«بەختلىك ئائىلە» نىڭ بەختسىز ھېكايىسى: خىتاي بازارغا سېلىۋاتقان ئۇيغۇر-خىتاي نىكاھ تەشۋىقاتى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز شادىيە تەييارلىدى
2024.01.25
mehray-ailisi-dongguan مىھرىئاي ھەبىبۇللانىڭ ئائىلىسىدىكىلەر گۇاڭدۇڭ دوڭگۈەنگە كەلگەندە چۈشكەن خاتىرە سۈرەت.
chinanews.com

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ياشلىرىنى مىللەت ۋە دىن ھالقىغان نىكاھقا رىغبەتلەندۈرۈش، ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتاي ئەرلىرى بىلەن تويلىشىشقا مەجبۇرلاشتەك ئەھۋاللار خىتايدا سىياسەت خاراكتېرلىك تەشەببۇس سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا. ھەتتا بۇ خىلدىكى ۋىدىيولۇق تەشۋىقاتلار خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن ئورۇن ئالماقتا.

بۇلارنىڭ بىر ئۆرنىكى يېقىندا خىتاي تاراتقۇلىرىدا كەڭ تەشۋىق قىلىنغان ئۇيغۇر قىزى مېھرىئاي ھەبىبۇللا بىلەن گۇاڭدۇڭلۇق خىتاي ئەرنىڭ ئاتالمىش «بەختلىك ئائىلىسى» ھەققىدىكى تەشۋىقات خەۋىرىدۇر. «خىتاي خەۋەرلەر تورى» نىڭ 23-يانۋاردىكى بىر خەۋىرىدە، جەنۇبىي خىتاي پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرۈپ، «دوڭگۇەن توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم-كېچەك مەكتىپى» دە ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇر قىزى مىھرىئاي ھەبىبۇللا گۇاڭدۇڭلۇق بىر خىتاي ئەر بىلەن توي قىلىپ، «بەختلىك ئائىلە ھاياتى» ياشاۋاتقانلىقى تەشۋىق قىلىنغان.

خىتايچە كىيىندۈرۈلگەن ئۇيغۇر قىزنىڭ خىتاي بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇلغان توي مۇراسىمىدىكى راھەتسىز ۋە نارازىلىق چىرايى.
خىتايچە كىيىندۈرۈلگەن ئۇيغۇر قىزنىڭ خىتاي بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇلغان توي مۇراسىمىدىكى راھەتسىز ۋە نارازىلىق چىرايى.
Social Media

مەزكۇر خەۋەردە، 2022-يىلى خىتاي خىزمەتدىشى بىلەن توي قىلغان مىھرىئاينىڭ ئۆز ئىسمىنى خىتاي ئېرىنىڭ فامىلىسى بىلەن قوشۇپ «چېن رېيى» (陈热依) دەپ ئۆزگەرتكەنلىكى، قىزىغا «چېن شۇشى» (陈栩玺) دېگەن خىتايچە ئىسىم قويغانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن. خەۋەردە يەنە ئۆز دەۋرىدە نەنجىڭ شەھىرىدىكى جياڭپۇ تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇغان مېھرىئاينىڭ شۇ چاغلاردىلا تاڭ دەۋرى خىتاي شېئىرىيىتىگە «مەپتۇن» بولغانلىقى، ھازىر ئائىلە بويىچە ھەر يىلى چاغان، قۇربان ھېيت ۋە روزى ھېيتلارنى بىرلىكتە تەبرىكلەيدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

ئامېرىكادا ياشاۋاتقان تۇڭگان ئانالىزچى ماجۈ خىتاينىڭ بۇ خىلدىكى مىللەتلەر ئارا نىكاھلىنىش تەشۋىقاتىغا قارىتا جىددىي ئىنكاس قايتۇردى. مۇنداق دېدى:

