كورونا ۋىرۇسى پۈتۈن خىتايغا تارقاپ پۇقرالارنىڭ كوچىغا چىقىشىنى چەكلىگەن مەزگىلدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ياشلىرىنى «يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى» نامىدا خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكىشى، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنى قاتتىق ئەندىشىگە سالماقتا ھەم بۇ توغرىلىق خەۋەرلەر تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىمۇ غۇلغۇلا پەيدا قىلماقتا.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان ۋىلايەت، شەھەر ۋە ناھىيەلەردىن ئۇيغۇر ياش قىز-ئوغۇللىرىنى «يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى» نامىدا كورونا ۋىرۇسىنىڭ مەركىزى بولغان خىتاي ئۆلكىلىرىگە داۋاملىق ئايروپىلان بىلەن ئېلىپ كەتمەكتە.
«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يەرلىك دائىرىلەر 27-فېۋرال كۈنى خوتەن شەھىرى ۋە قاراقاش ناھىيەسىدىن يەنە 353 نەپەر ئۇيغۇر ياشنى خىتاينىڭ گۇاڭشى ۋە فۇجيەن ئۆلكىلىرىگە يولغا سالغان.
خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدە پارتلىغان كورونا ۋىرۇسى پۈتۈن خىتاينى قاپلاپ، خىتايدىكى نۇرغۇن ئۆلكە-شەھەرلەر پۇقرالارنىڭ كوچىغا چىقىشىنى چەكلىگەن مەزگىلدە ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ بۇ جايلارغا تۈركۈملەپ ئىشلەمچىلىككە ئەۋەتىلىشى چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنى قاتتىق ئەندىشىگە سالغان. بۇ، ئۇلاردا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مەقسىتىگە قارىتا سوئال پەيدا قىلغان ئىدى. بۇ توغرىلىق خەۋەرلەر تۈركىيەدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىمۇ غۇلغۇلا پەيدا قىلماقتا.
تۈركىيە «ئانادولۇ» خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ 2-مارت كۈنىدىكى خەۋىرىدىمۇ بۇنىڭغا ئورۇن بەرگەن. خەۋەردە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ياش قىز-ئوغۇللارنى كورونا كارانتىن تەدبىرلىرى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان رايونلارغا يۆتكەپ بېرىشى ۋە لاگېردىكى ئۇيغۇرلارنى زاۋۇتلاردا ھەقسىز ئىشلىتىشىنىڭ ئەندىشە پەيدا قىلىۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان.
2-مارت كۈنى «ئىيى» يەنى «ياخشى پارتىيەسى» پارلامېنت ئەزاسى فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى تۈركىيە پارلامېنتى ئومۇمىي يىغىنىدا سۆزلىگەن سۆزىدە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستاندىكى ئېغىر ۋەزىيەت بىزدە قاتتىق ئەنسىرەش پەيدا قىلماقتا. شۇڭا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ توغرىلىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىنى، شەرقىي تۈركىستاندىكى بىگۇناھ قېرىنداشلىرىمىزغا ئىگە چىقىشىنى تەلەپ قىلىمەن.»
بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان تۈركىيە پارلامېنتى ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتى ئەزاسى فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى بۇنىڭ خىتاينىڭ «تۈرك قان سىستېمىسىدىكى خەلقلەرنى يوق قىلىش يەنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ بىر قىسمى» ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاي ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. بۇنچىلىۋلا ۋىجدانسىزلىق قىلماسلىقى كېرەك. قايسى بىر ۋىجدان ئىگىسى بۇلارغا قارىتا سۈكۈتتە تۇرالايدۇ. لېكىن ھۆكۈمىتىمىز بۇ مەسىلىدىمۇ سۈكۈتتە تۇرۇۋاتىدۇ. قايسى مەنپەئەتى ئۈچۈن بۇنداق قىلىۋاتىدۇ، بىلگىلى بولمايدۇ. شۇڭا مەن بۇ مەسىلىدە ۋىجدانىي ۋەزىپەمنى ئادا قىلىشقا تىرىشىۋاتىمەن. ئاللاھ مەزلۇملارنىڭ دەردىنى ئاڭلىتىش ھەر بەندىنىڭ بۇرچى دەپ كۆرسەتكەن. مەزلۇم قايسى مىللەتتىن بولسا بولسۇن ئۇلارغا ياردەم قىلىشىمىز كېرەك. خۇدايىم بۇيرۇسا تۈركىيەنىڭ خىتايغا كورونا ۋىرۇسى تارقالغان يەرلەرگە يېقىن رايونلارغا ئۇيغۇر ياشلىرىنى يۆتكەشنى توختات دېيىشى ئۈچۈن ھۆكۈمىتىمىزگە بېسىم ئىشلىتىمىز.»
بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى ئىگىلەش ئۈچۈن ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئاق پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرىغا ئېلخەت يېزىپ زىيارەت قىلىشنى تەلەپ قىلغان بولساقمۇ، جاۋاب ئالالمىدۇق.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۇ يېقىنقى بىر ھەپتە ئىچىدە خىتاي ھۆكۈمىتى خوتەندىن 171 نەپەر ئۇيغۇر ياشنى ئايروپىلان بىلەن خىتاينىڭ چاڭشا شەھىرىگە يولغا سالغان.
«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە ئاشكارىلىنىشىچە، 27-فېۋرال خوتەندىن يولغا سېلىنغان 353 نەپەر ئىشلەمچىنىڭ 179 نەپىرى خوتەن شەھىرىدىن، 174 نەپىرى قاراقاش ناھىيەسىدىن ئىكەن.
ۋۇخەن شەھىرىنىڭ ئەتراپىدا ئۆلكىلەردە كارانتىن تەدبىرلىرى يولغا قويۇلۇۋاتقان مەزگىلدە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ياشلارنى بۇ رايونلارغا يۆتكىشىدىكى مەقسىتى نېمە؟
ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى مۇدىرى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى خىتاينىڭ بۇ قىلىۋاتقانلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ھەر خىل يوللار بىلەن يوق قىلىشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنستىتۇتى دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىشلەمچىلىرىنى دۇنيادىكى داڭلىق ماركىلارنى ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتلىرىدا مەجبۇرىي ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغاندىن كېيىن، مەزكۇر دوكلات خەلقئارادا قاتتىق ئىنكاس قوزغىدى.
مەزكۇر ئورگاننىڭ دوكلاتى 2-مارت كۈنى تۈركىيەنىڭ دۆلەتلىك خەۋەر ئاگېنتلىقى بولغان «ئانادولۇ» خەۋەر ئاگېنتلىقىمۇ خەۋەر قىلىپ، بۇ شىركەتلەرنىڭ قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىقى تەكىتلەندى.
دوكلاتتا قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى لاگېرلاردىكى تۈمەنلىگەن ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىنى يۆتكەپ، «ئالما»، «ب م ۋ»، «سونېي»، «گەپ»، «نايكې»، «خۇاۋېي»، «سامسۇڭ» ۋە «ۋولكىسۋاگون» قاتارلىق دۇنياۋى داڭلىق ماركىلارغا مەھسۇلات ئىشلەيدىغان زاۋۇتلاردا مەجبۇرىي ئىشلەتكەن.
دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئېكسپىلاتاتسىيە سىياسىتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى يەنە چەتئەلدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنى بۇ ھەقتە خەلقئارا سوتقا ئەرز سۇنۇشقا چاقىردى.
قاھرامانماراشتىكى سۈتچۈ ئىمام ئۇنىۋېرسىتېتى دىنىي ئىلىملەر كەسپى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئالىمجان بوغدا ئەپەندى خىتاينىڭ بۇ قىلمىشلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى يوق قىلىش سىياسىتىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ سىياسىتىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلماقتا ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلىمەكتە.
0:00 / 0:00