خىتاي ئولىمپىك يىغىنىدىن بۇرۇن ب د ت نىڭ "پۇقرالار ھوقۇقى ۋە سىياسى ھەقلەر ئەھدىنامىسى" نى رەسمىي تەستىقلىشى مۇمكىن

بوشۈن تور بېكىتىنىڭ خوڭكوڭدا چىقىدىغان " داگۇڭباۋ" گېزىتىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، بېيجىڭدىكى نوپۇزلۇق زاتلار خىتاي دائىرىلىرى نەچچە يىللاردىن بېرى تەستىقلاشنى ئارقىغا سۈرۈپ كېلىۋاتقان ب د ت نىڭ " پۇقرالارھوقۇقى ۋە سىياسى ھەقلەر ئەھدىنامىسى"نى بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىدىن بۇرۇن تەستىقلىماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

" پۇقرالار ھوقۇقى ۋە سىياسى ھەقلەر ئەھدىنامىسى" ب د ت نىڭ ئەڭ مۇھىم سىياسىي ۋە كىشىلىك ھەقلەر ئەھدىنامىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، مەزكۇر ئەھدىنامىدە پۇقرالاردا بولۇشقا تېگىشلىك ئەڭ ئاساسىي ئەركىنلىك ۋە سىياسىي ھەقلەر، جۈملىدىن پۇقرالارنىڭ ياشاش ھوقۇقى، ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك بىخەتەرلىك ھوقۇقى، تەن جازاسىدىن خالى بولۇش، خالىغانچە قولغا ئېلىنىش، تۇتقۇن قىلىنىش ياكى سۈرگۈن قىلىشتىن خالى بولۇش ھوقۇقى، ئىدىيە، ۋىجدان ۋە دىنىي ئەركىنلىك، ئادىل ۋە ئوچۇق - ئاشكارا سوتلىنىش ھوقۇقى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

مەزكۇر ئەھدىنامىنى خىتاينىڭ ب د ت دىكى ۋەكىلى چىن خۇاسۈن 1998 ‏ - يىلى 10 ‏ - ئاينىڭ 25 ‏ - كۈنى ئىمزالىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئەھدىنامە ھازىرغا قەدەر خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى تەرىپىدىن تەستىقلانمىغان ئىدى. خىتاي خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقى تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن ئەھدىنامىدە چەكلەنگەن نۇرغۇن مەزمۇنلار جۈملىدىن سىياسى مەھبۇسلارغا يېپىق سوت ئېچىش، تەن جازاسى بېرىش، خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش، دىنىي ئەركىنلىك، ئىدىيە ۋە ۋىجدانىي رەت قىلغۇچىلارنى قولغا ئېلىش قاتارلىقلار بىلەن ئەيىبلەنمەكتە ئىدى.