ئەي ۋېيۋېي: «‹مەدەنىيەتلەر پەرقى› ھېچقاچان قەبىھ جىنايەتلەرنى ئاقلىيالمايدۇ!»

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر دىيارىدىكى زۇلۇم ۋە باستۇرۇش ھەققىدە كۆپلىگەن ئۇچۇرلارنىڭ ئاشكارىلىنىشى بىلەن بۇنىڭ تاسادىپىي ئوتتۇرىغا چىقىپ قالغان ھادىسە ئەمەسلىكى، ئەكسىچە بىر پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ بۇنىڭغا نىشان بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدە كۆپلىگەن پىكىرلەر ئوتتۇرىغا چۈشۈشكە باشلىدى. خىتاي ئۆكتىچى زىيالىيسى ئەي ۋېيۋېينىڭ «نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى ماقالىسى ئەنە شۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر. ئۇ زور ھەجىملىك بۇ ماقالىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتىكى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش تەدبىرلىرىنى «مەدەنىيەتلەر پەرقى» نەزەرىيەسىنى سۇيىئىستېمال قىلىپ ئاقلىيالمايدىغانلىقىنى ئالاھىدە شەرھلىدى.

ئەي ۋېيۋېي ماقالىسىدە ئۆزىنىڭ شەخسىي كەچۈرمىشىگە بىرلەشتۈرگەن ھالدا مۇنداق بىر ۋەقەنى قىستۇرۇپ ئۆتىدۇ: ئۆتكەن يىلى بېرلىندىكى بىر قىمارخانىدا ئۇ ئۇتۇۋالغان پۇلىنى ئېلىش ئۈچۈن قىمارخانا خادىمىغا قولىدىكى قىمار تەڭگىسىنى سۇنغان ۋە «مۇشۇ پۇلنى بېرىڭ» دېگەن. خادىم ئۇنىڭغا تىكىلىپ بىر قارىۋېتىپ «بۇنداق ۋاقىتتا Please دېيىشىڭىز لازىم» دەپ ئەسكەرتكەندە، ئەي ۋېيۋېي: «دېمىسەم نېمە بوپتۇ؟» دەپ سوئال قويغان. ئۇ كىشى ئۇنىڭغا «ياۋروپاغا كەلگەندىكىن بۇ يەرنىڭ يوسۇنلىرىنى ئاز-تولا ئۆگىنىشىڭىز لازىم،» دېگەن. ئەمما ئۇ يەنىلا تەرسالىق قىلىپ: «سىز ماڭا قائىدە-يوسۇن ئۆگەتكۈدەك ئادەم ئەمەسسىز» دېگەندە ئۇ كىشى ئۈستەلگە تايانغىنىچە ئورنىدىن تۇرۇپ، يەنە بىر قېتىم ئۇنىڭغا تىكىلىپ قاراپ قويۇپ: «سىزنى بېقىۋاتقانلىقىمىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ!» دېگەن. ئەي ۋېيۋېي بۇنىڭدىن ئۆزىچە خورلۇق ھېس قىلىپ «مەن چەتئەللىك بولغاچقا مېنى كەمسىتتى» دەپ ئويلىغان ۋە ئېنىق قىلىپ: «بۇ گېپىڭىز سېپى ئۆزىدىن ناتسىستلىق ۋە ئىرقچىلىق قىلغانلىق» دەپ چىقىپ كەتكەن. ئارىدىن مەلۇم ۋاقىت ئۆتكەندە ئۇ سوت مەھكىمىسىنىڭ چاقىرىق قەغىزىنى تاپشۇرۇۋالغان. ئۇنىڭدا ئەي ۋېيۋېينىڭ قىمارخانا خادىمىنى «ناتسىست ۋە ئىرىقچى» دەپ ھاقارەتلىگەن جىنايىتى ئۈچۈن سوتقا چىقىشى ئۇقتۇرۇلغان.

