'ئامېرىكا ئاۋازى' بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشتە خىتاينىڭ يادرو تەتقىقات تەجرىبىخانىسى ۋە ئۇران تاۋلايدىغان زاۋۇتى جايلاشقان ميەنياڭ شەھىرىنىڭ گۇاڭيۇەن دېگەن يېرىدە 10 نەچچە مىڭ ئادەم ئۆلدى، دەپ بايان قىلغان ئىدى. خىتاي دۆلەت مۇداپىئە پەن - تېخنىكا سانائەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى چېن چيۇفا يېقىندا 'جۇڭگونىڭ ھەربىي سانائىتى سىچۈەندە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە قاتتىق زەخمىلەندى' دېدى. گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى سىچۈەندە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتىن كېيىنلا، 'جۇڭگونىڭ يادرو تەتقىقات ئەسلىھەلىرى تامامەن بىخەتەر' دەپ جاكارلىغان بولسىمۇ.
خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، ئەنگلىيىدىكى جەينىس مۇداپىئە نەشرىيات گۇرۇپپىسىنىڭ بايان قىلىشىچە، سىچۈەندە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە خىتاينىڭ ھەربىي سانائىتى ۋە يادرو ئەسلىھەلىرى ئېغىر دەرىجىدە زەخمىلەنگەن، كۆرۈلگەن زىيان تەخمىنەن 67 مىليارد يۈەن.
'خىتاي خەۋەر تورى'نىڭ بايان قىلىشىچە، يەر تەۋرەش يۈز بەرگەن ۋېنچۇەن رايونى تىبەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايون ئىدى. ھازىر تېبەت مەسىلىسىنىڭ خەلقئارادا بارغانسېرى سەزگۈر مەسىلە بولۇپ قېلىۋاتقانلىقى ۋە خىتاينىڭ يادرو ئەسلىھەلىرىنىڭ يەر تەۋرەشتىن كېيىنكى ئەھۋالى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىگىمۇ تېخىچە ئېنىق بولمىغانلىقى ئۈچۈن، خىتاي ھۆكۈمىتى چەتئەللەرنىڭ قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرىنىڭ كېلىشىنى رەت قىلغان.