ئامېرىكالىق مىلياردېر جورجى سوروس: «ياۋروپا خىتاينى تونۇپ يېتىشى كېرەك»

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2020-02-17
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئامېرىكالىق مىلياردېر، ئاتاقلىق ساخاۋەتچى ۋە ئامېرىكادىكى «ئەركىن جەمئىيەتلەر فوندى» نىڭ قۇرغۇچىسى جورجى سوروس(George Soros) ئەپەندى يىغىندا. 2019-يىلى 21-ئىيۇن، ۋېنا ئاۋسترىيە.
ئامېرىكالىق مىلياردېر، ئاتاقلىق ساخاۋەتچى ۋە ئامېرىكادىكى «ئەركىن جەمئىيەتلەر فوندى» نىڭ قۇرغۇچىسى جورجى سوروس(George Soros) ئەپەندى يىغىندا. 2019-يىلى 21-ئىيۇن، ۋېنا ئاۋسترىيە.
AP

ئامېرىكالىق مىلياردېر، ئاتاقلىق ساخاۋەتچى ۋە ئامېرىكادىكى «ئەركىن جەمئىيەتلەر فوندى» نىڭ قۇرغۇچىسى جورجى سوروس ئەپەندى ياۋروپانى شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتى ئاستىدىكى خىتايدىن ئىبارەت تەھدىتنى تونۇپ يېتىشكە چاقىردى.

ئۇ 11-فېۋرال كۈنى «قۇرۇلۇش بىرلىكى» ناملىق مۇلاھىزە خەۋەرلىرى تور بېتىدە «ياۋروپا خىتاينى ئۆز پېتى تونۇشى كېرەك» ماۋزۇسىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتى ئاستىدىكى خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىشىشىنىڭ ياۋروپانىڭ قىممەت قاراشلىرىغا پۈتۈنلەي خىلاپلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ ماقالىسىنى مۇنداق دەپ باشلىغان: «ياۋروپا خەلقى بولسۇن ياكى ياۋروپادىكى سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي لىدىرلار بولسۇن، ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتىدىكى خىتاي پەيدا قىلىۋاتقان تەھدىتنى چۈشەنمەيۋاتىدۇ. شى جىنپىڭ يۇقىرى تېخنولوگىيە ئارقىلىق خىتاي جەمئىيىتىنى مۇتلەق قامال ئاستىغا ئالغان بولسىمۇ، ئەمما ياۋروپالىقلار خىتاينى پەقەتلا مۇھىم تىجارەت شېرىكى، دەپ قاراۋاتىدۇ. ئۇلار شى جىنپىڭنىڭ خىتايدا ھوقۇق تۇتقاندىن بېرى ياۋروپا بىرلىكىنىڭ قۇرۇلۇش پرىنسىپلىرىغا پۈتۈنلەي زىت بىر رېجىم شەكىللەندۈرۈۋاتقانلىقىنى نەزەرگە ئالمىدى.»

جورجى سوروس ماقالىسىدە ئەنگلىيەنى بۇنىڭغا ئالاھىدە مىسال قىلىپ كۆرسىتىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىققان ئەنگلىيە باش مىنىستىرى بوررىس جونسوننىڭ ھازىر ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن خالىي بىر ئىقتىساد شەكىللەندۈرۈش خىيالىدا بولۇۋاتقانلىقى ۋە بۇ سەۋەبلىك خىتاي بىلەن بولغان سودا ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش يولىغا قاراپ مېڭىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ، بۇنىڭ خاتالىقىنى تەكىتلىگەن.

ئۇ يەنە ھازىرقى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا قاراتقان سىياسەتلىرىنى شۇنداقلا خۇاۋېي قاتارلىق بىر قانچە خىتاي شېركىتىنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ رۇخسىتى بولماي تۇرۇپ، ئامېرىكا شېركەتلىرى تىجارەت قىلالمايدىغان تىزىملىككە ئالغانلىقىنى قارشى ئالغان.

ئۇ ماقالىسىدە يەنە خۇاۋېي شىركىتىنىڭ قۇرۇلۇش تارىخى، ئارقا كۆرۈنۈشى قاتارلىقلار ھەققىدىمۇ تەپسىلىي توختىلىپ، ئەگەر خۇاۋېي شىركىتى ئىلگىرى بەلگىلىك دەرىجىدە ئەركىنلىكتىن بەھرىمەن بولدى دېيىلسىمۇ، بۇنداق ئەركىنلىكنىڭ شى جىنپىڭ ھاكىمىيەتكە كەلگەندىن كېيىن پۈتۈنلەي يوقالغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ خۇاۋېينىڭمۇ خىتايدىكى باشقا ھەرقانداق شىركەتكە ئوخشاش كومپارتىيەگە مۇتلەق بويسۇنىدىغانلىقىنى، چۈنكى 2017-يىلى خىتايدا «دۆلەتلىك ئىستىخبارات قانۇنى» نىڭ ماقۇللىنىشى بىلەن بۇنىڭ قانۇنىي مەجبۇرىيەت ھالىغا كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.

