قىرغىنچىلىقنىڭ قارا سايىسى ۋە ئۇيغۇرشۇناسلارنىڭ ئېشىۋاتقان ئەندىشىسى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020-12-03
Share
قىرغىنچىلىقنىڭ قارا سايىسى ۋە ئۇيغۇرشۇناسلارنىڭ ئېشىۋاتقان ئەندىشىسى ئەنگلىيەدىكى نېۋكاسل (يېڭى قەلئە) ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، ئۇيغۇرشۇناس جوئاننې سىمىس (Dr Joanne Smith Finley) خانىم ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا سۆزلىمەكتە. 2018-يىلى نويابىر، ۋاشىنگتون.
Photo: RFA

ئۇيغۇر تارىخى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئالىملار ئورتاق تەكىتلەيدىغان بىر نۇقتا خىتاينىڭ ئەسىرلەر بويى بوشاشماستىن زېمىن كېڭەيتىشى مانجۇلار قۇرغان چىڭ ئىمپېرىيىسىنىڭ 1884-يىلى ئۇيغۇرلار دىيارىنى «يېڭى چېگرا» دېگەن مەنىدىكى «شىنجاڭ» دېگەن نامدا خىتاي تېررىتورىيىسىگە قوشۇۋېلىشى بىلەن توختاپ قالغان ئەمەس. خىتاي دۆلىتىنىڭ بۇ خىل ئۇرۇنۇشى ئارىدىن يۈز يىل ئۆتكەن 1984-يىلىغا كەلگەندىمۇ ئىزچىل داۋام قىلغان بولۇپ، شۇ ۋاقىتلاردا ئۇيغۇر دىيارىغا زور كۆلەمدە نوپۇس كۆچۈرۈش دولقۇنلىرى ئاللىقاچان باشلىنىپ كەتكەن ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن بىرىنىڭ ئارقىدىن بىرى ئوتتۇرىغا چىققان «غەربىي قىسىمنى زور كۆلەمدە ئېچىش»، «غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش» دېگەندەك بىر قاتار شوئارلار ئارقىلىق «بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى» باشلانغاندا ئۇيغۇر دىيارىدىكى خىتايلارنىڭ نوپۇسى ئاللىقاچان يەرلىك ئۇيغۇرلار بىلەن باراۋەر سانغا يېتىپ بولغانلىقى ئاشكارىلاندى. ئەنە شۇنىڭدىن كېيىن بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ مىليونلاپ لاگېرلارغا قامىلىشى ھەمدە ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ شىددەت بىلەن تۆۋەنلىگەنلىكى مەلۇم بولۇشقا باشلىدى. ئەنە شۇ خىل رېئاللىقنى كۆزدە تۇتۇپ ئەنگليەدىكى يېڭى قەلئە (نيۇ كاسل) ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى جوئاننې سىمىس ھازىرقى ئۇيغۇر جەمئىيىتى دۇچ كېلىۋاتقان رېئاللىقنى بىۋاسىتە ھالدا «قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتاش لازىملىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ. ئۇنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرى «قىرغىنچىلىق ژۇرنىلى» نىڭ 2020-يىللىق نويابىر سانىدىكى زور ھەجىملىك ماقالىسىدە ئالاھىدە شەرھلەندى.

دوكتور جوئاننې خانىمنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «قاتتىق زەربە بېرىش»، «مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش»، «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» ھەرىكەتلىرىدىن تارتىپ تاكى نۆۋەتتە داۋام قىلىۋاتقان «قايتا تەربىيەلەش ئارقىلىق ئۆزگەرتىش» ھەرىكىتى سىىياسىي جەھەتتىن ئىزچىللىققا ئىگە ئىكەن. چۈنكى نۆۋەتتە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىنى بېسىپ ئۆتۈپ تاشقى دۇنياغا كېڭىيىش ئۇرۇنۇشىدا ئۇيغۇرلار «زور بىر توسالغۇ» دەپ قارالماقتا ئىكەن. يەنە كېلىپ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى غايەت زور نېفىت ۋە باشقا يەر ئاستى بايلىقىنىڭ مۇتلەق خىتاينىڭ كونتروللۇقىدا بولۇشى ‍ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇت بولۇشى ھەرقاچان بۇنىڭغا بىر «يوشۇرۇن تەھدىت» بولۇپ قالماقتىكەن. دەل مۇشۇ سەۋەبتىن نۆۋەتتە بۇ «توسقۇنلۇق» نى يوق قىلىش ئۈچۈن تۈرلۈك چارە-تەدبىرلەر ئىجرا قىلىنىۋاتقان بولۇپ، «خىتاي بىلەن تويلىشىش»، «نوپۇس چەكلەش» دېگەنلەر بۇنىڭدىكى ئاشۇ خىل تەدبىرلەرنىڭ بىرى ئىكەن. ئەنە شۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا غايەت زور قارا سايە تاشلاۋاتقان بۇ ھادىسە ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل ئىنكار قىلىۋاتقان «مەجبۇرىي تۇغماس قىلىۋېتىش» نى مۇھىم ۋاسىتىلەرنىڭ بىرى قىلغان. بۇ خىل تەدبىرلەر ھەققىدە سۆز بولغاندا ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى «كوممۇنىزم قۇربانلىرى» خاتىرە فوندىنىڭ تەتقىقاتچىسى دوكتور ئادريان زېنز بۇنىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە «تۇغۇت چەكلەش» تەك «يۇمشاق قىرغىنچىلىق» بولغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

