تيەنئەنمېن ھەرىكىتىنىڭ پىلانلىغۇچىلىرىدىن چېن زىمىڭ: "خىتاي ئەمەلدارلىرى ئىنسانىيەتكە ۋە دۇنياغا قارشى" دېدى

خىتاي سىياسىي ئۆكتىچىلىرى بېيجىڭ ئولىمپىكىنىڭ 1936 - يىلىدىكى بېرلىن ئولىمپىكىگە ئوخشاپ قالماسلىقىنى، خىتاينىڭ سىياسىي قۇرۇلمىسىدا ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلەشمەكتە.
مۇخبىرىمىز جۈمە خەۋىرى
2008.07.28

 رويتېرستا كۆرسىتىشىچە، 1989 - يىلىدىكى تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ پىلانلىغۇچىلىرىنىڭ بىرى ۋە شۇ سەۋەبتىن خىتايدا 13 يىل تۈرمىدە ياتقان چېن زىمىڭ دۈشەنبە كۈنى سېدنىي شەھىرىدە سۆز قىلىپ، بېيجىڭ ئولىمپىكىنى 1988 - يىلىدىكى كورىيىدە ئېلىپ بېرىلغان سېئۇل ئولىمپىكىگە ئوخشاش خىتاي سىياسىي سەھنىسىگە ئىجابىي ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

گەرچە خىتايدىكى زىيالىيلار قاتلىمى ۋە ئاۋام خەلق بۇ نۆۋەتلىك بېيجىڭ ئولىمپىكىنىڭ ھەر جەھەتتىن ئۇتۇقلۇق بولۇشىنى، ئەڭ مۇھىمى خىتاي سىياسىي سىستېمىسىغا دېموكراتىيىنى ئېلىپ كىرىشىنى ئۈمىد قىلىدىغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھوقۇق سەھنىسىدىكى ئەمەلدارلارنىڭ بۇ خىل ئارزۇغا قارشى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان چېن “ ئەمەلدارلار بۇ ئولىمپىكىنى 1936 - يىلىدىكى بېرلىن ئولىمپىكىگە ئوخشىتىپ قويۇشقا قىستاۋاتقان سەلبىي كۈچلەردۇر” دېدى.

چېن يەنە، خىتاينىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئەمەلدارلارنىڭ ئولىمپىك پوزىتسىيىسى ھەققىدە توختىلىپ: “ئۇلار ئولىمپىكىنى دۇنيادا ياخشى ئاتاققا ئېرىشىش ئۈچۈن ئىشلىتىۋاتىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇلار ئىنسانىيەتكە ۋە دۇنياغا قارشى” دېدى.

چېن زىمىڭنىڭ سەپدىشى بولغان ۋاڭ جۈنتاۋمۇ بېيجىڭ ئولىمپىكىنىڭ خىتايغا ھېچقانداق ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە ئولىمپىكتىن كىيىن خىتايدا يەنىلا باي - كەمبەغەللىك ئارىسىدىكى پەرق، ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي تەڭسىزلىكلەرنىڭ يەنىلا ئېشىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.