ئۇ ماقالىسىدە ئاشۇ ۋەقەدىن كېيىن ئۆزىنىڭ ناتسىزىم ۋە ئۇنىڭدىكى «مەدەنىيەتلەر پەرقى» نى باھانە قىلىپ باشقا بىر مىللەتنى قىرغىن قىلىش قىلمىشى ھەققىدە قايتا ئويلانغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىدۇ. بولۇپمۇ نۆۋەتتىكى ھاكىممۇتلەق ھاكىمىيەتلەر ۋە يىرتقۇچلارچە خاراكتېر ئالغان سودا دۇنياسىنىڭ «مەدەنىيەتلەر پەرقى» نەزەرىيەسىنى سۇيىئىستېمال قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ئەڭ روشەن ئىپادىسى يېقىنقى مەزگىلدە كۆپلەپ ئاشكارا بولۇۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ غەرب شىركەتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىشى ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭ پىكرىچە، غەرب دۇنياسىدىكى بىر قىسىم شىركەتلەر خىتاينى مەبلەغ، تېخنىكا دېگەنلەر بىلەن تەمىنلىگەن بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇلارنى ئەرزان باھالىق ئەمگەك كۈچى بىلەن تەمىن ئەتكەن. غەرب سىياسىيونلىرى بولسا ئۆزلىرىنىڭ بۇ قىلمىشىنى «خىتايدا ئوتتۇرا تەبىقىگە مەنسۇپ كىشىلەرنى كۆپەيتسەك، ئۇلارنىڭ ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيەگە ئۆتۈشىگە تۈرتكە بولىدۇ» دېيىش ئارقىلىق ئاقلاپ كەلگەن ھەمدە بۇنى داۋام قىلدۇرغان. دەرۋەقە، ھازىر خىتايدا ئوتتۇرا تەبىقە زور دەرىجىدە كېڭەيگەن، ئەمما دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىك خىتايدىن تېخىمۇ ئۇزاقلاپ كەتكەن.

ئۇ ئاشۇ كىشىلەرگە سوئال قويۇپ: «قېنى ئاشۇ سىياسىيونلار؟ خوڭكوڭغا قاراڭلارچۇ! شۇنچە شىجائەتلىك خوڭكوڭ خەلقى دۇنيادىكى ئەڭ زور ھاكىممۇتلەق ھاكىمىيەتكە قارشى ئاي-ئايلاپ نامايىش قىلىپ دېموكراتىيە تەلەپ قىلىۋاتىدۇ ۋە سىلەردىن ياردەم سوراۋاتىدۇ،» دەيدۇ. شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلىۋاتقان «ئىجتىمائىي قايتا قۇرۇش» ئىشلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى تاقەت قىلغۇسىز دەرىجىگە ئاپىرىپ قويغانلىقى، غەرب دۇنياسى دەسلەپتە ئانچە ئىرەڭ قىلمىغان ۋاقىتلاردىلا بۇنىڭ سىستېمىلىق ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، دىنىي ئېتىقادى ۋە مەدەنىيىتىنى يوقىتىشتىن باشلانغانلىقى، ئەمدىلىكتە بولسا ئاللىقاچان مىليونلىغان كىشىنىڭ «قايتا تەربىيەلەش» نامىدىكى لاگېرلارغا قامىلىپ ئۆزلىرىنىڭ دىنىي ئېتىقادىدىن ۋاز كېچىش ھەمدە خىتاي كومپارتىيەسىگە ساداقەت بىلدۈرۈشكە مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىدۇ.

بۇ مەسىلە ھەققىدە سۆز بولغاندا ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر ئادۋوكات نۇرىي تۈركەلمۇ تارىختىكى دىكتاتورلارنىڭ ھەرقاچان ئوخشاش شەكىلدە ئىش باشلىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئاقىۋىتىمۇ ھەر ۋاقىت كىشىنى شۈركۈندۈرىدىغان پاجىئەلەر بىلەن تۈگەللەنگەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ.

ئەي ۋېيۋېي ماقالىسىدە ئالاھىدە تىلغا ئالغان بىر نۇقتا «نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» مەخسۇس خەۋەر ئىشلىگەن «ئۇيغۇر دىيارى ھەققىدىكى 400 بەتلىك مەخپىي ھۆججەت» بولۇپ، خىتاي كومپارتىيەسى شۇنچە ئېنىق پاكىتلار ئالدىدىمۇ لاگېرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلغان ھەمدە قىلچە ئۇيالماستىن «كۇرسانتلار ئوقۇش پۈتتۈرۈپ جەمئىيەتكە قايتتى» دەپ جاكارلىغان. ئەمما ئۇلارنىڭ سانى، ھازىر قەيەردە ئىكەنلىكى دېگەنلەر ھەققىدە ھېچنەرسە دېيىلمىگەن.

