ئاۋام پالاتا ئەزاسى كارلوس گىمەنەز «نەۋرىلىرىمنىڭ خىتاي كوممۇنستلىرى ھۆكۈم سۈرىدىغان دۇنيادا ياشىشىنى ئەسلا خالىمايمەن!»

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2023.03.24
amerika-dolet-mejlisi-guwahliq-yighini-1.jpg ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى ئامېرىكا-خىتاي ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت پەۋقۇلئاددە كومىتېتى چاقىرغان مەخسۇس گۇۋاھلىق يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2023-يىلى 23-مارت، ۋاشىنگتون.
Photo: RFA

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدىكى «ئامېرىكا ۋە خىتاي كومپارتىيەسى ئوتتۇرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت پەۋقۇلئاددە كومىتېتى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ ‹ئامېرىكا-خىتاي ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت پەۋقۇلئاددە كومىتېتى› دېيىلىدۇ) دا ئېچىلغان ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى گۇۋاھلىق يىغىنى ئامېرىكا تارىخىدىكى ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنلىرى ئىچىدىكى تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە بىر يىغىن بولدى.

يىغىنغا قاتناشقان ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئەزالىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان زىيانكەشلىكلىرى، يۇقىرى پەن-تېخنىكاغا تايىنىپ تۇرۇپ پۈتكۈل بىر مىللەتنى يوقىتىشنى نىشان قىلغان باستۇرۇشلىرى ھەققىدىكى گۇۋاھلىقلارنى ئاڭلىدى. ئۇلار بىردەك ئۇيغۇرلار يولۇقۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى كۈرەش قىلىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى، خىتاي كومپارتىيەسىگە ئوخشاش «زالىم ۋە ياۋايى» بىر ھاكىمىيەتنى بىتچىت قىلىشنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ كەلگۈسگە چېتىلىدىغان ھەل قىلغۇچ بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى بەس-بەستە تەكىتلەشتى.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى ئامېرىكا-خىتاي ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت پەۋقۇلئاددە كومىتېتى چاقىرغان مەخسۇس گۇۋاھلىق يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2023-يىلى 23-مارت، ۋاشىنگتون.

مەزكۇر كومىتېت ئەزالىرىدىن ئاۋام پالاتا ئەزاسى كارلوس گىمەنەز (Carlos Gimenez) يىغىندىكى سۆزىدە «مەن بالىلىرىمنىڭ، نەۋرىلىرىمنىڭ خىتاي كوممۇنستلىرى ھۆكۈم سۈرىدىغان بىر دەۋردە ياشىشىنى خالىمايمەن» دېدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «. . . مەن كوممۇنىزمدىن نەپرەتلىنىمەن. چۈنكى مەن ئۆزۈم بىر كۇبالىق. بىز ئۆز دەۋرىدە كۇبادىن قېچىشقا مەجبۇر بولغان. . . . مېنىڭ مۇشۇ يەردە ئاڭلىغانلىرىمدىن چىقارغان يەكۈنۈمگە كەلسەك، خىتاي ھۆكۈمىتى زالىم بولۇپلا قالماي، بەلكى ئۇلار يەنە ياۋايى ئىكەن. ئەگەر بىز بۇ ھەقتە بىر ھەرىكەت قىلمايدىغان بولساق ۋە ئۇنى توختاتمايدىغان بولساق، كەلگۈسىدە بالىلىرىم ۋە نەۋرىلىرىم مۇشۇلار ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان بىر دۇنيادا ياشاپ قالارمۇ، دەپ ئەنسىرەيمەن.»

