بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئاخىرلىشىپ، يېپىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار خەۋىرى
2008.08.24
2008.08.24
بۇ قېتىمقى ئولىمپىك يىغىنىدا خىتاي، ئامېرىكا ۋە رۇسىيە ئەڭ كۆپ ئالتۇن مېدال ئالغان دۆلەتكە ئايلانغان بولۇپ، خىتاي تەنھەرىكەتچىلىرى 51 ئالتۇن مېدال ئېلىش بىلەن ئولىمپىك تارىخىدىكى يېڭى رېكورتنى ياراتتى.
ئولىمپىك مۇراسىمىنىڭ يېپىلىشىدا 2012 - يىللىق ئولىمپىكنى ئۆتكۈزىدىغان دۆلەت ئەنگىلىيە ئىكەنلىكى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، 2012 - يىللىق ئولىمپىك يىغىنى لوندوندا ئۆتكۈزۈلۈش شەرىپىگە سازاۋەر بولۇپ، مەشئەلنى تاپشۇرۇۋالدى.
ئەنگىلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگلىيە باش مىنىستىرى گوردون بروۋن مۇراسىمغا قاتناشقان، بروۋن بۇنىڭ ئالدىدا خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن كۆرۈشۈپ ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقلىرى ھەققىدە سۆھبەتلەشكەن ئىدى. يېپىلىش مۇراسىمىغا ئەنگىلىيىنىڭ بىر قىسىم چولپانلىرى ئىشتىراك قىلىپ، سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرسەتكەن.
بېيجىڭدا ئېچىلغان يېپىلىش مۇراسىمىدا كېلەركى قېتىملىق ئولىمپىكنىڭ لوندوندا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى ئېلان قىلىنىۋاتقاندا لوندوندىمۇ داغدۇغىلىق مۇراسىملار ئۇيۇشتۇرۇلغان. ئەنگلىيە ئايال پادىشاھى ئەنگلىيە تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ بېيجىڭدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى شۇنىڭدەك كېلەر قېتىملىق مۇراسىمنىڭ لوندوندا ئۆتكۈزۈلۈش شەرىپىگە ئېرىشكەنلىكىنى تەبرىكلىگەن.
23 - ئاۋغۇست كۈنى خەلقئارا گىمناستىكا جەمىيىتى خىتاي تەنتەربىيە كومىتېتىنىڭ گىمناستىكا مۇسابىقىسىدا ئالتۇن مېدال ئالغان خىتاي گىمناستىكا ماھىرلىرىنىڭ ياش ئەھۋالىنى ئېنىقلاپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.