خىتاينىڭ قامالنى تۇيۇقسىز ئېچىۋېتىش سىياسىتى دۇنيادا كوۋىد ۋاباسىغا بولغان ئەندىشىنى كۈچەيتمەكتە
2022.12.30

خىتاي ھۆكۈمىتى 2020-يىلدىن باشلاپ ئۈچ يىل قاتتىق يولغا قويغان «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» سىياسىتىنى 2022-يىل 12-ئايدا بىكار قىلغاندىن كېيىن، خىتايدا كوۋىد-19 ۋاباسى بىراقلا يامراپ، يۇقۇملىنىپ ئۆلگۈچىلەر سانى كۈنسايىن ئېشىپ كەتكەن. نۆۋەتتە خىتايدا ئەۋجىگە چىققان كوۋىد ۋاباسى يۇقۇمىنىڭ دۇنياۋى تەھدىت پەيدا قىلغانلىقى ۋە ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئوخشىمىغان تەدبىرلەرنى ئېلىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا چىقماقتا.
خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدىن ئىتالىيەگە ئۇچقان ئايروپىلاندىكى يولۇچىلارنىڭ 50 پىرسەنتى كوۋىد يۇقۇمدارى ئىكەنلىكى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، كوۋىد يۇقۇمىنىڭ يەنە بىر قېتىملىق دۇنياۋى ئاپەتكە ئايلىنىش خەۋپى نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەرنى ئەندىشىگە سالغان.
«بلومبېرگ خەۋەرلىرى» تورىنىڭ 28-دېكابىر كۈنىدىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 26-دېكابىردىن باشلاپ ئىتالىيە سەھىيە مىنىستېرلىقى بارلىق يولۇچىلارغا كوۋىد تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىشنى قارار قىلغان. خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئەگەر ئۇلاردىن يېڭى ۋىرۇس ئالامەتلىرى بايقالسا، خىتاي ساياھەتچىلىرىگە تېخىمۇ ئېغىر چەكلىمە قويۇلىدىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە نۇرغۇن دۆلەتلەر خىتايدا يامراۋاتقان كوۋىد-19 يۇقۇمىغا قارشى تەدبىرلەرنى يولغا قويغان.
ئىگىلىنىشىچە، 28-دېكابىر كۈنىگىچە ئىتالىيە، فرانسىيە، گرمانىيە، ئەنگىلىيە قاتارلىق ياۋروپا دۆلەتلىرى، ئامېرىكا، ياپونىيە، ھىندىستان، مالايسىيا، تەيۋەن، كورىيە قاتارلىق دۆلەت ۋە رايون ھۆكۈمەتلىرى مۇناسىپ تەدبىرلەرنى ئېلان قىلغان. بۇ تەدبىرلەردە خىتايدىن ۋە ئۈچىنچى دۆلەت ئارقىلىق خىتايدىن كەلگەن يولۇچىلارغا قارىتا كوۋىدتىن يۇقۇملانمىغانلىقى ھەققىدە ئىسپات تەلەپ قىلىش، چېگرادىن كىرگەندىن كېيىن كوۋىد يۇقۇمىنى قايتا تەكشۈرۈپ 7 كۈنلۈك كارانتىن تەدبىرلىرى قوللىنىش، ۋىزا بېجىرىشنى ۋاقىتلىق توختىتىش، چېگرادىن كىرگۈزمەسلىك قاتارلىقلار ئېلان قىلىنغان.
«ئامېرىكا ئاۋازى» نىڭ 29-دېكابىردىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، ئامېرىكادىكى كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەركىزى (CDC)، 28-دېكابىر كۈنى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئامېرىكا ۋاقتى 2023-يىلى 1-ئاينىڭ 5-كۈنى سائەت نۆلدىن باشلاپ، خوڭكوڭ ۋە ماكاۋنى ئۆز ئىچىگە خىتايدىن كەلگەن 2 ياشتىن يۇقۇرى بولغان بارلىق يولۇچىلارنىڭ ئايروپىلانغا چىققاندا، 48 سائەت ئىچىدە كوۋىدتىن يۇقۇملانمىغانلىقى ھەققىدىكى تەكشۈرۈش ئىسپاتىنى كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلغان. خەۋەردە دېيىلىشىچە، بۇ تەلەپ ئۈچىنچى بىر دۆلەت ئارقىلىق خىتايدىن كەلگەن يولۇچىلارغىمۇ قويۇلىدىكەن.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 27-دېكابىر كۈنى ياپونىيە ھۆكۈمىتى خىتايدا كوۋىد يۇقۇمى ئېغىرلاشقانلىقى ئۈچۈن، 30-دېكابىردىن باشلاپ خىتايدىن كەلگەن بارلىق يولۇچىلارنى تەكشۈرۈش، يۇقۇملانغانلارنى 7 كۈن كارانتىن قىلىش تەدبىرىنى ئېلان قىلغان ۋە خىتايدىن ياپونىيەگە ئۇچىدىغان ئايروپىلانلارنىڭ ئۇچۇش قېتىم سانىنى چەكلەشنى ئۇقتۇرغان.
خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، 28-دېكابىر كۈنى تەيۋەن مەركىزىي سەھىيە ئىدارىسى ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ، 2023-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ خىتايدىن كېلىدىغان بارلىق يولۇچىلارغا كوۋىد يۇقۇمىنى تەكشۈرۈشنى يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
ھىندىستان ھۆكۈمىتىمۇ خىتاي، تايلاند، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن كېلىدىغان بارلىق يولۇچىلارنىڭ چېگرادىن كىرگەندە، 48 سائەت ئىچىدە تەكشۈرۈلگەن كوۋىدتىن يۇقۇملانمىغانلىقى ھەققىدىكى ئىسپاتىنى كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلغان.
جەنۇبىي كورىيە 15-دېكابىردىن باشلاپ خىتاينى كوۋىد يۇقۇمى خەتەرلىك دۆلەت تىزىملىكىگە كىرگۈزۈپ، خىتايدىن كېلىدىغان يولۇچىلارنىڭ يۇقۇملىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش بەلگىلىمىسىنى ئېلان قىلغان. شىمالىي كورىيە ئەڭ قاتتىق تەدبىر قوللانغان دۆلەت بولۇپ، خىتايدىن كېلىدىغان بارلىق يولۇچىلارانىڭ چەكلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
تىببىي مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى كوۋىد ۋاباسىنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى ۋە يۇقۇمدارلارىنىڭ ھەقىقىي سانىنى ئاشكارىلاشنى رەت قىلغان ئەھۋال ئاستىدا ھەرقايسى دۆلەتلەر تەدبىر ئالماقتا ئىكەن.
تىببىي مۇتەخەسسىسلەردىن نيۇ-يورك كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى دوكتۇر مەمەت ئىمىن ئەپەندى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتايدىكى يۇقۇم ۋەزىيىتى مۇشۇ ھالەتتە داۋاملاشسا، بۇ ۋىرۇسنىڭ نەچچە يىل ئاۋۋالقىدەك دۇنياغا يامراش ئېھتىمالى كۈچلۈك بولۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ مۇناسىپ تەدبىرلەرنى ئېلىشى تولىمۇ زۆرۈر ئىكەن.
ئەمما مەمەت ئىمىن ئەپەندى يەنە ئۆز ئەندىشىسىنىمۇ بىلدۈردى.
ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، ھازىر كىشىلەرنى ئەندىشىگە سېلىۋاتقىنى نۆۋەتتە يولغا قويۇلۇۋاتقان تەدبىرلەرنىڭ ئۈنۈمدارلىق مەسىلىسى ئىكەن.
ئامېرىكادىكى تىببىي مۇتەخەسسىسلەردىن ۋاشىنگىتون مەركىزىي دوختۇرخانىسىنىڭ دوختۇرى، دوكتۇر جۈرئەت ئوبۇل ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز قاراشلىرىنى ئاڭلارمەنلەر بىلەن ئورتاقلاشتى.
ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 3 يىلدىن بۇيان قاتتىق يولغا قويغان «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» تەدبىرى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، نۆۋەتتە بۇ تەدبىرنى بىكار قىلىپ، پۈتۈنلەي قويۇۋېتىش تەدبىرىنى قوللانغان. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي بۇ تەدبىرلەر ئارقىلىق يۇقۇمنى تەبىئىي كونترول قىلىش مەقسىتىگە يەتمەكچى بولغان.
جۈرئەت ئوبۇل ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ھەر ئىككى تەدبىرى ئىلمىي ئاساسىي بولمىغان چەكتىن ئاشقان تەدبىر بولۇپ، بۇ قېتىم خىتايدا كۆرۈلىۋاتقان كوۋىد ۋىروسىنىڭ يەنە قانداق ئۆزگىرىپ دۇنياغا يېڭى ئاپەت بولۇشى، ئەڭ ئەندىشە قىلارلىق مەسىلە ئىكەن.
جۈرئەت ئوبۇل ئەپەندى يەنە بۇ خىل ئەھۋالدا ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ يەنىمۇ قاتتىق تەدبىرلەرنى يولغا قويۇشى، ھەتتا خىتايدىن كېلىدىغان بارلىق ئايروپىلانلارنى توسۇشتەك تېخىمۇ ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىشنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.