شىۋېتسارىيەنىڭ لۇگانو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان «خىتايغا كەسكىن نەزەر» ناملىق چوڭ تىپتىكى پائالىيەتنىڭ ئاخىرقى كۈنى، 23-فېۋرال كەچتە لۇگانودىكى ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ پىروفېسسورلىرى، مۇتەخەسسىسلىرى، ژۇرنالىستلارنىڭ قاتنىشىشىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. يېپىلىش مۇراسىمىدا ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەسىلىسى يەنە تىلغا ئېلىنىپ، يۈزلىگەن پائالىيەت قاتناشقۇچىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

بۇ ئاينىڭ 18-كۈنى باشلانغان «خىتايغا كەسكىن نەزەر» ناملىق بۇ پائالىيەت داۋام قىلىۋاتقىلى بىر ھەپتە بولغان بولۇپ، 23-فېۋرال كۈنىمۇ «ئاسىلو سىياھنى» مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ چوڭ سالونى زىيارەتچىلەر بىلەن لىق تولغان، چوڭ سالونغا لاگېر تۇتقۇنلىرىنىڭ رەسىملىرى قۇيۇلغان ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ناھايىتى چوڭ، ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقى ئېسىلغانىدى.
بۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، فىرانسىيەدىكى لاگېر شاھىتى گۈلباھار خاتىۋاجىمۇ نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەن بولۇپ، كەچ سائەت 6دىن كېيىن، شىۋېتسارىيە رادىيو تېلېۋىزىيەسىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېلىپ بېرىلغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا لۇگانولۇقلار ۋە ئاخباراتچىلار گۈلباھار خانىمدىن بەس-بەستە لاگېر ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى ھايات ھەققىدە سوئاللار سوراشتى. شۇنداقلا شىۋېتسارىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى رىزۋانئاي خانىمدىن شىۋېتسارىيە ئۇيغۇرلىرى دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلار، خىتاينىڭ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارغا سېلىۋاتقان پاراكەندىچىلىكلىرى ھەققىدە سوئاللار سوراشتى.
شۇ كۈنى كەچتىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش پائالىيىتىدىن كېيىن، نەق مەيداندا گۈلباھار خاتىۋاجى خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ بۇ پائالىيەتنىڭ كۈتكىنىدىنمۇ ئارتۇق بىر غەلىبىلىك پائالىيەت بولغانلىقىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى؛
ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا شىۋېتسارىيە رادىيو-تېلېۋىزىيەسى رىياسەتچىلىك قىلغان بولۇپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ رەئىسى زۇمرەتئاي ئەركىن خانىم، شىۋېتسارىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى رىزۋانئاي ئىلھام خانىم، خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتىدىن سېلىنا موررېل خانىملار قاتناشقاندىن باشقا يەنە، «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» دىكى تۇتقۇنلارنىڭ رەسىملىك فىلىمى چوڭ ئېكراندا قۇيۇلغان. يىغىن سالونى بۇ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا قاتناشقىلى كەلگەن لۇگانودىكى ئۇنىۋېرسىتېت ۋە گىمنازىيە ئوقۇتقۇچىلىرى، ئاخباراتچىلار ۋە لۇگانولۇقلار بىلەن لىق تولغان، ھەتتا ئولتۇرىدىغان ئورۇن قالماي، سالونغا پاتمىغان يۈزلەرچە كىشى ئىشىكنىڭ تېشىدا ئۆرە تۇرۇپ يىغىننى ئاڭلىغان.

شىۋېتسارىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى رىزۋانئاي خانىممۇ، بۇ يىغىن كۈنتەرتىپىنىڭ رەڭدار ۋە كۆپ خىل بولۇشىدەك ئالاھىدىلىكى بىلەن، قاتناشقۇچىلار ۋە ئېكسكۇرسىيە قىلغۇچىلارنىڭ باشقىچە قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
پائالىيەت جەريانىدا ھەر كۈنى ئۇنىۋېرسىتېت ۋە گىمنازىيە ئوقۇغۇچىلىرى سىنىپلار بويىچە يىغىن مەيدانىغا كىرىپ، فىلىم سالونىدىكى جازا لاگېرلىرى تەسۋىرلەنگەن ھۆججەتلىك فىلىمنى كۆرگەن. رىزۋانئاي خانىم بۇ ھەقتىكى تەسىراتى ھەققىدە توختىتىلىپ ئۆتتى.
ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن كېيىن، بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە ساھىبخانىلىق قىلغان «لۇگانو كىشىلىك ھوقۇق» ۋەخپىسىنىڭ رەئىسى برونۇ بېرگومىې ئەپەندى، زۇرىخ ۋە سانكت گاللەن ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ خەلقئارا تىجارەت ھوقۇقى ئىلمى بويىچە پىروفېسسورى، مەزكۇر پائالىيەتنىڭ تەشكىللىگۈچىسى پاۋلو بېرناسكونى ئەپەندى ۋە لۇگانو كىشىلىك ھوقۇق ۋەخپىسىنىڭ خادىملىرىغا ئۇيغۇر دوپپىسى ۋە ئەتلەس شارپىلار تەقدىم قىلىندى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ياشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئەركىن زۇنۇن ئەپەندىمۇ بۇ مۇناسىۋەت بىلەن رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ بىر نەچچە كۈنلۈك پائالىيەت ھەققىدە ۋە بۇ پائالىيەتنىڭ تەشكىللىنىشى ھەققىدە قىسقىچە توختىتىلىپ ئۆتتى.
پائالىيەتنىڭ يېپىلىش نۇتقىنى سۆزلىگەن رىزۋانئاي خانىم، سالونغا ئېسىلغان شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ: «سىلەر كۆرگەن بۇ بايراق مېنىڭ ۋەتىنىمنىڭ، ھازىر خىتاي «شىنجاڭ» يەنى تەرجىمىسى يېڭى چېگرا ياكى يېڭى زېمىن دەپ ئاتاۋاتقان شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايرىقى، بۈگۈن بۇ يەردە، بۇ بايراق ئالدىدا سۆزلەشتىن غۇرۇر ھېس قىلسام، نېمە دەپ تەسۋىرلىشىمنى بىلەلمىدىم، بۇ بايراقنى، بۇ ئۆمرۈمدە، ۋەتىنىمنىڭ سامالىرىدا كۆرۈش ئۈچۈن ھەر كۈنى دۇئا قىلىمەن، نەچچە كۈندىن بۇ يەردە فىلىملاردىن، گۇۋاھچىلاردىن كۆرگىنىڭلاردەك، خىتاي بۈگۈن شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقى قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارماقتا! » دېگەندە پۈتۈن سالوندىكىلەر سۈكۈناتقا چۆمدى.

رىزۋانئاي خانىم سۆزىنىڭ ئاخىرىدا: «خىتاي بۈگۈن پەقەتلا ئۇيغۇرلار ۋە تىبەت خەلقى ئۈچۈن ئەمەس بەلكى پۈتۈن ئىنسانىيەت دۇنياسى ئۈچۈنمۇ چوڭ بىر تەھدىت بولماقتا! بۇ تەھدىتكە قارشى پۈتۈن ئىنسانىيەت بىرلىشىدىغان ۋاقىت كەلدى! » دېگەندە سالوندا گۈلدۈراس ئالقىشلار ياڭرىدى.
بۇ قېتىمقى «خىتايغا كەسكىن نەزەر» ناملىق پائالىيەتنىڭ ئاخىرقى كۈنى، يەنى 24-فېۋرال كۈنى شىۋېتسارىيە تىبەت دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن تىبەت ياشلار تەشكىلاتىنىڭ ئورۇنلىشىدا، لۇگانولۇقلارغا تىبەت مەدەنىيەت-سەنئەت نومۇرلىرى كۆرسىتىلدى. شۇنداقلا تىبەت دوستلۇق جەمئىيىتى رەئىسى توماس ئەپەندى تەرىپىدىن پۈتۈن پائالىيەت تەشكىللىگۈچىلىرى، ئاخباراتچىلار ۋە ئاسىلو سىياھنى مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ خىزمەتچىلىرىگە تىبەت خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋى ھۆرمەت بۇيۇمى بولغان «خادا» سى تەقدىم قىلىندى.