خىتاي قوراللىق كۈچلىرى ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان رايوندا چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان كۆرۈنۈش. 2013-يىلى 29-ئىيۇن، ئۈرۈمچى.

«‍ئۆتكەن يىلدىن تارتىپ لاگېرلاردىن قايتىپ چىققان ئۇيغۇر ۋە قازاق ئاياللىرى كۆپ قېتىم بۇ ھەقتە گۇۋاھلىق بەردى. شۇ ئاياللارنىڭ بايانلىرىدىن بىز خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇ شەكىللىك تۇغۇت چەكلەش ئۈزۈكلىرىنى ئاياللارغا مەجبۇرىي سېلىۋاتقانلىقىنى، يەنە كېلىپ بۇ ئىشلارنىڭ قانداقتۇر تاسادىپىي ھادىسىلەردىن ئەمەسلىكىنى بىلدۇق. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىز ئۇيغۇرلارنىڭ تۇغۇت نىسبىتىنىڭ بەكمۇ كۆرۈنەرلىك ھالدا تۆۋەنلەپ كېتىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى يازما ئىسپاتلارغا ئىگە بولدۇق. بۇ خىل زور كۆلەملىك سىياسەتنىڭ ئىجرا بولۇشى ھەققىدە بىز بىر ياقتىن تېخىمۇ كۆپ گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىق بېرىشىگە موھتاج بولساق يەنە بىر ياقتىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھۆججەتلىرى بۇ جەھەتتىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇپ بېرىۋاتىدۇ. ئىلگىرى ‍ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ پىلانلىق تۇغۇتقا قارشى ئىش-پائالىيەتلىرى ئۈچۈن ئۇلارنى قاماققا ئالىدىغانلىقى ھەققىدە ئاڭلىغان بولساق ئەمدىلىكتە خىتاينىڭ ئۆزلىرى چىقارغان ھۆججەتلەر بۇنىڭ راست ئىكەنلىكىنى تەستىقلاۋاتىدۇ. بۇ خىل مەجبۇرىي تۇغۇت چەكلەش تەدبىرلىرى ھازىر ھۆكۈمەتنىڭ زور كۆلەمدە ئىجرا قىلىۋاتقان تەدبىرلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. تېخىمۇ ئېچىنىشلىق يېرى ھازىر بۇ خىلدىكى تۇغۇت چەكلەش سىياسىتى يېڭى تۈس ئېلىپ، ئۇيغۇرلاردىكى تۇغۇت نىسبىتىنى ئاللىقاچان بىر ئىزدا توختاپ قالغان سەۋىيىگە چۈشۈرۈپ قويغان.»

جوئاننې سىمىسنىڭ بايانلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، لاگېر شاھىدلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى رېئاللىق ھەققىدە ئارقىمۇ-ئارقىدىن گۇۋاھلىق بېرىشى ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزلىرى چىقارغان بىر قىسىم ھۆججەتلەرنىڭ ئاشكارىلىنىشى بىلەن لاگېرلارغا قامالغانلارنىڭ ئارىسىدا ئاياللارنىڭ ئىگىلىگەن سالمىقىنىڭ كىچىك ئەمەسلىكى تېخىمۇ ئاشكارا بولدى. بۇنىڭدىن باشقا لاگېرغا يوللانمىغان ئاياللارنىڭ «تۇغۇت چەكلەش» تەدبىرلىرىگە كۆپلەپ قۇربانلىق قىلىۋېتىلگەنلىكى مەلۇم بولغاندىن كېيىن بىر قىسىم سىياسىيونلار، جۈملىدىن ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ماركو رۇبيو قاتارلىق بىر قىسىم ئەزالىرى ھەمدە ئېلىزابىت لىينچ قاتارلىق مۇتەخەسسىسلەر بۇنى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ ئاتىدى. ئەمما شۇنىڭ بىلەن بىرگە مەيلى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بولسۇن ياكى ئۇيغۇر بولمىغانلار بولسۇن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بۇ ھەقتە ئەمەلىي تەدبىر ئالماسلىقىغا ئارقىمۇ-ئارقىدىن سوئاللارنى قويۇشقا باشلىدى. ئېلزابىت لىينچ، ئىبراھىم ئەزىم، ئادريان زېنز قاتارلىق مۇتەخەسسىسلەر بولسا بۇ ھادىسىلەرنى 1930-يىللاردىكى ناتسىستلار ھاكىمىيىتىنىڭ يەھۇدىيلارنى قىرغىن قىلىشتا قوللانغان تەدبىرلىرى بىلەن سېلىشتۇرۇپ بۇنىڭدىكى كۆپلىگەن ئوخشاشلىقنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا ئادريان زېنز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «نوپۇس ئۈستۈنلۈكى ئارقىلىق ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىش» تەك كونا ئۇسۇلنى قوللىنىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

