خىتاينىڭ ياۋايى ھايۋانلارنى ئېكسپورت قىلىشنى رىغبەتلەندۈرۈۋاتقانلىقى مەلۇم

خىتاي ھۆكۈمىتى كورونا ۋىرۇسى سەۋەبلىك خىتايدىكى ياۋايى ھايۋانلار بازىرىنى تاقىغان بولسىمۇ، ئەمما بەزى ياۋايى ھايۋانلارنىڭ ئېكسپورت قىلىنىشىنى رىغبەتلەندۈرۈۋاتقانلىقى مەلۇم.

«ۋال سترېت ژۇرنىلى گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، دائىرىلەر بەزى ياۋايى ھايان سودىگەرلىرىگە ئەگەر ماللىرىنى چەتئەللەرگە ئېكسپورت قىلسا باج كەچۈرۈم قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى 24-فېۋرال قارار چىقىرىپ خىتايدا ياۋايى ھايۋانلارنىڭ سېتىلىشى ۋە ئىستېمال قىلىنىشىنى چەكلىگەن. ئۇلار ئەينى چاغدا بۇنىڭ ئاممىۋى ساغلاملىقىغا ئېغىر تەھدىت يارىتىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

ھالبۇكى، مارتنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە خىتاي مالىيە تارماقلىرى يېگىلى بولىدىغان يىلان، تاشپاقا، مايمۇن، قۇندۇز قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھايۋانات مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورتىغا 9 پىرسەنت باج كەچۈرۈم قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەرگە قارىغاندا، خىتاينىڭ بۇ قارارى، كورونا ۋىرۇسى سەۋەبلىك ئاستىلىغان خىتاي ئىقتىسادىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن پايدىلىق بولسىمۇ، خىتايدا چەكلىگەن ياۋايى ھايۋانلارنى چەتئەللەرگە ئېكسپورت قىلىش دۇنيا بازىرىنى خەتەرگە ئىتتىرىدىكەن.

خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدە بايقىلىپ نۆۋەتتە دۇنياۋى ۋاباغا ئايلانغان كورونا ۋىرۇسىنىڭ ۋۇخەندىكى بىر ياۋايى ھايۋانات مەھسۇلاتلىرى بازىرىدىن تارقالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.

بۇ ۋىرۇس نۆۋەتتە دۇنيانىڭ ھەممە جايلىرىغا دېگۈدەك يامراپ 1 مىليون 800 مىڭغا يېقىن ئادەمنى يۇقۇملاندۇرغان.