تەيۋەن ھۆكۈمىتى ھەربىي مانېۋىرىنى باشلىدى

سەيشەنبە كۈنى تەيۋەن ھۆكۈمىتى، خىتاينىڭ كەلگۈسىدە تەيۋەننى ئىشغال قىلىش ھەرىكىتىگە قارشى، ھەربىي مانېۋىر باشلاتتى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۇ قېتىمقى ھەربىي مانېۋىر بىر خىتاي سودىگەرلەر ئۆمىكى مەبلەغ سېلىش مەقسىتىدە تەيۋەننى زىيارەت قىلىۋاتقان بىر مەزگىلگە توغرا كەلگەن.
مۇخبىرىمىز ئۆمەر قانات خەۋىرى
2008-04-22
Share

 ماي ئېيىدا پرېزىدېنت ۋەزىپىسىنى، يېقىندا تەيۋەندە ئېلىپ بېرىلغان پرېزىدېنت سايلىمىدا، تەيۋەن پرېزىدېنت ۋەزىپىسىگە سايلانغان ما يىڭجۇغا تاپشۇرۇپ بېرىدىغان پرېزىدېنت چىن شۈيبيەن، ئۆتكەن ھەپتە مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، 15 ‏ يىلىدىن بېرى ھەربىي كۈچىنى كۈچەيتىۋاتقان خىتايغا قارشى تۇرۇش ۋە ھەر قانداق چاغدا خىتاينىڭ ھەربىي ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكىمىزنى كۆرسىتىش ئۈچۈن، بۇنداق ھەربىي مانېۋىرنى ئېلىپ بېرىشىمىز كېرەك دەپ كۆرسەتكەن ئىدى.

مارت ئېيىدا تەيۋەندە ئېلىپ بېرىلغان پرېزىدېنت سايلىمىدا، تەيۋەن پرېزىدېنت ۋەزىپىسىگە سايلانغان ما يىڭجۇ، خىتاي بىلەن تەيۋەن ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتسادىي مۇناسىۋەتلەرنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە. ما يىڭجۇ 20‏ - ماي كۈنى، چىن شۈيبيەندىن تەيۋەن پرېزىدېنت ۋەزىپىسىنى رەسمىي تاپشۇرۇپ ئالىدۇ.
پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت