خىتاي بىخەتەرلىك دائىرىلىرى " كۇنمىڭدا يۈز بەرگەن ئاپتوبۇس پارتلاش ۋەقەسى ئولىمپىكقا قارىتىلمىغان" دېدى

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ سەيشەنبە كۈنى بېيجىڭدىن تارقاتقان خەۋىرىدە،خىتاي بىخەتەرلىك دائىرىلىرىنىڭ سۆزلىرىدىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، 21 - ئىيۇل يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ كۈنمىڭ شەھىرىدە ئارقا ‏ - ئارقىدىن يۈز بەرگەن ئۈچ قېتىملىق ئاپتوبۇس پارتلاش ۋەقەسىنى ئولىمپىك بىلەن بىۋاستە ئالاقىسى يوق دېگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.07.22

 كۈنمىڭ ئاپتوبۇس پارتلىتىش ۋەقەسى ھەققىدە بۈگۈن ئاخبارات دائىرىلىرىگە بايانات بەرگەن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى " پارتلاش ۋەقەسىنىڭ بىۋاستە بېيجىڭ ئولىمپىكقا باغلىنىشلىقى بارلىقى ئېنىقلانمىغان بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا ۋەقەنىڭ خاراكتېرى ۋە سەۋەبىنى تەكشۈرۈشنى داۋاملاشتۇرىمىز"دېگەن.

كۇنمىڭدا دۈشەنبە كۈنى بىر سائەت ئىچىدە يۈز بەرگەن ئۈچ قېتىملىق ئاپتوبۇس پارتلاشتا 3 كىشى ئۆلگەن، 14 كىشى يارىدار بولغان ئىدى. نۆۋەتتە ساقچىلار كۇنمىڭنىڭ ئاساسلىق قاتناش تۈگۈنلىرىنى نازارەت ئاستىغا ئالغان.

بۇ قېتىمقى ئاپتوبۇس پارتلاش ۋەقەسى بىر ئاي ئىچىدە، خىتاينىڭ جەنۇبىي ئۆلكىلىرىدە يۈز بەرگەن 3 ‏ - چوڭ ۋەقە ھېسابلىنىدۇ. بېيجىڭ ئولىمپىكىغا بىر ئايمۇ قالمىغان پەيتتە يۈز بەرگەن مەزكۇر ۋەقەگە خىتاي ھەمدە خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا كەڭ ئورۇن بېرىلگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن ھەر قانداق بىر ۋەقەنى تېررورلۇق ھەرىكىتى دەپ ئەيىبلەپ كەلگەن، خىتاينىڭ بۇ قېتىمقى يۈننەندىكى پارتىلاشنىڭ خاراكتېرىنى قانداق بېكىتىدىغانلىقى ئاخبارات دائىرىلىرىنى قىزىقتۇرۇۋاتقان مۇھىم نۇقتا بولۇپ، فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە"خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭ ئالدىدا، بېيجىڭدىن ناھايىتى يىراق بولغان شىنجاڭدا ۋە تىبەتتە ئولىمپىكقا بۇزغۇنچىلىق قىلىش ھەرىكەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ئالاھىدە كۈچەيتكەن" دەپ تەكىتلىگەن.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.