مۇتەخەسسىسلەر: خىتاينىڭ «3 نى يېڭىلاش» ھەرىكىتىنىڭ ماھىيىتى مۇنقەرز قىلىش

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2021-09-14
Share
tim-timothy-grose.jpg ئامېرىكا ئىندىيانا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، خىتايشۇناسلىق بويىچە ياردەمچى پروفېسسور تىم گروس ئەپەندى ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدىكى يىغىندا سۆزلىمەكتە. 2018-يىلى نويابىر، ۋاشىنگتون.
Photo: RFA

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنىڭ بىر پارچىسى سۈپىتىدە شىددەت بىلەن داۋام قىلىۋاتقان «3نى يېڭىلاش» ھەرىكىتى داۋامىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئۆي قۇرۇلمىسى، ئۆي جابدۇق، ئۆي جاھاز، ئۆي ئىچى بېزەكلىرىنىڭ بۇزۇپ تاشلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم. مۇتەخەسسىسلەر «3 نى يېڭىلاش» ھەرىكىتىنى، خىتاينىڭ مۇستەملىكىچى سىياسىتىنىڭ ئاشكارا ئىپادىسى دەپ يەكۈنلىمەكتە. ئۇلار بۇ جەرياندا يوق قىلىنىۋاتقىنى يالغۇز ئۇيغۇر مىللىي ئۇسلۇبىدىكى ئوي جابدۇقلىرى، ئەنئەنىۋى ياشاش ئادەتلىرى ئەمەس، مۇھىمى ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيا قاراشلىرى، شۇ ئۆي ئەشيالىرى ئارقىلىق ئارزۇ-ئارمانلىرىنى ئىپادىلەپ كەلگەن تاۋۇشسىز تىللىرىدىن تارتىپ يوق قىلىنىدىغانلىقىدىن ئاگاھلاندۇرماقتا. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى مۇلاھىزىلىرىنى مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەدىن ئاڭلايلى.

خىتاينىڭ مىللەتلەر سىياسىتى، بولۇپمۇ مەركەزلىك ھالدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان ئامېرىكادىكى ئىنسانشۇناسلىق دوكتورى تىموتې گروس «مىللەت ۋە ئىرق تەتقىقاتى» تور ژۇرنىلى (Ethnic and Racial Studies) نىڭ 2020-يىلى ئىيۇل سانىدا «خىتاينىڭ تۇرالغۇسى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆي بوشلۇقىنىڭ ئۆزگەرتىلىشىنى بىلىۋېلىڭ» ناملىق ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا يۈرگۈزۈۋاتقان «3 نى يېڭىلاش» سىياسىتىنىڭ ماھىيىتىنى ئېچىپ كۆرسەتكەن.

ئاپتور ماقالىدا 2017-يىلدىن باشلاپ، خىتاي كومپارتىيەسى ئۇيغۇرلارغا ئۇلارنىڭ بۇرۇندىن ياشاپ كېلىۋاتقان ئۆيلىرىنىڭ، تۇرمۇش ئۇسۇلىنىڭ ۋاقتى ئۆتكەنلىكىنى، يەنى ئەنئەنىسى بويىچە ياشاشنى قالاقلىق دەپ كۆرسىتىپ ئۆيلىرىنىڭ ئىچىنى ياتىدىغانغا كارىۋات، ئولتۇرىدىغان سافا، تاماق يەيدىغان ئورۇندۇق، ئۈستەل بولۇش بەلگىلىمىسى بويىچە ئۆزگەرتىشكە مەجبۇرلاۋاتقانلىقىنى خىتاينىڭ مۇناسىۋەتلىك ھۆججەت ۋە خەۋەر مەنبەلىرىدىن ئىسپاتلاپ كۆرسەتكەن.

ئاپتور بۇ ھەقتە «خىتاينىڭ ئاتالمىش زامانىۋى ئۆي جاھازلىرى بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەۋقەسىدە (خەنزۇلارنىڭ) «مەدەنىيەتلىك» (ۋېنمىڭ) مۇھىتى يارىتىدىكەن» دەپ كىنايە قىلغان.

ئاپتورنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «3نى يېڭىلاش» نامىدىكى بۇ ھەرىكىتىدە يېڭى ئۆي جاھازلىرى خىتاي كادىرلارنىڭ ئۇيغۇر ئائىلىلىرى بىلەن يۈزتۇرانە پىكىر ئالماشتۇرۇشىغا قۇلايلىق يارىتىشنىمۇ مەقسەت قىلغان. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتى باشقا ئاسسىمىلياتسىيە پروگراممىلىرىغا قارىغاندا يەنىمۇ شىددەتلىك ھالدا جىسمانىي ۋە روھىي بويسۇندۇرۇشنى، مۇنقەرز قىلىشنى مەقسەت قىلغان تۇرالغۇ زوراۋانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان تېموتي گروس مۇنداق دېدى: «مەن دەرۋەقە، مىللەت ۋە ئىرق تەتقىقاتى ژۇرنىلىغا دەل مۇشۇ ھەقتە يازغانىدىم. مەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ‹3 نى يېڭىلاش› سىياسىتىنى ياخشى بىلىمەن. خىتاي بۇ ھەرىكەتنى باشلاشتىن بۇرۇن، ئاسسىمىلياتسىيەنى مەقسەت قىلغان ئۆزگەرتىش ھەرىكىتىنى، يەنى ئاساسلىقى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى مەكتەپ، دىنىي سورۇنلار دېگەندەك ئاممىۋى پائالىيەت سورۇنلىرىنى نىشان قىلغان بولسا، ھۆكۈمەتنىڭ قولى ئەمدى ئۇيغۇرلارنىڭ شەخسى بوشلۇقلىرىغىچە كىرگەنلىكىنى كۆرۈۋاتىمىز. بۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ بىر ئايرىم مىللەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەسلىدىكى ئۆزىگە تەۋە راھەت ھاياتى بوشلۇقىنىڭ مۇستەملىكە قىلىنىشىدۇر. ‹3نى يېڭىلاش› ھەرىكىتى جەريانىدا سۇپىنڭ ئورنىغا كارىۋات، سافا، ئۈستەل ئورۇندۇقلارنىڭ ئالمىشىشى بىلەن، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي روھى ۋە ئالاھىدىلىكلىرىنى ئىپادىلەيدىغان ئائىلە مۇھىتىمۇ پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىلمەكتە».