كارلوس ئەپەندى ئۇيغۇرلارنى، بولۇپمۇ بۇ يىغىنىدا گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەرنى ئامېرىكانى ۋە دۇنيانى خەۋپتىن ئاگاھلاندۇرۇۋاتقان «ئاگاھلاندۇرۇش قوڭغۇرىقى» دەپ تەسۋىرلىدى.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى ئامېرىكا-خىتاي ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت پەۋقۇلئاددە كومىتېتى چاقىرغان مەخسۇس گۇۋاھلىق يىغىنىدا(ئوڭدىن) ئاندىرىيان زېنز(Adrian Zenz)، نۇرى تۈركەل ۋە ناومى كىكولەر(Naomi Kikoler) لەر گۇۋاھلىق بەرىشتىن بۇرۇن قەسەم  بەرمەكتە. 2023-يىلى 23-مارت، ۋاشىنگتون.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى ئامېرىكا-خىتاي ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت پەۋقۇلئاددە كومىتېتى چاقىرغان مەخسۇس گۇۋاھلىق يىغىنىدا(ئوڭدىن) ئاندىرىيان زېنز(Adrian Zenz)، نۇرى تۈركەل ۋە ناومى كىكولەر(Naomi Kikoler) لەر گۇۋاھلىق بەرىشتىن بۇرۇن قەسەم بەرمەكتە. 2023-يىلى 23-مارت، ۋاشىنگتون.

گۇۋاھلىق يىغىنىدا يەنە ئاۋام پالاتا ئەزاسى روب ۋىتمان (Rob Wittman) مۇ سۆز قىلىپ، خىتاي كومپارتىيەسىگە قارشى تۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ: «بىز خىتاي كومپارتىيەسىدىن ئىبارەت بۇ رەزىل كۈچكە قارشى تۇرالمىساق، ئىرقىي قىرغىنچىلىق يەنىلا داۋاملاشسا، ئۇ ھالدا بىز خىزمىتىمىزنى ياخشى قىلالمىدۇق، دېگەنلىك بولىدۇ. مەن خىتاي كومپارتىيەسىنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ دەھشەتلىك ئازاب-ئوقۇبەتلىرى ئۈچۈن تولۇق جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك، دەپ قارايمەن» دېدى.

ئامېرىكا-خىتاي ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت پەۋقۇلئاددە كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋە بۇ گۇۋاھلىق يىغىنىنىڭ باشقۇرغۇچىسى مايك گاللىگېر ئەپەندىمۇ يىغىننىڭ ئېچىلىشىدا ئىنتايىن مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلىۋاتقان زۇلۇمنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى ئامېرىكا-خىتاي ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت پەۋقۇلئاددە كومىتېتى چاقىرغان مەخسۇس گۇۋاھلىق يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2023-يىلى 23-مارت، ۋاشىنگتون.

ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز بۇ يىغىن ئارقىلىق ھېچ بولمىغاندا، 50 يىلدىن كېيىن خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقى 21-ئەسىردىكى يىرگىنچلىك ئىشلارنىڭ بىرى سۈپىتىدە ئەسكە ئېلىنغاندا، ھېچقانداق بىر رەھبەرنىڭ، سىياسەت چىقارغۇچىنىڭ ياكى ھېچقانداق بىر مەبلەغ سالغۇچىنىڭ نەۋرىسىنىڭ كۆزىگە قاراپ تۇرۇپ ‹بىز بىلمەپتىكەنمىز› دېيەلمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.»

ئۇ يەنە سۆزىدە ھەر بىر كىشىنى قولىدىن كېلىشىچە ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرىپ: «نۇرغۇن كىشىلەر يەھۇدىي قىرغىنچىلىقى مەزگىلىدە ياشىغان بولسام نېمە قىلغان بولاتتىم، دەپ ئويلايدۇ. بۈگۈن بىز مانا بۇ ئادەملەرنىڭ ‹ھازىر مەن بۇنى بىلدىم، مەن نېمە قىلىۋاتىمەن› دەپ ئويلىشىنى تەلەپ قىلىمىز. مانا بۇ بىزنىڭ ‹ئەسلا تەكرارلانمايدۇ› دەيدىغان ۋاقتىمىز!» دېدى.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى ئامېرىكا-خىتاي ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت پەۋقۇلئاددە كومىتېتى چاقىرغان مەخسۇس گۇۋاھلىق يىغىنىدا ياۋروپادىن كەلگەن لاگېر شاھىتلىرىدىن(ئوڭدىن) قەلبىنۇر سىدىق ۋە گۈلباھار خاتىۋاجى خانىملار گۇۋاھلىق بەرمەكتە. 2023-يىلى 23-مارت، ۋاشىنگتون.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى ئامېرىكا-خىتاي ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت پەۋقۇلئاددە كومىتېتى چاقىرغان مەخسۇس گۇۋاھلىق يىغىنىدا ياۋروپادىن كەلگەن لاگېر شاھىتلىرىدىن(ئوڭدىن) قەلبىنۇر سىدىق ۋە گۈلباھار خاتىۋاجى خانىملار گۇۋاھلىق بەرمەكتە. 2023-يىلى 23-مارت، ۋاشىنگتون.

