ئائىلە ئەزالىرى غايىب قىلىۋېتىلگەن ئۇيغۇرلار خەلقئارانىڭ خىتايغا تېخىمۇ كۈچلۈك بېسىم قىلىشىنى تەلەپ قىلماقتا

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز نۇرئىمان تەييارلىدى
2024.08.31
ghayib-uyghurlar-ziyaliy-tutqun تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن (1-رەت سولدىن ئوڭغا) ئىلھام توختى، تاشپولات تېيىپ، قۇربان مامۇت، ئابدۇكېرىم راخمان، (2-رەت سولدىن ئوڭغا) خالمۇرات غوپۇر، ئابدۇقادىر جالالىدىن، ئارسلان ئابدۇللا، راھىلە داۋۇت، يالقۇن روزى.
Photo: RFA

ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن 30-ئاۋغۇست «مەجبۇرىي غايىب بولغانلار خەلقئارا كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلدى. باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: «بۈگۈن بىز دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىش جىنايىتىنىڭ قۇربانلىرىنى ئەسلەيمىز. بۇنىڭ ئىچىدە خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى تەرىپىدىن غايىب قىلىۋېتىلگەن دىنىي ۋە مىللىي توپلۇقنىڭ ئەزالىرى، ئادۋوكاتلار، پائالىيەتچىلەر ۋە باشقىلارمۇ بار. . .»

2010-يىلىدىن باشلاپ ھەر يىلى 30-ئاۋغۇست كۈنى دىكتاتور ھاكىمىيەتلەر تەرىپىدىن غايىب قىلىۋېتىلگەن ئىنسانلار ئالاھىدە خاتىرىلىنىدىغان بولۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت)، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىمۇ بۇ ھەقتە مەخسۇس بايانات ئېلان قىلغان. ب د ت ئېلان قىلغان باياناتىدا «مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىش» جىنايىتىنى سادىر قىلىۋاتقان ھاكىمىيەتلەرنىڭ غايىب قىلىۋەتكەن كىشىلەردىن باشقا ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغىمۇ ئېغىر زىيانكەشلىك قىلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىمۇ ئۆزىنىڭ رەسمىي ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا بۇ ھەقتە يازما بايانات، شۇنىڭدەك ئائىلىسى غايىب قىلىۋېتىلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ گۇۋاھلىق ۋىدىيولىرىنى تارقاتقان. ئۇلار يازمىلىرىدا ب د ت نىڭ «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن» لىكى ھەققىدىكى دوكلاتىنى ئېلان قىلغىنىغا ئىككى يىل بولغانلىقىنى، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمانلىرىغا قارشى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى قايتا تەكىتلىگەن.

پىروفېسسور، خەلقئاراغا تونۇلغان ئۇيغۇر فولكلورشۇناس راھىلە داۋۇت ئاشۇ غايىب قىلىۋېتىلگەنلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ 2017-يىلنىڭ ئاخىرىدا بېيجىڭدىكى بىر يىغىنغا قاتنىشىشقا يول ئالغان ۋە شۇنىڭدىن كېيىن ئىز-دېرىكى بولمىغان. 2023-يىلى 9-ئايدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇنى «بۆلگۈنچىلىك» ۋە «دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە زەرەر يەتكۈزۈش جىنايىتى» دېگەن ئەيىب بىلەن ئۆمۈرلۈك قاماققا ھۆكۈم قىلغانلىقى ئاشكارىلانغان.

راھىلە داۋۇتنىڭ ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق قىزى ئەقىدە پولات ئاپىسىنىڭ ئالتە يىلدىن بۇيان تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى ھەققىدە رادىيومىزغا قايتا گۇۋاھلىق بەردى. ئۇ ئالتە يىلدىن بېرى قىزى بىلەن دىدارلىشىشنى ئارمان قىلىپ كېلىۋاتقان مومىسىنىڭ (راھىلە داۋۇتنىڭ ئاپىسى) قىزىنى كۆرەلمەي يېقىندا تۈگەپ كەتكەنلىكى، ئاپىسى راھىلە داۋۇتنىڭمۇ قىزىنى كۆرەلمەي ئالتە يىلدىن بىرى تۈرمىدە ئازاب چېكىۋاتقانلىقىنى، بۇ ئۈچ ئەۋلادنىڭ تىراگېدىيەسىنى قەتئىي قوبۇل قىلالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

«مەجبۇرىي غايىب بولغانلار خەلقئارا كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن مۇھاجىرەتتىكى نۇرغۇن ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا غايىب قىلىۋېتىلگەن ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ھەققىدە گۇۋاھلىقلىرىنى ھەمبەھىرلىدى.

ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق سەھىبە سايرامئوغلىنىڭ تارقاتقان مەلۇماتىغا قارىغاندا، ئۇنىڭ ئىنىسى قۇددۇسجان ئابدۇۋەلى 2024-يىلى 7-ئاينىڭ 12-كۈنى غۇلجادىن بورتالاغا قايتىش يولىدىكى تەكشۈرۈش پونكىتىدا يەرلىك ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان. سەھىبە رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئىنىسىنىڭ قاچان ۋە قەيەردە تۇتۇلغانلىقى، كېيىن قەيەرگە يۆتكەلگەنلىكى ۋە ئىنىسى ھەققىدە ئۆزى ئىگە بولغان ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلىرى توغرىسىدا قايتا تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.

رادىيومىز بۇ يىل مايدا قۇددۇسجاننىڭ قۇمۇل ئوتتۇرا سوتتا بەش يىل تۆت ئايلىق كېسىلگەنلىكىنى دەلىللىگەنىدى.

ئەقىدە ۋە سەھىبە زىيارىتىمىز داۋامىدا ئائىلە ئەزالىرى تۇتۇلۇپ كەتكەندىن كېيىن ھاياتىنىڭ پۈتۈنلەي ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكىنى بايان قىلدى. ئۇلارنىڭ بايانلىرىدىن ئۇلارنىڭ ناھايىتى ئېغىر بىر پىسخىكىلىق بىسىم ئاستىدا ياشاۋاتقانلىقى بىلىنىپ تۇراتتى. ئۇلار يەنە ھەر قايسى ھۆكۈمەتلەر ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ خىتايغا تېخىمۇ كۈچلۈك بىسىم قىلىشىنى، تۇتۇلۇپ كەتكەن ئائىلە ئەزالىرى بىلەن پات ئارىدا ساق-سالامەت دىدارلىشىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن باياناتىنىڭ ئاخىرىدا پۈتۈن دۇنيانى بىرلىشىپ خىتاي، رۇسىيە ۋە سۈرىيە قاتارلىق دۆلەتلەر كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان «مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىش» كە خاتىمە بېرىشكە، جىنايەتچىلەرنى جاۋابكارلىققا تارتىشقا، شۇنداقلا ھەممە ئىنسانلارنىڭ ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.