خىتاي ئۆكتىچىلىرىدىن بىرى خۇ شىگېن 16 يىلدىن كېيىن قويۇپ بېرىلدى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.08.26
2008.08.26
بۇ يىل 53 ياشقا كىرگەن خۇشىگېن، ئىلگىرى بېيجىڭ چەتئەل تىلى ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى بولۇپ، ئۇ 1992 - يىلى ۋاڭ گوچى قاتارلىقلار بىلەن خىتاي ئەركىن دېمۇكىراتىيە پارتىيىسىنى قۇرغان. ئۇ 1992 - يىلى لىئۇ جىڭشىن قاتارلىقلار بىلەن بېيجىڭ،شاڭخەي، ۋۇخەن قاتارلىق جايلاردا، 4 - ئىيون تيەنئەنمىن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنى خاتىرلەپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 1989 - يىلىدىكى ئوقۇغۇچىلار نامايىشىنى قانلىق باستۇرغانلىقىغا نارازىلىق بايانلىرى يېزىلغان تەشۋىقات ۋاراقچىلىرىنى تارقاتقانلىقى ئۈچۈن، رەسمىي قولغا ئېلىنغان.
1994 - يىلى 12 - ئايدا بېيجىڭ شەھەرلىك ئوتتۇرا سوتى ئۇنىڭغا، ئەكسىل ئىنقىلابچى جىنايىتى بىلەن 20 يىللىق قاماق جازاسى ئېلان قىلىپ، سىياسىي ھوقوقىدىن بەش يىل مەھرۇم قىلغان.خۇ شىگېننىڭ جازا مۇددىتى بەش يىل قىسقارتىلىپ، 16 يىل تۈرمىدە قامالغاندىن كېيىن قويۇپ بېرىلدى.
خۇسىگېننىڭ ئاكىسى خۇ شۈيگېن مۇخبىرىمىزنىڭ تېلېفون زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ،خۇ شىگېن قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ يەنىلا سىياسىي ھوقوقىدىن مەھرۇم ئىكەنلىكى، ئاخبارات ئورۇنلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىشقا رۇخسەت قىلىنمىغانلىقى، خېلى بىر مەزگىلگىچە يەنىلا خىتاي ساقچىلىرىنىڭ نازارىتىدە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.