ئۇ دەل بۇ سەۋەبلىك ئۇزۇن ئۆتمەيلا خۇاۋېي خىزمەتچىلىرىنىڭ پولشا قارارلىق دۆلەتلەردە جاسۇسلۇق ۋەقەلىرىگە چېتىلىپ قالغانلىقىنى بايان قىلغان. بىراق ئۇ ياۋروپانىڭ بۇنىڭدىنمۇ ئېغىر خەۋپ ئاستىدا ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېگەن:

«جاسۇسلۇق ياۋروپا ئۈچۈن چوڭ تەھدىت ئەمەس. بىراق ياۋروپانىڭ ئەڭ مۇھىم ئاساسىي قۇرۇلۇشىنى خىتاي تېخنولوگىيەسىگە ئامانەت قىلغانلىق دېگەنلىك تەھدىت ۋە بۇزغۇنچىلىققا ئىشىك ئاچقانلىق دېگەنلىكتۇر. شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتىدىكى خىتاينىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قۇرۇلۇش پرىنسىپلىرىغا زور تەھدىت ئىكەنلىكى ماڭا ئىنتايىن روشەن بولسىمۇ، بىراق ئۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر رەھبەرلىرىگە، سانائەت رەھبەرلىرىگە بولۇپمۇ گېرمانىيەدىكىلەرگە تېخى ئايدىڭ ئەمەس ئىكەن.»

سوروس ئەپەندى ماقالىسىدە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ خۇاۋېينىڭ 5G بازىرىدىكى مونوپوللۇقىغا قارشى ئايىغى چىقمايدىغان زىددىيەتنىڭ ئىچىگە كىرىش ئورنىغا، ئامېرىكا بىلەن بىرلىكتە ياكى ئۆز ئالدىغا «Nokia» ۋە «Ericsson» شېركەتلىرىنى خۇاۋېيگە رىقابەتچى قىلىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

جورجى سوروس ئەپەندى ماقالىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەت قاتارلىق رايونلاردىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى ئۈستىدىمۇ توختالغان.

ئۇ تۆۋەندىكىلەرنى بايان قىلغان: «خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بۇ يىل سېنتەبىردە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 27 دۆلەتنىڭ دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى بىلەن كۆرۈشىدۇ. ياۋروپا رەھبەرلىرى ئەگەر شى جىنپىڭنى خىتايدا كىشىلىك ھوقۇقنى كاپالەتكە ئىگە قىلالمىغانلىقى، بولۇپمۇ شىنجاڭ، تىبەت ۋە خوڭكوڭدىكى ۋەزىيەت ئۈچۈن جاۋابكارلىققا تارتمىغان تەقدىردە، بۇ ئۇچرىشىشنىڭ شى جىنپىڭگە بىر سىياسىي غەلىبە بولۇپ قالىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يېتىشى كېرەك»

ئۇ ماقالىسىنى مۇنداق دەپ ئاخىرلاشتۇرغان: «پەقەتلا خىتايدىكى سىياسىي رەھبەرلىك قاتلىمىلا شى جىنپىڭنىڭ كېلەچىكى ھەققىدە قارار بېرەلەيدۇ. ئۇنىڭ كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمىنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى خاتالىقتىن كەپ چىققان زىيان خىتاي خەلق ئاممىسىغا ئايدىڭ بولدى. ئۇنى ئەمدى خىتاي سىياسىي بيۇروسىمۇ ئېتىراپ قىلىشى كېرەك. ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۇنىڭ سىياسىي قۇتۇلۇشىغا قاراپ تۇرۇپ ئاساس يارىتىپ بەرمەسلىكى كېرەك.»

جورجى سوروس 1930-ۋېنگىرىيەدە تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇ 2‏-دۇنيا ئۇرۇشىدا ناتسىستلار گېرمانىيەسىنىڭ يەھۇدىيلارغا قاراتقان جازا لاگېرلىرىدىن ھايات قالغان. ئۇ ھازىرغىچە ئۆزىنىڭ تۈرلۈك فوندى جەمئىيەتلىرى ۋە «ئەركىن جەمئىيەتلەر فوندى» غا ئوخشاش تەتقىقات مەركىزى ئۈچۈن 32 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئارتۇق ياردەم قىلغان تونۇلغان تىجارەت ئادىمىدۇر. ئۇ 2019-يىلىنىڭ بېشىدا شىۋىتسارىيەنىڭ داۋۇس شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى» يىغىنىغا قاتناشقاندىمۇ ھەرقايسى دۆلەتلەرنى خىتاي كومپارتىيەسى ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان خۇاۋېيدىن ئاگاھ بولۇشقا چاقىرغان ئىدى. ئۇنىڭ سۆزى ئەينى چاغدا كۈچلۈك دىققەت قوزغىغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت