خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىللاردىن بۇيان تەكىتلەپ كېلىۋاتقان «خىتايچىلاشتۇرۇش» شوئارى ئەڭ دەسلەپ «سوتسىيالىزم قۇرۇلۇشى» نىڭ «خىتايچە» شەكىل ئېلىشىدا ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان ھەمدە «خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىزم» نىڭ بەلگىلىك «مۇۋەپپەقىيەت» لىرىنى قولغا كەلتۈرگەنىدى. شى جىنپىڭ دەۋرىگە كەلگەندە بولسا بۇ خىل «خىتايچىلاشتۇرۇش» ئۇرۇنۇشلىرى كۆپلىگەن ساھەگە تەدبىقلاندى. شۇ قاتاردا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن «باش ئاغرىقى» بولۇۋاتقان «مىللىي مەسىلىلەر» نى ھەل قىلىشتىمۇ مۇشۇ ئۇسۇل ئۇنىۋېرسال چارە سۈپىتىدە تەدبىقلاندى. بۇنىڭ ئاقىۋىتىدە «خىتايچىلاشتۇرۇش» قا ماس كەلمىگەن ئامىللارنى «ئۆزگەرتىش» ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى بىر قاتار چارىلار مەجبۇرىي ئىجرا قىلىنىدىغان سىياسىي باستۇرۇشنى ۋۇجۇدقا چىقاردى. مانا بۇلارنىڭ قەدەم-باسقۇچلۇق ئىجرا قىلىنىۋاتقان قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكى يېقىندا مانچېستېر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى دېيۋىد توبىننىڭ قەلىمىدە تەپسىلىي شەرھىلەندى.
ئاپتور «بىر قېتىملىق ئىجتىمائىي ئۆلۈم» دەپ تەسۋىرلىگەن بۇ ھادىسە ئەمەلىيەتتە دەل شى جىنپىڭ تەكىتلەۋاتقان «جۇڭخۇا مەدەنىيەت كىملىكى» بولۇپ، بۇنىڭ يادرولۇق مەزمۇنى كۆپ قىرلىق ۋە رەڭگارەڭ بولغان مەدەنىيەتلەر گەۋدىسىدىن ئۆزئارا قوشۇلۇپ كەتكەن، ئىككىنچى تۈرلۈك قىلىپ ئېيتقاندا ئاسسىمىلياتسىيە قىلىنغان ئورتاق كىملىكنى بارلىققا كەلتۈرۈش جەريانى ھېسابلىنىدىكەن. بۇ بولسا خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتىكى «مىللىي مەسىلىلەر» گە قارشى قۇرۇپ چىققان مەۋھۇم «سەددىچىن سېپىلى» بولۇپ، ئۇلار مۇشۇ سېپىل ئارقىلىق تۈركىي تىللىق بۇ خەلقلەر پەيدا قىلىۋاتقان خاپىلىققا ئاداققى يوسۇندا خاتىمە بېرىشنى ئىستىمەكتىكەن. ھالبۇكى بۇ ھال ماھىيەتتە خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان دەسلەپكى ۋاقىتلاردىكى مىللىي تەركىبلەرگە ئايرىش خاھىشىنىڭ پۈتۈنلەي ئەكسى ھېسابلىنىدىكەن. ئۇ بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا مۇنداق دەيدۇ.
«بۇنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىگە نەزەر سالىدىغان بولساق بۇ ھالنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاي كوممۇنىستلىرى دۆلەت قۇرغان 1949-يىلىدىكى ئەھۋالغا بېرىپ تۇتىشىدىغانلىقىنى بايقايمىز. شۇ ۋاقىتتا ئۇلار ماركسىزملىق نەزەرىيەلەر بويىچە دۆلەت قۇرغان بولسىمۇ ئەمما خىتاي ئالىمى فېي شياۋتوڭنىڭ نەزەرىيەسى بويىچە مىللىي تەركىبلەرنى ئايرىپ چىقتى ھەمدە ھەرقايسى مىللەتلەرنى رەتكە تىزدى. بۇنىڭ بىلەن كىملەرنىڭ خىتاي ئىكەنلىكى، كىملەرنىڭ خىتاي ئەمەسلىكى، شۇنداقلا قانداشلىق رىشتىنىڭ نەدىن نەگىچە بارىدىغانلىقى بايان قىلىندى. بۇنىڭ بىلەن ماركسىزم زەنجىرى، كوڭزىچىلىق زەنجىرى ۋە مىللەتچىلىك زەنجىرى زىچ گىرەلىشىپ كەتكەن بىر مەنزىرە ھاسىل بولدى. ئەمما بۇنىڭدا ئۇيغۇرلارغا قىلىچىلىكمۇ ئايرىم بوشلۇق ئاجرىتىلمىدى، ئەكسىچە 1950-يىللاردىلا شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارغا ‹ۋەتەنپەرۋەرلىك› تەربىيەسى باشلىنىپ كەتتى.»
ئاپتورنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتىكى قىرغىنچىلىق بىر مۇكەممەل شەكىل ئالغان جەريان بولۇپ، ئۇنى ھەرگىزمۇ «بىر تۈرلۈك ھادىسە» دېيىشكە بولمايدىكەن. يەنە كېلىپ مەلۇم بىر دۆلەت مەلۇم بىر شەيئىنى ئۆزلىرىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن خەتەرلىك، دەپ قارىغاندا قىرغىنچىلىق ئارقىلىق بۇ شەيئىنى كۆزدىن يوقىتىدىكەن ياكى ئۇنى «زامانىۋى شەكىل» گە كىرگۈزۈپ يېڭىۋاشتىن ياساپ چىقىدىكەن. نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدا داۋام قىلىۋاتقان لاگېرلارغا قاماش، ئەۋلادلارنى بىر-بىرىدىن ئايرىۋېتىش، مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە مەجبۇرىي تۇغۇت چەكلەش دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئەنە شۇ خىل جەرياننىڭ ئەمەلگە ئېشىشىدىكى ھالقىلار ئىكەن. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ.
«بىز دەۋاتقان ‹قايتا تەربىيەلەش› بىر تۈرلۈك مېتودولوگىيە بولۇپ، بۇ ئادەتتە خەتەرلىك ياكى سىياسىي جەھەتتە ئىشەنچسىز بولغان كىشىلەرگە قوللىنىلىدۇ. ھازىر قارايدىغان بولساق تۇغۇت كونتروللۇقى زادىلا كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر شەكىلدە ئىجرا قىلىنىۋاتىدۇ. مەسىلەن، ‹ئاز سانلىق مىللەتلەر بىردىن كۆپ پەرزەنتلىك بولسا بولىدۇ› دېيىلگەن بەلگىلىمە مەۋجۇت بولسىمۇ مەن زىيارەت قىلغان ئاياللارنىڭ كۆپ قىسمى بىرلا پەرزەنتلىك بولغان تۇرۇقلۇقمۇ يەنىلا مەجبۇرىي يوسۇندىكى ھامىلە چۈشۈرۈشكە دۇچ كەلگەن. تۈرمىلەردىكى مەجبۇرىي ئەمگەكمۇ بۈگۈن پەيدا بولغان يېڭى ھادىسە ئەمەس. سوت تەرتىپىدىن ئۆتكۈزمەيلا كېسىم چىقىرىشمۇ يېڭى ھادىسە ئەمەس. ئەمما خىتايدىكى بۇ ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ھادىسىلەر ھازىر مۇئەييەن بىر مىللىي تۈركۈمنى نىشان قىلغان ھالدا كۈچىيىپ مېڭىۋاتىدۇ. شۇڭا ھازىر ئۇيغۇرلار باياتىن دەپ ئۆتكەن گۇناھكار كىشىلەردىن بولغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس، ئەكسىچە ‹گۇناھكار كىشىلەر› دەپ تەسەۋۋۇر قىلىنىۋاتقانلىقى ئۈچۈن مۇشۇنداق قىسمەتلەرگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ».
ئاپتورنىڭ بايان قىلىشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار ئەنە شۇ خىل مىسلىسىز ئەمما «كۆرۈنمەس» داۋام قىلىۋاتقان قىرغىنچىلىققا دۇچ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئاراغا ئۆزىنى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى قاتارىدا چۈشەندۈرمەكتە ئىكەن. بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقانلىرى قارىماققا يوللۇق ۋە زۆرۈر تەدبىرلەردەك تۈس ئالماقتىكەن. .
«دەرۋەقە بۇ ئىشلار ھازىر ھەممىلا كىشىگە بېرىپ چېتىلىۋاتىدۇ. ئەمما كومپارتىيەنىڭ دۆلىتى بولسا زورلۇق ھەرىكەتلىرىدىن ئەندىشە قىلغان قىياپەتتە ئىش كۆرۈۋاتىدۇ. لېكىن كىشىلەر ئۆتكەن ئىككى-ئۈچ يىلدىن بۇيان بۇ ئىشلارغا دىققەت قىلىشقا باشلىغانلىقتىن خىتاي كومپارتىيەسى ئۆزلىرىنىڭ زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىگە قارشى ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەشكە باشلىدى. ئەمما بىز بۇ ئىشلارنى چۈشىنىش ئۈچۈن ھازىر كۆرۈۋاتقان رېئاللىققا ئەمەس، ئەكسىچە ئۇنىڭمۇ نېرىسىدىكى ئىشلارغا، خىتاي دۆلىتىنىڭ زورلۇق ھەرىكەتلىرىنى قانداق بىر ياقلىق قىلىپ كەلگەنلىكىگە قارىشىمىز لازىم. بولۇپمۇ خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان زورلۇق قىلمىشلىرىنىڭ ئالدىدا ئۇيغۇرلارنىڭ كۆلەم ۋە سەۋىيە جەھەتتە بۇنىڭدىن كۆپ تۆۋەن تۇرىدىغان زورلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇ قەدەر زور ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ قالغانلىقىنى، بۇنىڭ خىتاي دۆلىتىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن نەقەدەر مۇھىم ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ئويلىشىشىمىز لازىم».
ئاپتورنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدا ئىزچىل داۋام قىلىۋاتقان بۇ قىرغىنچىلىق ئاددىيلا باستۇرۇش شەكلىدە ئوتتۇرىغا چىقمىغان، ئەكسىچە مۇنتىزىم شەكىل ئالغان ھەمدە مۇكەممەل باسقۇچلارغا ئايرىلغان ھالدا «ئېرىتىش» مېتودى بويىچە ئۇزاقنى كۆزلىگەن ھالدا ئىجرا بولماقتا ئىكەن.
ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار! بۇ پروگراممىنىڭ داۋامىغا قىزىقساڭلار دىققىتىڭلار كېيىنكى ئاڭلىتىشىمىزدا بولسۇن.