گۇۋاھلىق يىغىنىدا يەنە كومىتېت ئەزالىرى، بولۇپمۇ ئايال كومىتېت ئەزالىرى ھەرقانداق بىر زۇلۇمدا ئاياللارنىڭ ئىنتايىن ئېغىر بەدەللەرنى تۆلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى ۋە شۇنداقلا ئىككى نەپەر ئايال شاھىت-قەلبىنۇر سىدىق خانىم ۋە گۈلباھار خاتىۋاجى خانىملارنىڭ كۆرسەتكەن جاسارىتى ۋە تىرىشچانلىقىغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتتى. ئاۋام پالاتا ئەزاسى خېيلى سىتىۋىنس (Haley Stevens) ئەنە شۇلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ سۆزىدە ئالدى بىلەن ئىككى ئايال شاھىتنىڭ جاسارىتىگە رەھمەت ئېيتقاندىن كېيىن، ئۆزلىرىنىڭ چوقۇم بۇ زۇلۇمنى توختىتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ سۆزىدە مۇنداق دېدى: «ئىككى نەپەر شاھىتىمىز، سىلەر گەرچە بىز بىلەن ئوخشاش تىلدا سۆزلىمىسەڭلارمۇ، بىز سىلەرنىڭ دەردىڭلارنى چۈشەندۇق. بىز بۇ كومىتېتتىكىلەر، قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان ئىشلارنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز، ئىقتىسادىي باھانىلەر سەۋەبلىك ئادالەتسىزلىكلەرنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى توسۇشىمىز ۋە ئۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك. بىز ھەقىقەت، ئادالەت ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئۈچۈن كۈرەش قىلىمىز، ئەلۋەتتە.»

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى ئامېرىكا-خىتاي ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت پەۋقۇلئاددە كومىتېتى چاقىرغان مەخسۇس گۇۋاھلىق يىغىنىدا مەزكۇر يىغىنىنىڭ رەئىسى ئاۋام پالاتا ئەزاسى مايك گاللاگېر (Rep. Gallagher) ئەپەندى ئۇيغۇرلار بىلەن ئاھالىدە كۆرۈشتى. 2023-يىلى 23-مارت، ۋاشىنگتون.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى ئامېرىكا-خىتاي ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت پەۋقۇلئاددە كومىتېتى چاقىرغان مەخسۇس گۇۋاھلىق يىغىنىدا مەزكۇر يىغىنىنىڭ رەئىسى ئاۋام پالاتا ئەزاسى مايك گاللاگېر (Rep. Gallagher) ئەپەندى ئۇيغۇرلار بىلەن ئاھالىدە كۆرۈشتى. 2023-يىلى 23-مارت، ۋاشىنگتون.

مەزكۇر گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا ئىككى نەپەر لاگېر شاھىتىدىن باشقا يەنە ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى نۇرىي تۈركەل، تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنز ۋە نائومى كىكولېر قاتارلىقلار گۇۋاھلىق بەرگەن بولۇپ، ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان يۇقىرى تېخنىكالىق ئىرقىي قىرغىنچىلىقى، مەجبۇرىي ئەمگىكى، يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەت سىستېمىسى، ھەتتا مەجبۇرىي ئىچكىي ئەزا يۆتكەش ئوپېراتسىيەسى قاتارلىقلارغا ئائىت مۇھىم سوئاللارغا جاۋاب بەردى. ئۇلارنىڭ گۇۋاھلىقلىرى ۋە تەمىنلىگەن ئۇچۇرلىرى ئامېرىكا-خىتاي ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت پەۋقۇلئاددە كومىتېتى ئەزالىرىنى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تەھدىتى ھەققىدە تېخىمۇ چوڭقۇر مەلۇماتلارغا ئىگە قىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.