ئاپتور «خىتاينىڭ تۇرالغۇسى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆي بوشلۇقىنىڭ ئۆزگەرتىلىشىنى بىلىۋېلىڭ» ناملىق ماقالىسىدە يەنە، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئولتۇراقلاشقان ئۆي ماكان، تۇرالغۇلىرىنىڭ ئىسلام دىنىغا، تەبىئىي ۋە ئىجتىمائىي مۇھىتقا ئىنتايىن ماس ئىكەنلىكىنى، ئۆي-جابدۇقلىرىنىڭ بولسا، ئۇلارنىڭ دۇنيا ۋە قىممەت قارشىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان، ئۆز-ئارا بېقىنىشنى ئاساس قىلىدىغان شەيئىلەر ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرگەن. ئۇ، شۇنداقلا، ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن ياشاپ كەلگەن سۇپىلىق، گۈزەل سەرەمجانلاشقان ئۆيلەرنىڭ ‹3نى يېڭىلاش› ھەرىكىتىدە خىتايچە ئۆي بېزەش شەكلىدە ئۆزگەرتىۋېتىلگەندىن كېيىنكى سۈرەتلىرىنى سېلىشتۇرما قىلىش ئارقىلىق، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ئېلىپ بېرىۋاتقان زامانىۋىلىق نامىدىكى مەقسەتلىك بۇ ھەرىكەتنى، ئىرقىي «ئايرىمىچىلىق سىياسەت» دەپ كۆرسەتكەن.

تىموتي بۇ تەتقىقات ماقالىسىدىكى يەنە مۇنداق دەپ ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بىلدۈردى: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي خاسلىققا ئىگە ياشاش مۇھىتىنى خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسى ئۆلچىمىدىكى زامانىۋى ياشاش مۇھىتىغا ئۆزگەرتىش ئوچۇقىنى ئېيتقاندا بۇ خەن مىللىتىنىڭ ياشاش ئۇسۇلىنى ئۇيغۇرلارغا مەجبۇرلاشتۇر. بۇ سىياسەتلەر، ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق مىللەتلەرگە قارىتىلغان ھەر تەرەپلىك شىددەتلىك ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسمى».

«بۇ ئىرقى قىرغىنچىلىقنىڭ بىر قىسمىمۇ؟» دېگەن سوئالىمىزغا تىموتې مۇنداق جاۋاب بەردى؛

«ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىر قانۇنىي ھۆكۈم. خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆي قۇرۇلمىلىرىنى ئۆزگەرتىش ئېھتىياجى گەرچە ماكان ۋە زامان جەھەتتە تارىختىكى مۇستەملىكىلەردىن پەرقلەنسىمۇ، ئۇيغۇرلارغا قارىتا خىتاينىڭ دۆلەتنىڭ زوراۋانلىقى ئاستىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئائىلە بوشلۇقىنى خىتايچىلاشتۇرۇشقا مەجبۇرلىشىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىنى مۇستەملىكە قىلىش تەرتىپلىرىنىڭ بىرى دەپ يەكۈنلەيمەن».

گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلىرىدىن تىلشۇناس دوكتور ئابلەت سەمەت بولسا، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ شەخسى تۇرالغۇ مۇھىتىنى مەجبۇرىي ئۆزگەرتىۋېتىشى ئاددىيلا ئەنئەنىۋى ئۆي بېزەش ياكى سەرەمجانلاشتۇرۇشنىڭ يوق قىلىنىشى بولۇپ قالماي، دۇنيا مەدەنىيىتى ئۈچۈن ئورتاق قىممەتلىك بايلىقنىڭ يوقاپ كېتىشى ھېسابلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، بۇ ئۆزگەرتىشنىڭ مىللەت نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، بۇ ئەنئەنىۋى ئۆيلەردىكى ھەر بىر ئۆي جابدۇقلىرى ئارقىلىق ئەكس ئەتكەن ئارزۇ ئارمانلارنىڭ يوق قىلىنىشىنى ۋە مىللەتنىڭ نازۇك ھېس تۇيغۇسىنى تاۋۇشسىز ئىپادىلەپ كەلگەن بىر تىلدىن مەھرۇم قالدۇرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان، ئەجەللىك بىر يوقىتىش بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت