ھازىر ئامېرىكادىكى نوپۇزلۇق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كەلگۈسى ھەققىدىكى تۈرلۈك ئانالىزلار كۆپلەپ ئېلان قىلىنماقتا.
نۇرغۇن كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكادا ۋىرۇس كرىزىسى ئاياغلاشقاندىن كېيىن خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنى پەيدىنپەي ئاخىرلاشتۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغۇچىلار كۆپەيمەكتىكەن. «فوربىس» ژۇرنىلىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھازىر خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئۆزگىرىشى كېرەكلىكىگە ئىشىنىدىغان ئامېرىكالىقلار كۆپەيگەن بولۇپ، بۇ مەسىلە يالغۇز ترامپ ھاكىمىيىتى ياكى ئۇنىڭ تەرەپدارلىرىنىڭ مەسىلىسى بولۇشتىن ھالقىپ كەتكەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، 22-ئاپرېل كۈنى ئامېرىكادىكى «McLaughlin & Associate» ناملىق راي سىناش شىركىتى ئامېرىكالىقلارنىڭ خىتايغا تۇتقان پوزىتسىيەسى ھەققىدە راي سىناش ئېلىپ بارغان. راي سىناشقا قاتناشقان كىشىلەرنىڭ 70 پىرسەنتى ئامېرىكا خىتايغا قاراتقان سىياسەتلىرىنى ئۆزگەرتىشى كېرەك، دېگەن. 72.5% ئادەم خىتايغا قارىتىلغان ئىقتىسادىي سىياسەتلەر ئۆزگىرىشى كېرەك، دەپ قارىغان.
ئامېرىكادىكى «Tablet» ناملىق تور ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان «خىتاي ھەققىدە قايتا ئويلىنىش» ناملىق ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئۆتكەن 30 يىل مابەينىدە ئامېرىكادىكى ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي زەردارلار خىتايغا مەبلەغ سالغان. ئامېرىكانىڭ ئىشلەپچىقىرىش بازىلىرى خىتاينىڭ قولىدا، ئامېرىكانىڭ قەرزىمۇ خىتاينىڭ قولىدا. ئەڭ قىسقىسى ئامېرىكالىقلار ئىچىدىغان دورىمۇ خىتايدا ئىشلەپ چىقىرىلىدىكەن. شۇڭا بىر قىسىم كىشىلەر خىتايدىن ئايرىلىش مۇمكىن ئەمەس، دەپ قارايدىكەن.
ئامېرىكادىكى تونۇلغان خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى گوردون چاڭ ئەپەندى بىزنىڭ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئامېرىكا خىتاي بىلەن قانداق مۇناسىۋەت ئورناتقان بولسا، مۇناسىۋەتلەرنى بىكار قىلىشمۇ ئۆزىنىڭ قولىدا، دەپ كۆرسەتتى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بىز خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىشىمىز مۇمكىن بولغان ئىكەن، ئۇ ھالدا شېرىكلىكنى ئاياغلاشتۇرۇشمۇ مۇمكىن ۋە شۇنداق بولۇشى كېرەك. ئەلۋەتتە نەچچە ئون يىللىق خاتا سىياسەتنى ھېچقانداق بەدەل تۆلىمەي تۇرۇپ ئۆزگەرتىمەن، دېگىلى بولمايدۇ. بىز بۇ بەدەلنى تۆلىشىمىز كېرەك. شۇنداق قىلمايمۇ ئامالىمىز يوق. چۈنكى خىتاي بىزنى مەجبۇرلاۋاتىدۇ. مەن بىزنىڭ ئەڭ چوڭ ئاجىزلىقىمىزنى تېببىي دورا ساھەسى، دەپ قارايمەن. ئەگەر دورا ئىشلەپچىقىرىشنى ئامېرىكىغا يۆتكەپ كېلىۋالساقلا، مەنچە خىتاينىڭ ئامېرىكىغا قارشى بەك چوڭ كوزىرى يوق».
ئامېرىكادىكى «Tablet» ناملىق تور ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان «خىتاي ھەققىدە قايتا ئويلىنىش» ناملىق ماقالىدىمۇ دورىگەرلىك ساھەسىنى خىتايدىن قايتۇرۇپ چىقىرىش ھازىرقى ئەڭ مۇھىم مەسىلە، دەپ كۆرسىتىلگەن. ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، ۋىرۇستىن كېيىنكى دۆلەت سىياسىتىدە ئامېرىكا خىتايغا قانداق مۇئامىلە قىلىش كېرەك، دېگەن بۇ سوئال كەلگۈسى ئون يىلدا ئامېرىكانىڭ ئىچكى ۋە تاشقى سىياسىتى ۋە ئىقتىسادىي سىياسەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۆلەت سىياسىتىنىڭ ئەڭ نۇقتىلىق ھالقىسى بولىدىكەن. ئامېرىكا دۇنيادىكى دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىكنى ئاساس قىلغان سىستېمىنى شېرىك دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە ھاكىممۇتلەق تۈزۈملەردىن قوغداپ قېلىش ۋە شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئامېرىكانىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئىقتىسادىي مەنپەئەتلىرىنى خىتايدىن ئايرىپ چىقىشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەككەن. چۈنكى ئاپتور ماقالىسىدە «ۋاشىنگتون بەلكىم خىتاي بىلەن ئۇرۇش قىلمايۋاتقان بولۇشى مۇمكىن، ئەمما خىتايلار بىزگە ئاللىقاچان ئۇرۇش ئېلان قىلدى» دېگەن.
تۈركىيەدىكى ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، بۇ قېتىم ۋىرۇس ۋەقەسىدە خىتاينىڭ يالغانچىلىق قىلغانلىقى پۈتۈن دۇنياغا بەك ئېغىر زىيان سالغان بولغاچقا، دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى خىتايدىن بەك نارازىكەن. شۇڭا ئۇ «ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېر مەسىلىسى، خوڭكوڭ مەسىلىسى قاتارلىقلار تۈپەيلىدىن ئاللىقاچان ئېغىر بېسىم ئاستىدا تۇرۇۋاتقان خىتايغا يەنىمۇ چوڭ بېسىم شەكىللىنىشى مۇمكىن، دەيدۇ.
ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ يېقىندا قىلغان سۆزىدە ئامېرىكانىڭمۇ خىتايغا ۋىرۇسنىڭ زىيىنىنى تۆلىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە شۇنداقلا «خىتايغا بۇ زىياننى تۆلىتىشنىڭ نۇرغۇن يوللىرى بار» دېگەن ئىدى.
گوردون چاڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا بۇ مەسىلىدە چوقۇم باشقا شېرىك دۆلەتلەر بىلەن ئورتاق ھەرىكەت قىلىشى كېرەككەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئامېرىكا ئالدى بىلەن خىتاينىڭ ئامېرىكادا سوتقا تارتقىلى بولماسلىقتەك ئىمتىيازىنى بىكار قىلىشى ۋە بۇ ئارقىلىق خىتاي كومپارتىيەسىنى ئامېرىكا سوتلىرىغا ئەرز قىلغىلى بولىدىغان ھالەتنى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. ئاندىن باشقا مۇھىم شېرىكلىرى بىلەن ھەمكارلاشقان ئاساستا خىتاينىڭ ئامېرىكا خەزىنىسىدىكى پاي چەكلىرىنى توڭلىتىپ قويۇشى لازىم. چۈنكى خىتاينىڭ قولىدىمۇ باشقا دۆلەتلەرنىڭ قەرزلىرى مەۋجۇت بولغانلىقتىن، بىز بۇنى كانادا، ئەنگلىيە، ياۋروپا ئىتتىپاقى قاتارلىق ئاساسىي پۇل تارقاتقۇچى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشىمىز كېرەك. بۇ ھەرگىزمۇ ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى مەسىلە ئەمەس، بەلكى دۇنيا بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى مەسىلە بولۇشى كېرەك. شۇندىلا بىز خىتاينىڭ مال-مۈلۈكلىرىنى ئۈنۈملۈك ھالدا توڭلىتالايمىز».
دەرۋەقە ھازىر ئامېرىكا ترامپ ھۆكۈمىتى خىتاينى جازالاش مەسىلىسىدە جىددىي قارار ئېلىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان بولۇپ، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى يەنىمۇ يىرىكلەشتۈرىدىغان خىتاينى جازالاش تەدبىرلىرى پات يېقىندا روياپقا چىقىشى مۇمكىنكەن.
«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتى ۋە CNN قاتارلىق ئاخباراتلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 30-ئاپرېل پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكادىكى بىر قىسىم يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار ئاق سارايغا يىغىلىپ خىتاينى تاجسىمان ۋىرۇس مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيەسى سەۋەبلىك جازالاش ھەققىدىكى مۇزاكىرىلىرىنى باشلىۋەتكەن.
ئاق سارايدىكى ئىچكى پىلاندىن خەۋەردار ئىسمىنى ئاشكارىلىمىغان ئىككى نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك مەمۇرىي خادىمنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ مۇزاكىرىگە ئامېرىكانىڭ كۆپلىگەن ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ۋە شۇنداقلا ئامېرىكا ئىستىخبارات ئورگانلىرى خادىملىرى قاتناشقان. بۇ ئىككى ئەمەلدار يىغىندا مۇزاكىرە قىلىنغان تەدبىرلەر ھەققىدە ھازىرچە مەلۇمات بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىرگە «بىز خىتايغا ئۇلارنىڭ ھەرىكىتىنىڭ ئەيىبلىنىشكە تېگىشلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ قويۇشنىڭ يوللىرىنى تاپالايمىز» دېگەن.
0:00 / 0:00