«بىز ھازىر ئاھالە يەرلەشتۈرۈپ مۇستەملىكىلەشتۈرۈشنىڭ بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. 1949-يىلى خىتايلارنىڭ نوپۇسى شىنجاڭدىكى ئومۇمى نوپۇس سانىدا يوقنىڭ ئورنىدا ئىدى، يەنى بىرنەچچە پىرسەنتلا ئىدى. بۇ رايوندا مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەۋاتقىنى ئۇيغۇرلار بولغان. 50-ۋە 60-يىللاردا خىتاي ھۆكۈمىتى زور كۆلەمدە خىتايلارنى كۆچۈرۈش ‍ئارقىلىق شىنجاڭدىكى خىتاي نوپۇسىنى تېزدىن ئاشۇردى. بولۇپمۇ بىڭتۇەننىڭ بۇ جەھەتتىكى رولى بەكمۇ چوڭ بولدى. بۇ ئىشلار تا يېقىنقى زامانلارغىچە ئاشۇنداق داۋام قىلىپ كەلگەن ئىدى. ئەمما 2015-يىلىدىن كېيىنكى ئەھۋالغا قارايدىغان بولساق تاكى 2018-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئاز دېگەندىمۇ ئىككى مىليون خىتاي شىنجاڭ نوپۇسىغا قوشۇلدى. ھالبۇكى بۇ كىشىلەرنىڭ نوپۇس تىزىملىكى ھېچقاچان شىنجاڭدا بولۇپ باقمىغان. يەنى ئۇلار ئىچكىرىدىكى نوپۇس دەپتىرى ئارقىلىق بۇ رايوننىڭ نوپۇس سىستېمىسىغا كىرگۈزۈلگەن. يەنە كېلىپ بۇ خىتايلار ئاساسەن خىتايلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان جايلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇلارغا يۇقىرى مائاش، ياخشى خىزمەت ۋە بىكارلىق ئۆي بېرىلدى.»

ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئىجتىمائىي پاجىئەلەرنى «كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتكەن» دەپ تەكىتلىگۈچىلەرنىڭ بىرى بولغان ئادريان زېنز ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان پاجىئەلەردىن ئاز دېگەندىمۇ بەش خىل ئەھۋالنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) ئېلان قىلغان «قىرغىنچىلىقنىڭ تەبىرلىرى» گە چۈشىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. بىرلەشمە خەۋەرلەر ئاگېنتلىقى بىلەن بولغان سۆھبەتتە بولسا جوئاننې سىمىس «بۇ ئاشكارا قىرغىنچىلىقتۇر. ئەمدى ئۇنىڭغا خاتىمە بېرىدىغان ۋاقىت كەلدى» دېدى. دەررېن بايلېر بولسا بۇ ھادىسىلەر توغرىسىدا پىكىر قىلىپ «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەقسىتىنى ‹ئۇيغۇرلارنى پۈتۈنلەي يوق قىلىۋېتىش› دېمىگەندىمۇ ھېچ بولمىغاندا ئۇيغۇرلارنىڭ بېلىنى سۇندۇرۇش، دېسەك ئارتۇق كەتمەيدۇ» دېدى. تارىخشۇناس جىم مىلۋاردمۇ بۇ جەھەتتىكى ئەھۋاللارنى خۇلاسىلەپ «ھازىرقى مەجبۇرىي ئەمگەك، ئائىلە جۇدالىقى ۋە ئۇيغۇرلاردىكى تۇغۇت كونتروللۇقىنىڭ ئۆزىلا بۇ ھادىسىلەرنىڭ ب د ت ئېلان قىلغان قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ» دېدى. ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇرشۇناسلاردىن جېيمىس لېيبولد بولسا «شۈبھىسىزكى خىتاي ھۆكۈمىتى ‹قالاق› ۋە ‹يالاڭتۆش› دەپ قارىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ تۇغۇت نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىپ، ‹ئوقۇغان خىتايلار›نىڭ تۇغۇت نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە كۈچەۋاتىدۇ» دېدى. ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە بۇ قەدەر كۆڭۈل بۆلگەن بۇ ئالىملارنىڭ ئورتاق پىكرى «ئەمدىلىكتە بۇنىڭغا قارشى بىرەر ئەمەلىي تەدبىر ئېلىنمىغاندا تارىخنىڭ ئەڭ زور پاجىئەسىنىڭ يەنە بىر قېتىم تەكرارلانغانلىقىغا شاھىت بولۇش» دېگەنلىك بولدى. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا «مىراس فوندى» نىڭ تەتقىقاتچىسى ئولىۋىيا ئېناس خەلقئارانىڭ بۇ ھەقتىكى ئىنكاسىنىڭ بارغانسېرى ياخشى بولۇۋاتقانلىقىنى، ئەمما بۇنىڭ يەنىلا قىرغىنچىلىققا خاتىمە بېرىش سەۋىيىسىدە ئەمەسلىكىنى ‍ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ.