«بىز ئەلۋەتتە ئوخشىمىغان مىللەتلەرگە تەۋە قىز-يىگىتلەرنىڭ ئەركىن مۇھەببەتلىشىشىگە، شۇنداقلا ئىرق، مىللەت ھالقىغان نىكاھ-تويلارغا قارشى ئەمەسمىز، بۇ كىشىلىك ئەركىنلىك بولۇپ، بىزنىڭ ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇش ھوقۇقىمىزمۇ يوق. ھالبۇكى، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ بۇ يەردە تەشەببۇس قىلىۋاتقىنى ھەرگىزمۇ كىشىلەرنىڭ ئەركىن مۇھەببەت مەسىلىسى بولماستىن، بەلكى سىياسىي كۈچ ۋە مەجبۇرلاش ئارقىلىق يولغا قويۇۋاتقان ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىدۇر. تارىخىي پاكىتلار شۇنى ئىسپاتلىدىكى، بۇ خىل مەجبۇرلاش خاراكتېرىدىكى سىياسىي تەدبىرلەر ۋە چارىلەر مىللىي رايونلاردىكى نوپۇس نىسبىتى، دىنىي-ئېتىقاد ۋە مەدەنىيەت قۇرۇلمىسىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىپ، ئەسلىدىكى خاسلىق يوقىتىدۇ. تېخىمۇ توغرىسى، ئاڭ-ئىدئېولوگىيە جەھەتلەردە ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنىڭ يۇغۇرۇلۇپ كېتىشىنى تېزلىتىدۇ. بۇ ئىزچىل داۋاملىشىۋاتقان بىر سىستېمىلىق بۇزغۇنچىلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس. شۇڭا ناھايىتى ئېنىقكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنىڭ نىكاھلىنىشىنى تەشەببۇس قىلىشى، مانا مۇشۇنداق سىياسىي مەقسەتنىڭ نەتىجىسىدىن بولغان. خىتاي كومپارتىيەسى ھازىرغىچە ئۇيغۇر ئېلىدا ئاتالمىش ‹شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش› ئىستىراتىگىيەسىنى يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتىدۇ. خىتاي ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى ئېرىتىپ يوقىتىش، ئۇلارنىڭ قېنىنى ئۆزلىرى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش نۆۋەتتىكى ئىنتايىن زۆرۈر پىلان. بۇ ئەمەلىيەتتە ئوچۇق-ئاشكارا قىرغىنچىلىقنىڭ ئىسپاتىدۇر.»

«خىتاي خەۋەرلەر تورى» دىكى خەۋەردە، ئۇيغۇر قىزى مىھرىئاي ھەبىبۇللانىڭ خىتاي ئېرىنىڭ كۈچلۈك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىدىن بەكمۇ تەسىرلەنگەنلىكى، شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ تويى ئارقىلىق «ئۇيغۇر-خىتايلار ئارىسىدىكى نىكاھ مۇناسىۋىتى» گە ھەسسە قوشقانلىقى داۋراڭ قىلىنغان.

تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ پەنلىرى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى، خىتايدا تارىختىن بۇيان ئۆزىدىن باشقا مىللەتلەرنى ئېرىتىش ۋە ئاسسىمىلىلاتسىيە قىلىشتەك بۇ خىل ئەشەددىي خاھىشنىڭ مەۋجۇت بولۇپ كەلگەنلىكىنى، ھەتتا خىتايلارنىڭ بۇنى «ياۋايىلارنى مەدەنىيلەشتۈرۈش» قۇرۇلۇشى دەپ قاراپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ، بۈگۈنكى كۈندە خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنىڭ نىكاھلىنىشىدىن قۇرۇلغان ئاتالمىش «بەختلىك ئائىلە» لەرنى تەشۋىق قىلىشىدا روشەن سىياسىي تەشۋىقات غەرىزىنىڭ يوشۇرۇنغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

دەرۋەقە، نۆۋەتتە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ ئەڭ روشەن ئىپادىلىرىنىڭ بىرى ئۇيغۇرلارنىڭ نىكاھ-توي ئادەتلىرىگە قىلىۋاتقان بۇزغۇنچىلىقى بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى، دىنىي ئېتىقادى، ئۆرپ-ئادىتى ۋە مەدەنىيىتىنى مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

رۇنې سىتېنبېرگ (Rune Stenberg) ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ نىكاھ-توي ئادەتلىرى ھەققىدە چوڭقۇر تەتقىقات ۋە ئىزدىنىشلەرنى ئېلىپ بارغان، شۇنداقلا بۇ ھەقتە بىر قاتار ئىلمىي ئەمگەكلەرنى يورۇقلۇققا چىقارغان بىلىم ئادەملىرىنىڭ بىرى. ئۇ، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدىكى تويلىشىشنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىپ بېرىشى، خىتاينىڭ سىياسىي تەشۋىقاتلىرى ۋە مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك چارە-تەدبىرلىرى بىلەن زىچ باغلىنىشلىق، دەپ كۆرسەتتى.

ئىگىلىشىمىزچە، نۆۋەتتە خىتاينىڭ «دوۋيىن» ۋە «ئۈندىدار»، «تىك-توك» قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا «ئۇيغۇر قىزنىڭ بېيجىڭدىكى تۇرمۇشى»، «خىتاي-ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك نىكاھ تۇرمۇشى»، «قەشقەر چەۋەندازلار بېغى»، «مەندە 398 بار»، «غەربىي دىيار شاھزادىسى 7763» قاتارلىق مەخسۇس قاناللار تەسىس قىلىنغان. بۇ قاناللاردا ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ خىتايلار بىلەن توي قىلىپ، «بەختلىك ۋە خاتىرجەم» ھاياتقا ئېرىشكەنلىكى تەشۋىق قىلىنماقتا ئىكەن. بۇ ساھەدىكى مۇتەخەسسىسلەر، خىتاينىڭ نۆۋەتتە مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنى لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە سولاپ، ئۇلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنىڭ ئۆز ئارا نىكاھلىنىشىنى رىغبەتلەندۈرۈپ، ئۇيغۇرلارنى ئېرىتىپ تۈگىتىشنى نىشان قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.