ئەي ۋېيۋېي ماقالىسىدە خىتايدىكى داڭلىق شائىرلاردىن بىرى، «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» نىڭ دەسلىپىدە ئۇيغۇر دىيارىغا پالىۋېتىلگەن دادىسى ئەي چىڭ بىلەن 1960-يىللاردا ئۇيغۇر دىيارىدا 17 يىل ياشىغان كەچۈرمىشىگە بىرلەشتۈرگەن ھالدا ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەمدە ئۇلارنىڭ ھاياتلىق ماكانى ھەققىدە قىسمەن چۈشەنچىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى، ھازىر بولسا غەرب دۇنياسىدىكى «Volkswagen»، «Siemens»، «Nestlé» قاتارلىق شىركەتلەرنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا زاۋۇتلارنى كېڭەيتىۋاتقانلىقى، «Adidas» قاتارلىق داڭلىق كىيىم-كېچەك شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىن چىققان پاختا ئارقىلىق ئۆز زاۋۇتلىرىنى ماڭدۇرۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ كېلىپ: «ئەينى ۋاقىتتا كىشىلەرنى پالايدىغان ئاشۇ ئۇزاق ماكان ئەمدىلىكتە نېمە ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نەزىرىدە بۇ قەدەر ‹مېھرى ئىسسىق› بولۇپ قالدى؟» دەپ سوئال قويىدۇ.

ئاپتورنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە «مەدەنىيەت پەرقى» دېگەننى دەستەك قىلىپ ئۇيغۇرلارنى «تەرەققىيات» قا باشلاۋاتقانلىقى ھەققىدە سۆز قىلماقتا ئىكەن. بۇنىڭ بىر ۋاسىتىسى بولسا ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك بولۇپ، بۇ ماھىيەتتە ئەينى ۋاقىتتىكى ناتسىستلار گېرمانىيەسى ئىجرا قىلغان مەجبۇرىي ئەمگەككە تولىمۇ ئوخشايدىكەن. دەل مۇشۇ خىلدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ھازىر غەرب ۋە شەرق دۇنياسىدىكى «خوجايىنلار» نى غايەت زور ئىقتىسادىي ئۈنۈمگە ئىگە قىلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن ئۇلار ھازىر بۇ مەسىلىدە تېزدىن «بىر ياقىدىن باش چىقىرىدىغان» ھالغا يۈزلەنمەكتە ئىكەن. ئۇ بۇنىڭغا مىسال قاتارىدا Volkswagen شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورىنىڭ لاگېرلار ھەققىدە سوئال سورالغاندا ئۆزىنىڭ بۇنىڭدىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەنلىكىنى، ئەمما كېيىن ئاشكارا بولغان «400 بەتلىك مەخپىي ھۆججەت» تىن قارىغاندا، ئۇنىڭ ئەمەلىيەتتە بۇ ئىشلاردىن ئاللىقاچان تولۇق خەۋەردار بولۇپلا قالماي يەنە بۇ ئىشلارغا ئىدىيەۋى جەھەتتىن تەييارلىنىپ قويغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ.

نۇرىي تۈركەلنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «تەرەققىيات» نامىدا قىلىۋاتقانلىرى خىتايلارنىڭ «ئىلغار» ئىكەنلىكىنى تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ «قالاق» ئىكەنلىكىنى دۇنيا جامائىتىگە تەن ئالغۇزۇش، ئاندىن ئۆزلىرىنىڭ «ئىلغارلىققا يېتەكلىشى» گە بويسۇنمايۋاتقان ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىنىڭ يوللۇق ئىكەنلىكىنى داۋراڭ قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، مۇشۇ خىلدىكى «مەدەنىيەتلەر پەرقى» نەزەرىيەسىنى بازارغا سالغان ناتسىستلارنىڭ نامى ھازىر گېرمانىيەدە كىشىلەر ئېغىزغا ئېلىشتىنمۇ ئەيمىنىدىغان بىر سۆزگە ئايلىنىپ قالغان. ئەمما ناتسىسىزىم نەزەرىيەسىنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنلىرىدىن بىرى بولغان «مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئىلغارلىق»، «ئىرق جەھەتتىكى ئۈستۈنلۈك»، «باشقىلارنى قالاقلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» دېگەنلەرنىڭ زامانىمىزغا كەلگەندە باشقىلارنى قۇل قىلىشنى يوللۇق قىلىپ كۆرسىتىشكە باھانە بولالمايدىغانلىقى بارغانسېرى ھەممىلا كىشىگە تونۇشلۇق ئۇقۇمغا ئايلانماقتا ئىكەن.