خىتاي ساقچىلىرى ۋېڭئەندە نامايىشچىلاردىن نەچچە يۈز ئادەمنى قولغا ئالدى

گۇيجۇ ئۆلكىسى ۋېڭئەن ناھىيىسىدە 28 - ئىيۇن شەنبە كۈنى ساقچىلار بىلەن پۇقرالار ئارىسىدا بىر قىز ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆلۈمى سەۋەبلىك كېلىپ چىققان توقۇنۇش يەكشەنبە كۈنى يېرىم كېچىدىن ئاشقاندا ئاران تىنجىتىلغان بولۇپ، خەۋەرلەرگە قارىغاندا خىتاي ساقچى دائىرىلىرى نامايىشقا قاتناشقۇچىلىرىدىن نەچچە يۈز ئادەمنى قولغا ئالغان.
مۇخبىرىمىز جۈمە خەۋىرى
2008.06.30

 بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، شەنبە كۈنىدىكى توقۇنۇشتىن كېلىپ چىققان جىددىيچىلىك تەسىرى تاكى دۈشەنبە كۈنىگىچە پەسەيمىگەن بولۇپ، خىتاي قوراللىق ساقچى قىسىملىرى گۈيياڭ شەھىرىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان ۋېڭئەن ناھىيىسىگە كىرگەن ھەمدە كوچىلاردا چارلاش ۋە مۇھىم دوقمۇشلاردا جىسەككە تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرغان.

خەۋەردە خوڭكوڭغا جايلاشقان كىشىلىك ھوقۇق ئۇچۇر مەركىزىنىڭ خەۋەرلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ كۆرسىتىلىشىچە، ساقچىلار توقۇنۇشقا قاتناشقانلىقى گۇمان قىلىنغان 300 نەپەر ئادەمنى قولغا ئالغان.

مەلۇم بولۇشىچە، زىيانكەشلىككە ئۇچراپ ئۆلۈپ كەتكەن قىز ۋېڭئەن ناھىيىلىك 3 - ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ، بۇ قىزنىڭ ئۆلۈمىگە ئالاقىدار ئۈچ نەپەر گۇماندارنىڭ ئىككىسى ۋېڭئەن ساقچىخانىدىكى خادىملار بىلەن تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتى بار بولغاچقا قويۇۋېتىلگەن.

نەتىجىدە، ساقچىلارنىڭ مەزكۇر قىلمىشىدىن غەزەپكە كەلگەن ئامما ئادالەت تەلەپ قىلىپ ۋېڭئەن ساقچىخانىسى ئالدىغا يىغىلغان ھەمدە توقۇنۇشتا بىر نەچچە ساقچى ئاپتوموبىلىغا ئوت قويۇۋەتكەن.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.