خىتاي ھۆكۈمىتى چەتئەللىك سەنئەتچىلەرنى خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا چېقىلماسلىققا ئاگاھلاندۇردى

بېيجىڭ ھۆكۈمىتى پەيشەنبە كۈنى خىتايدا ئويۇن كۆرسىتىدىغان چەتئەللىك سەنئەتچىلەر ياكى تەنتەربىيىچىلەرنى خىتاي قانۇنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۇز قىلىدىغان سۆز ‏ - ھەرىكەتلەردە بولماسلىققا ئاگاھلاندۇردى.

چەتئەل مەتبۇئاتلىرى بۇ ئاگاھلاندۇرۇشنى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئولىمپىك يىغىنى يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن جىددىيلىشىۋاتقانلىقى ۋە بىئارام بولۇۋاتقانلىقىنىڭ يەنە بىر ئىپادىسى، دەپ قارىماقتا.

خىتاي مەدىنىيەت مىنىستىرلىقى تور بېكىتىدە ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى بىر ئۇقتۇرۇشىدا، چەتئەللىك سەنئەتچىلەرنىڭ جۇڭگودا كۆرسىتىدىغان سەنئەت نومۇرلىرىنىڭ مەزمۇنى مىللەتلەرنى ئۆز ‏ - ئارا ئۆچمەنلىككە كۈشكۈرتىدىغان، جۇڭگو قانۇنى، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا زىيان سالىدىغان مەزمۇنلاردا بولماسلىقى كېرەك، دەپ تەكىتلىگەن. ئىسلاندىيىلىك ناخشىچى بجورك بۇ يىل 3 ‏ - ئايدا شاڭخەيدە ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزۈپ، ناخشا ئارىسىدا خىتاي تاماشىبىنلارغا " تىبەت"، " تىبەت"، دەپ خىتاپ قىلغان.

بۇ ۋەقە خىتاي دائىرىلىرى ئۈچۈن بىر ئاگاھلاندۇرۇش بولۇپ قالغان. بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئەينى چاغدا بجوركنىڭ ھەرىكىتىنى " جۇڭگو قانۇنىنى بۇزغانلىق، جۇڭگو خەلقىنىڭ ھېسسىياتىغا ئازار بەرگەنلىك " دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى. بجورك ناخشا كېچىلىكىدە ئۇيغۇرلارنى تىلغا ئالمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئەتلەستىن كۆينەك كىيىۋالغانلىقى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان شۇنداقلا بۇ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى قوغداپ قېلىش كېرەكلىكىگە دائىر بىر "بىشارەتنىڭ ئالامىتى" دەپ مۇلاھىزە قىلىنغان.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقى دائىرىلەرنىڭ بېيجىڭدىكى قاۋاقخانىلاردا نەق مەيدان كونسېرت قويۇشنى چەكلىگەنلىكى، بىر مۇزىكا كۆرىكىنىڭ بىكار قىلىنغانلىقى ۋە كۇلۇبلار كونسېرت قويماقچى بولسا رۇخسەت ئېلىشنى بېكىتكەنلىكى تۈپەيلى" بېيجىڭدا ياز پەسلى بولۇشىغا قارىماي، مۇزىكانتلارنىڭ قىشلىق ئۇيقۇدا " ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.