كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمىنىڭ بېيجىڭدا قايتا تارقىلىشى دىققەت قوزغىدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2020-06-16
Share
wuxen-virus-beyjing.jpg كورۇنا ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشى سەۋەبلىك كوچىدىكى دۇكانلار ۋە سىرتقا چىققان كىشىلەرنىڭ كۆرۈنۈشى. 2020-يىلى 2-مارت، بېيجىڭ.
AP

خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدىن خىتاي ۋە پۈتۈن دۇنياغا تارقالغان كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمىنىڭ 6-ئاي مەزگىلىدە خىتاي پايتەختى بېيجىڭدا قايتىدىن تارقىلىشقا باشلىغانلىقى بىرنەچچە كۈندىن بۇيان خەلقئارا تاراتقۇلاردا قىزىق نۇقتىلارنىڭ بىرى بولماقتا.

ئامېرىكادىكى نوپۇزلۇق تاراتقۇلاردىن SBS رادىيو-تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ 16-ئىيۇن خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بۇ قېتىمقى يۇقۇمنىڭ بېيجىڭ شەھىرىدىكى كۆكتات توپ تارقىتىش بازىرىدىن تارقالغانلىقىنى، يۇقۇم ۋىرۇسىنىڭ چەتئەلدىن ئىمپورت قىلىنغان سالمون بېلىقى ياكى كورونا ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغان بېلىق سودىگەرلىرى تەرىپىدىن تارقالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. خەۋەردە يەنە خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ ئەۋەرلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، خىتايدىكى سالمون بېلىقىنىڭ 80 پىرسەنتىنىڭ نورۋېگىيەدىن ئىمپورت قىلىنىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

رادىيومىز خىتاي بۆلۈمىنىڭ 16-ئىيۇن كۈنى بېيجىڭدىكى پۇقرالاردىن ئىگىلىگەن ئەھۋالدىن مەلۇم بولۇشىچە، يۇقۇمدىن كېيىن بېيجىڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەت بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، مەزكۇر كۆكتات توپ تارقىتىش بازىرىنى تاقىغان. بازاردىكى بارلىق تىجارەتچىلەر ۋە مال سېتىۋالغۇچىلار ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشكە بۇيرۇلغان.

خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىن گ ئىلگىرى سۇرىشىچە، بۇ قېتىم بېيجىڭدا قايتا تارقالغان كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمى سەۋەبلىك بېيجىڭ شەھىرىدە 28 رايوندا كارانتىن تەدبىرلىرى يولغا قويۇلغان. بېيجىڭ شەھىرىگە قاراشلىق 16 رايوندىن 8 رايوندا يۇقۇملانغۇچىلار بايقالغان. بېيجىڭ ھۆكۈمەت دائىرىلىرى  11-ئىيۇندىن 15-ئىيۇنغىچە 100 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ يۇقۇملانغانلىقىنى خەۋەر قىلغان، ئەمما ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا يۇقۇملانغانلارنىڭ بۇنىڭدىن نەچچە ھەسسە كۆپ ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمى دۇنياۋى ۋاباغا ئايلىنىپ، ئامېرىكا قاتارلىق يۇقۇم ئېغىر بولغان دۆلەتلەر خىتاينى ئەيىبلەۋاتقان، خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا ھەر خىل باھانىلەر بىلەن ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ دۇنياغا يامراپ كېتىشىدىكى مەسئۇلىيىتىدىن قېچىۋاتقان بىر مەزگىلدە بېيجىڭدا قايتىدىن يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ كۆرۈلۈشى ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىدىن «بېيجىڭ باھارى» ژۇرنىلىنىنىڭ باش مۇھەررىرى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى خۇ پىڭ ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا يۇقۇم مەنبەسىنىڭ ئىمپورت قىلىنغان سالمون بېلىقىغا باغلاپ خەۋەر قىلىشىدا خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى يۇقۇمنىڭ مەسئۇلىيىتىدىن قېچىشنى مەقسەت قىلىۋاتقانلىقىنى تەخمىن قىلغىلى بولىدىكەن.

خۇ پىڭ مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىمقى يۇقۇم ئەھۋالىدىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى يۇقۇم مەنبەسىنى باشقىلارغا دۆڭگەش تاكتىكىسىنى قوللىنىۋاتىدۇ. خىتاينىڭ بۇ قىلمىشىغا ھازىر پەقەت ئامېرىكا، ياۋروپا دۆلەتلىرىلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل دۇنيا جىددىي ھۇشيارلىق كەيپىياتىنى ئىپادىلەۋاتىدۇ. چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنداق قىلىش ئارقىلىق بىر تەرەپتىن مەسئۇلىيەتتىن قېچىش مەقسىتىگە يېتىشكە ئۇرۇنسا، يەنە بىر تەرەپتىن دۆلەت ئىچىدە خىتاي خەلقىنىڭ ھۆكۈمەتكە بولغان نارازىلىقى ۋە بۇ سەۋەبتىن كېلىپ چىقىش ئېھرىمالى بولغان مۇقىمسىزلىقنىڭ ئالدىنى ئالماقچى بولۇۋاتىدۇ.»

ئامېرىكادىكى كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تېببىي پەنلەر تەتقىقاتچىسى دوكتور مەمەت ئىمىن ئەپەندى كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمى تارقالغاندىن بۇيان يۇقۇم ۋەزىيىتىنى ئىزچىل كۆزىتىپ كېلىۋاتقان ۋە ئۇيغۇرلارغا يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ھەققىدە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا مەسلىھەت پروگراممىلىرى بېرىپ كېلىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىرى.  

دوكتور مەمەت ئىمىن ئەپەندى 16-ئىيۇن كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، يۇقىرىقى بىر قاتار مەسىلىلەر ھەققىدە ئوز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى.

ئۇ كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمىنىڭ تەرەققىياتى ھەققىدە توختىلىپ، دەسلەپ خىتايدىن تارقىلىپ، بىرنەچچە ئاي ئىچىدە ئىچىدە يەر شارى خاتاكتېرلىق ئاپەتكە ئايلانغان، ئامېرىكانىڭ ئۆزىدە 2 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم يۇقۇملىنىپ، 118 مىڭ ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بۇ ۋابانىڭ تېخىچە داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمىنىڭ 6-ئاينىڭ بېشىدا خىتاينىڭ بېيجىڭ شەھىرىدە قايتىدىن تارقىلىشىنىڭ بۇ يۇقۇمنىڭ يېقىن ئارىدا پۈتۈنلەي كونترول قىلىنىشىنىڭ تەسلىكىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

مەمەت ئىمىن ئەپەندى يەنە  خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمىغا قارىتا تۇتۇپ كەلگەن پوزىتسىيىسى ھەققىدىمۇ توختالدى. ئۇ كورونا ۋىرۇسىنىڭ يەر شارى خاراكتېرلىك ئاپەتكە ئايلىنىشى سەۋەبلىك نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنى بۇ مەسىلە بويىچە ئەيىبلىگەنلىكىنى، بەزى دۆلەتلەر ھۆكۈمەتلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىدىن تۆلەم تەلەپ قىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ مۇشۇنداق بىر مەزگىلدە كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمىنىڭ بېيجىڭدا قايتىدىن تارقىلىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنى قاتتىق جىددىيلەشتۈرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.