تەيۋەن پرېزىدېنتى ما يىڭجۇ : تەيۋەننىڭ ئامېرىكا قوراللىرىغا يەنىلا ئېھتىياجى بار
مۇخبىرىمىز ئۆمەر قانات خەۋىرى
2008.07.12
2008.07.12
تەيۋەن پرېزىدېنتى باياناتىدا، تەيۋەنگە قورال سېتىش مەسىلىسىدە ئامېرىكا سىياسەتچىلىرى ئوتتۇرىسىدا بەزى ئىختىلاپلار ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى، ئەسكەرتكەن.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تەيۋەن ھۆكۈمىتى ئامېرىكىدىن F16 ئۇرۇشچى ئايروپىلانلىرى ۋە پاترويت 3 ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار ۋە ئاپاچې ھەربىي تىك ئۇچارلىرى قاتارلىق قورال ۋە ھەربىي ئۈسكۈنىلەر سېتىۋېلىش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
تەيۋەن پرېزىدېنتى شەنبە كۈنى بەرگەن باياناتىدا، تەيۋەن بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ يېقىنلىشىشى، تەيۋەن ئۆز ھەربىي مۇداپىئە كۈچىدىن ۋاز كېچىدۇ دېگەنلىك ئەمەس دەپ، كۆرسەتكەن.
ئىگىلەشلەرگە قارىغاندا، ئامېرىكىدىكى بەزى سىياسەتچىلەر، خىتاي ھۆكۈمىتىنى غەزەپلەندۈرمەسلىك ئۈچۈن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەنگە، تەيۋەن ھۆكۈمىتى تەلەپ قىلغان قورال - ياراقلارنى سېتىپ بېرىشىگە توسقۇنلۇق قىلىشقا تىرىشماقتا.
بۇ ئارىدا جۈمە كۈنى، ئامېرىكا مۇداپىئە مىنستىرلىكىنىڭ سابىق مۇتەخەسسىسى گېرگ بېرگەنسەن، ئامېرىكا - تەيۋەن ھەربىي مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدىكى بەزى مەخپىيەتلىكلەرنى، سودىگەر قىياپىتىگە كىرىۋالغان ئامېرىكىدىكى بىر خىتاي ئىشپىيونىغا بەرگەنلىكى ئۈچۈن، جاسۇسلۇق بىلەن ئەيىبلىنىپ، 5 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.
بەرگەنسەن سوتتىكى ئىپادىسىدە، سودىگەر قىياپىتىگە كىرىۋالغان خىتاي جاسۇسى تەي كاۋ نى تەيۋەن ھۆكۈمىتىگە يېقىن بىر كىشى دەپ ئويلاپ، مەزكۇر مەلۇماتلارنى بەرگەنلىكىنى تەكىتلىگەن.