«خەلقئارا جەمئىيەت بۇ مەسىلىدە بەك چوڭ ئىش قىلىپ كېتەلمىدى. بىز ‹ئەمدى قايتىلانمايدۇ! › دېگەن شوئارنىڭ بەك كۆپ توۋلانغانلىقىغا شاھىت بولدۇق. بىز بېرمىدا، رۇئاندادا، ئىراقتا، ئەمدىلىكتە ئۇيغۇر رايونىدا بۇ ئىشلارنىڭ يەنە بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. قارايدىغان بولساق ھازىر خەلقئارا جەمئىيەت بۇ ئىشلارنى تولا كۆرۈۋېرىپ ‹پالەچ› بولۇپ قالغاندەك قىلىدۇ. شۇنچە كۆپ زورلۇقلار ۋە زۇلۇملار بولۇۋاتىدۇ، تېلېۋىزورنى ئاچساقلا مۇشۇ ھەقتىكى خەۋەرلەر كۆزىمىزگە چېلىقىدۇ. ئەمما نېمىشقىدۇر بىزدە بىرەر ئەمەلىي ھەرىكەت بولمايۋاتىدۇ. يەنە بىر ياقتىن قارايدىغان بولساق، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي قۇۋۋىتىگە تايىنىپ ھازىر خەلقئارا تەشكىلاتلارنى، جۈملىدىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنى ئۆزىنىڭ سىزغان سىزىقى بويىچە ماڭىدىغان قىلىپ قويۇۋاتىدۇ.»

جوئاننې سىمىسنىڭ بايقىشىچە، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان «يېڭى قىرغىنچىلىق» تەھدىتلىرى بارغانسېرى كۆپ ساھەنىڭ دىققىتىنى قوزغىغاندىن كېيىن دەرۋەقە كۆپلىگەن ھۆكۈمەتلەر ئۆز ئەندىشىلىرىنى بىلدۈردى. بەزىلەر خىتاي بىلەن بولغان سۆھبەتلىرىدە بۇ مەسىلىنى ئاشكارا تەكىتلىگەن بولسا يەنە بەزىلەر بۇنى «يېپىق سۆھبەت» شەكلىدە ئوتتۇرىغا قويدى. بىر قىسىم ئادۋۇكاتلارمۇ بۇ مەسىلىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، خەلقئارا قانۇنلار ۋە ئەھدىنامىلەر بويىچە خىتاينى ئۆز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشقا ئۈندىمەكچى بولدى. يەنە بەزىلەر بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قىلمىشلىرىنى قىرغىنچىلىق ئەيىبنامىسى بويىچە خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىغا تاپشۇرماقچى بولدى. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىغا ئىمزا قويمىغانلىقى ئۈچۈن بۇنىڭ ئىشقا ئېشىشى مۇمكىن بولماي قالدى. ئەنە شۇنداق ئەھۋالدا ياۋروپا پارلامېنتى، كانادا پارلامېنتى قاتارلىقلار ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى قەتئىي مەيدانىدىن كېيىن بۇ ھەقتىكى ئۆزگىچە بولغان «مۇستەقىل تەكشۈرۈش» ھەمدە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان پاجىئەلەرنى «قىرغىنچىلىق» دەپ ‍ئاتاش، شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇنىڭغا قارشى دۇنياۋى بىرلىكسەپ شەكلىدىكى تەدبىر ئېلىشنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا باشلىدى. ھالبۇكى، بۇندىن كېيىنكى رېئاللىقنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى ھەققىدە تېخى ھازىرچە بىرەر ئېنىق يەكۈننى ئوتتۇرىغا قويۇش ئىمكانىنىڭ يوقلۇقى ئۇيغۇرشۇناس ئالىملارنىڭ بېشىنى قاتۇرۇۋاتقان ئەڭ چوڭ مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالماقتا ئىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت