇ خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ ئەرەب-ئىسلام دۇنياسىغا ياخشى كۆرۈنۈش ۋە ئۆزىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايى قىلمىشلىرىنى، يەنى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقى قىرغىنچىلىقى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتىنى ئاقلاشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.»

خەلقئارادا تونۇلغان ئامېرىكالىق ئوتتۇرا شەرق مۇتەخەسسىسى، دوكتور جەيمىس دورسى (James M. Dorsey) ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى ماقالىسىنى «مېدىيۇم» تورى (medium.com) دا ئېلان قىلغان. ئۇ ماقالىسىدە مۇنداق دەپ يازغان:

«خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى كونترول قىلىشى تېخىمۇ كۈچەيگەن، ئىسلامنى قايتىدىن شەكىللەندۈرۈشى، يەنى ئىسلامنى خىتايچىلاشتۇرۇشنىڭ سۈرئىتى تېخىمۇ تېزلەشكەن. خىتاينىڭ ئىنتېرنېت تورىغا بولغان قاتتىق كونتروللۇقى يەنىمۇ كۈچەيگەن ئەھۋال ئاستىدا، خىتايدا يەھۇدىيلارغا قارشى كۈچلۈك ئىنكاسلار ۋە پىكىرلەر كۈنسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ.» 

جۇ جېڭ قاتارلىق خىتاينىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ چولپانلىرى، «يەھۇدىيلارنىڭ دېگىنىگە ھەرگىز ئىشەنمەڭ» ناملىق سىنلىق ئۇچۇرلارنى تارقاتقان. يېقىندىن بۇيان، خىتايدا بۇ خىل شەكىلدىكى يەھۇدىيلارغا قارشى پىكىرلەر كۈنسېرى كۆپەيگەن.

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرى ھېلىھەم داۋام قىلىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، نېمە ئۈچۈن خىتاي ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا يەھۇدىيلارغا قارشى پىكىر ئېقىمى شۇنچە كۆپىيىپ كېتىدۇ؟

ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى، دوكتور ئاندېرس كور (Anders Corr) بۇ ھەقتە جىددىي ئىنكاس قايتۇردى. ئۇنىڭ قارىشىچە، غەززە بىلەن ئۇيغۇر رايونىنى سېلىشتۇرۇپ مۇنازىرە  قىلىش، شۇنداقلا خىتايدا يەھۇدىيلارغا قارشى پىكىر ئېقىمىنىڭ كۆپىيىشى، ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ گىئو-سىياسىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋىنبىڭ فەيسبۇكتا ھەمبەھىرلىگەن سۈرەت
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋىنبىڭ فەيسبۇكتا ھەمبەھىرلىگەن سۈرەت
Facebook/@Wang Wenbing

ئۇ، مۇنداق دېدى: «بۇلارنىڭ سەۋەبى شۇكى، بۇنى خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى گىئو-سىياسىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دېيىشكە بولىدۇ. گىئو-سىياسىي نۇقتىدىن ئېيتقاندا، خىتاينىڭ بۇ سىياسىتى دۇنيا مىقياسىدا توسۇش سىياسىتى رولىنى ئوينايدۇ. شۇڭا خىتاي ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا ئىسرائىلىيەگە قارشى پىكىرلەرگە يول قۇيۇۋاتىدۇ. ئىران، خىتاي تەشكىللىگەن بارلىق خەلقئارالىق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەزاسى بولۇپ كەلمەكتە ۋە ئىزچىل ھالدا خىتاينى قوللاپ كەلمەكتە. يەنى ئىران ‹ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرى› (BRICS)، ‹بىر بەلباغ بىر يول› قۇرۇلۇشىنىڭ ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن خىتاينى قوللاپ كەلمەكتە. ئەلۋەتتە، خاماس بىلەن ئىراننىڭ يېقىن مۇناسىۋىتى بار. شۇڭا بۇ يەردىكى ئاساسىي دىنامىكا شۇكى، خىتاينىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلار تەرەپ تۇتماقتا، يەنى خەلقئارا تاراتقۇلار مۇنبىرىدە ئىسرائىلىيەگە قارشى تۇرۇپ، غەززەنى قولللىماقتا.»

گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇرشۇناس دوكتور رۇنى ستېنبېرگ (Rune Stenberg) نىڭ قارىشىچە، بىر قىسىم خىتاي مۇتەخەسسىسلىرى ۋە دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرى غەززە بىلەن ئۇيغۇر رايونىنى سېلىشتۇرۇشى توغرا ئەمەس ئىكەن. ئۇ، مۇنداق دېدى: «غەززە بىلەن شىنجاڭنى، يەنى شەرقىي تۈركىستاننى سېلىشتۇرۇشى بەك خاتا. غەززەدە بولۇۋاتقانلارنى دۇنيا كۆرۈۋاتىدۇ. لېكىن شەرقىي تۈركىستاندا بولۇۋاتقانلارنىڭ ھەممىسىنى دۇنيا كۆرەلمەيدۇ. بىر تەرەپتىن، غەززە بىلەن شەرقىي تۈركىستاننى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق، خىتاي ئۆزىنىڭ جىنايىتىنى ئېتىراپ قىلىۋاتىدۇ. بۇ سېلىشتۇرۇش خىتايغا بالا ئېلىپ كېلىدۇ .»

ئىسرائىلىيەنىڭ خىتاي تەتقىقاتىغا مەركەزلەشكەن ئاقىللار ئامبىرى - «سىگنال» (SIGNAL)  نىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى كەرىس ۋىت (Carice Witte) خىتايدىكى يەھۇدىيلارغا قارشى پىكىرلەرنىڭ كۆپىيىشى ھەققىدە كۆز قارشىنى مۇنداق ئىپادىلىگەن: «ئەگەر خىتاي يەھۇدىيلارغا قارشى پىكىرلەرنىڭ كۆپىيىشىگە يول قويۇشنىڭ خەتەرلىك ۋە ئېغىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلسا ئىدى، تەكشۈرگۈچىلىرىنى ئىشقا سېلىپ ئۇنى ئاللىقاچان توختاتقان بولاتتى. بۇنىڭغا ھۆكۈمەتنىڭ كەڭچىلىك قىلىۋاتقانلىقى ياكى كۆز يۇمۇۋاتقانلىقىنى ئېنىق كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.»

ئۇنداقتا، خىتاي ھۆكۈمىتى نېمە ئۈچۈن بۇنى بىلىپ تۇرۇپ، خىتاي مۇتەخەسسىسلىرى ۋە دىپلوماتىك ئەمەلدارلىرىنىڭ غەززە بىلەن ئۇيغۇر رايونىنى سېلىشتۇرۇشىغا ۋە خىتاي ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا يەھۇدىيلارغا قارشى پىكىر ئېقىمىنىڭ كۆپىيىشىگە كۆز يۇمۇۋاتىدۇ؟

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەتقىقات مەركىزىنىڭ دىرېكتورى، دوكتور ھېنرىك شاجېۋسكى   (Henryk Szadziewski) بۇ سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: 

«ئەلۋەتتە، خىتاي يەر شارىدا، بولۇپمۇ ئوتتۇرا شەرقتە بولۇۋاتقان بۇ كىرىزىسلاردىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇر رايونىدىكى باستۇرۇش سىياسىتىنى ئاقلاۋاتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خىل ھەرىكەتلەرنى بۇرۇنمۇ قىلغان. بۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ سىياسىتىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ سىياسىتىنىڭ بۇزغۇنچىلىق ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى داۋراڭ سېلىشنىڭ ياخشى بىر پۇرسىتى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى باستۇرۇش سىياسىتىنى ‹ئىجابىي› كۆرسىتىپ، يالغان قىياپەتكە كىرىۋالدى. ھالبۇكى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى سىياسىتىنى تەكشۈرۈپ چىقىپ، خۇلاسە چىقىرىپ بولدى. يەنى ب د ت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ  ئۇيغۇر رايونىدا ‹ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت شەكىللەندۈرگەن بولۇشى مۇمكىنلىكى› نى ئوتتۇرىغا قويدى.»  

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.