ئەنگىلىيە ب ب س رادىئو تېلېۋىزىيە - شىركىتى، جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە ئۇچۇر مەركىزىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، شاڭخەي جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ، ئۆكتىچىلەر، ئەرزدارلار ۋە يەر ئاستى دىنىي تەشكىلات ئەزالىرىغا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئۇلارنىڭ ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم ئىش - پائالىيەتلىرى ھەققىدە ساقچىلارغا دوكلات سۇنۇشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ساقچىلار تەرىپىدىن چىقىرىلغان ئۇقتۇرۇش، 1 - ئاپرىل كۈنىدىن 31 - ئۆكتەبىر كۈنىگىچە ئىناۋەتلىك بولۇپ، ئولىمپىك مۇراسىمى مەزگىلىدىكى بىخەتەرلىك ئۈچۈن يولغا قويۇلغان مەزكۈر تۈزۈمگە خىلاپلىق قىلغۇچىلار، قىلمىشىنىڭ ئېغىر - يىنىكلىكىگە قاراپ ئاگاھلاندۇرۇش، قولغا ئېلىش شۇنىڭدەك قانۇن بۇيىچە جاۋابكارلىققا تارتىلىش جازالىرىغا ئۇچرايدىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى، ئولىمپىك مەزگىلىدە ئەگەر چەتئەل مۇخبىرلىرى ئىدارە، شەخس ۋە تەشكىلاتلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىش ماقۇللۇقىنى ئالدىن قولغا كەلتۈرەلىسىلا، ئۇلارغا تېخىمۇ كۆپ ئەركىنلىك بېرىلىدىغانلىقىغا ۋەدە بەرگەن ئىدى.
بىراق، خىتايدىكى چەتئەللىك مۇخبىرلار كۇلۇبى 4 - ئايدا، ئولىمپىك مەشئىلى تىبەتكە يېتىپ كەلگەندە، مۇخبىرلارنىڭ ئەركىنلىكىنىڭ قاتتىق كونترول قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.