خىتاي ھۆكۈمەت ئاخباراتلىرى: باراك ئوباما ئامېرىكىنىڭ سىياسىي سىستېمىسىغا ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلەلمەيدۇ
مۇخبىرىمىز جۈمە خەۋىرى
2008.06.16
2008.06.16
ئەمما، خىتاي ھۆكۈمەت ئاخباراتلىرىنىڭ مەلۇماتلىرىدا باراك ئوبامانىڭ ئامېرىكىنىڭ سىياسىي سىستېمىسىغا ئالاھىدە ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلەلمەيدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ "جۇڭگو گېزىتى" دە بۇ ھەقتە بېرىلگەن خەۋەردىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، خەۋەردە باراك ئوبامانىڭ ھوقۇق سەھنىسىگە چىقىشى، ئەكسىچە ئامېرىكىدا ئىرقىي تەپرىقىچىلىك كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
مەزكۇر گېزىتتە باراك ئوبامانىڭ ئامېرىكىدا بارغانچە مۇستەھكەملىنىۋاتقان ئىرقىي ئىناقلىقنىڭ ۋەكىلى بولۇپ مەيدانغا چىققانلىقىدەك ئالاھىدىلىكىگە قارىتا بىر خىل مۈجىمەل كۆزقاراش ئوتتۇرىغا قويۇلغان ھەمدە باراك ئوباما ئۆزىنى " ئىرقىي ئىناقلىقنىڭ ۋەكىلى دەپ ئاتاشنىڭ ئورنىغا ئىرقىي ئاسسىمىلاتسىيىنىڭ سىمۋولى دەپ ئاتىسا تېخىمۇ مۇۋاپىق بولىدۇ" دەپ كۆرسىتىلگەن.
"جۇڭگو گېزىتى" دە بۇ ھەقتە بېرىلگەن باش ماقالە مەزكۇر گېزىتنىڭ باش مۇھەررىرى دىڭ گاڭنىڭ قەلىمى ئاستىدا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇ ماقالىسىدە: "ئوباما ئاق تەنلىك ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئۆزىنى ئېسىل دەپ بىلىدىغان تونۇشىنى ئاغدۇرۇۋېتەلمىدى. ئەكسىچە، ئۇنىڭ مەيدانغا چىقىش بۇ ئىدىيىنى قوللىدى" دەپ كۆرسەتكەن.
خەۋەردە يەنە، باراك ئوباما ۋە جون مېككېيىنلارنىڭ "ئىسلاھات" قارتىنى ئويناۋاتقانلىقى، ئەمما ھەر ئىككىلىسىنىڭ ئۆزلىرىدە نېگىزلىك پەرقلەرنى مەيدانغا چىقىرىشتا يەنىلا ئوخشاش چەكلىمىگە ئۇچرايدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
ئامېرىكا كېڭەش پالتا ئەزاسى باراك ئوباما، دېموكراتچىلار پارتىيىسىگە ۋاكالىتەن 2008 - يىللىق ئامېرىكا پرېزىدېنتلىق نامزاتلىقىنى ئۇتۇپ چىققان بولۇپ، ئۇ جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى نامزاتى جون مېككېيىن بىلەن پرېزىدېنتلىق رىقابىتىگە چۈشىدۇ.