مۇتەخەسسىسلەر: «خىتاي دائىرىلىرى خىتايشۇناسلار ئارقىلىق ئىرقى قىرغىنچىلىقنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ»
2023.10.29

بىر قىسىم دېموكراتىك دۆلەتلەر، مۇتەخەسسىسلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى «ئىرقى قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ ئەيىبلەۋاتقان مەزگىلدە، خىتاي ھۆكۈمىتى چەتئەللىك ياش خىتايشۇناسلارنى ئۈرۈمچىگە تەكلىپ قىلىپ، «ياش خىتايشۇناسلارنى تەربىيەلەش پروگراممىسى» نى تەشكىللىگەن. بۇ پروگرامما ھەققىدە پىكىر بايان قىلغان مۇتەخەسسىسلەر خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇ ياش خىتايشۇناسلار ئارقىلىق ئىرقى قىرغىنچىلىقنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ دەپ قارىماقتا.
«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 2023-يىلدىكى 10-ئاينىڭ 25-كۈنىدىكى مەخسۇس خەۋىرىدە، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى قوللىغان 2023-يىللىق ياش خىتايشۇناسلارنى تەربىيەلەش پروگراممىسىنىڭ شىنجاڭ سىنىپى 11-ئۆكتەبىردىن 31-ئۆكتەبىرگىچە ئۇيغۇر ئېلىدا پائالىيەت ئېلىپ بارىدىكەن. ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، فىلىپپىن، گېرمانىيە، ئارگېنتىنا ۋە ئۆزبېكىستان قاتارلىق 21 دۆلەتتىن كەلگەن 23 ياش خىتايشۇناس (سىنولوگ) بۇ قېتىملىق تەربىيەلەشكە قاتناشقان. خىتايشۇناسلار بۇ 20 كۈنلۈك تەربىيەلەش جەريانىدا ئۇيغۇر ئېلىدا ئۆگىنىش، تەتقىقات، ساياھەت ۋە رەسمىي زىيارەت قاتارلىق پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، 10-ئاينىڭ 24-كۈنى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى ما شىڭرۇي ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز 2023-يىللىق ياش خىتايشۇناسلارنى تەربىيەلەش سىنىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن كۆرۈشكەن. ما شىڭرۇي بۇ ئۇچرىشىشتا سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدا ھەر مىللەت خەلقنىڭ تىنچ ۋە خۇشاللىق ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقنى ئىلگىرى سۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ياش خىتايشۇناسلاردىن ئۇيغۇر ئېلىدا ئالغان ياخشى تەسىراتلىرىنى ۋە خىتاينىڭ شىنجاڭ ھېكايىسىنى داۋاملىق سۆزلەپ بېرىشنى ئۈمىد قىلىپ مۇنداق دېگەن:
«سىلە كۆرگەندەك، شىنجاڭدا ئومۇمىي ئىجتىمائىي ۋەزىيەت مۇقىم بولۇپ، ئىقتىساد تەرەققىي قىلماقتا. ھەر مىللەت كىشىلىرى تىنچ ۋە خۇشاللىق ئىچىدە ياشايدۇ. بۇ ئامېرىكا ۋە باشقا غەرب دۆلەتلىرىدىكى بەزى تاراتقۇلار تارقاتقان مىش-مىش پاراڭلارغا ئەڭ كۈچلۈك رەددىيە بېرىدۇ. سىلەرنىڭ خىتاي بىلەن چەتئەل ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خىتاينىڭ شىنجاڭ ھېكايىسىنى سۆزلەپ بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن».
ئۇيغۇر ئېلى ۋە خىتايدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان ئامېرىكالىق ئانتروپولوگ، مائارىپچى دوكتور فىلىس ۋوكاب خانىم بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ، ما شىڭرۇينىڭ دېگەنلىرىنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى ۋە ئۇنىڭ تەشۋىقات ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى. ئۇ كۆز قارشىنى مۇنداق شەرھلىدى:
«ئېنىقكى بۇ شىنجاڭدىكى ئۆزگىرىشلەرگە ئىجابىي باھا. بۇ بىر تەشۋىقات. بۇ ئۆزگىرىشلەر بارلىق مىللەتلەرگە ياردەم قىلىۋاتامدۇ ياكى قىلمايۋاتامدۇ بۇ مۇنازىرە قىلىشقا تېگىشلىك. بۇ بىرىنچى نوختا. ئىككىنچى نۇقتا زامانىۋىلىشىشقا قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە دەپتۇ. ئەگەر زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىيىم-كېچەكلىرى، دىنى، تىلى قاتارلىقلارنى چەكلەپ، پەقەت خەنزۇ تىلىنى ۋە كوممۇنىزمنى دىن قىلىپ ئىشلىتىش دېگەنلىك بولسا، ئۇنداقتا بۇ زامانىۋىلاشتۇرۇشتىن گۇمان قىلىش كېرەك. زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىرقىي قىرغىنچىلىق، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنى، ئىنسانلارنى خالىغانچە تۈرمىگە سولاشنى، ئاياللارنى تۇغماس قىلىشنى، تىلنى مەجبۇرىي ئۆزگەرتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. ما شىڭرۇي بولسا كونا مودا مۇستەملىكىچى. ئۇنى كۈنىمىزدىكى گىتلېر دېيىشكە بولىدۇ».
ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى دوكتور ئاندېرس كور (Anders Corr) بۇ ھەقتە رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ ۋە ما شىڭرۇيگە رەددىيە بەردى. ئۇ ياش خىتايشۇناسلارنى ئۈرۈمچىگە ئېلىپ كېلىپ تەربىيەلەش ۋە مېھمان قىلىشنىڭ مەقسىتى ئۇيغۇر ئېلىدا ئىرقى قىرغىنچىلىقنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى، ھەممە ئىشنىڭ نورمال ئىكەنلىكىنى تەشۋىق قىلىشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:
«ئۇلار، خىتاي ئىدىيەسىنى، ئېتىقادنى ۋە شەرقى تۈركىستاندا ئىرقى قىرغىنچىلىق يوق ئىكەنلىكىنى، ھەممە ئىشنىڭ نورمال ئىكەنلىكىنى تەشۋىق قىلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. يەرلىك خەلقنىڭ خۇشال ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇلارنىڭ دىنى ھەم مەدەنىيىتىنى ھۆرمەت قىلغانلىقىنى تەشۋىق قىلىدۇ. بۇ توغرا ئەمەس. ئۇلار بىر قىسىم تەربىيەلەنگەن ئارتىسلارنى ئىشلىتىش ئارقىلىق ئۇ يەردىكى خەلقنىڭ خۇشال-خۇرام ۋە بەختلىك ياشاۋاتقانلىقى تۇيغۇسىنى بېرىدۇ. ئۇسسۇلچىلارغا خۇشال كۆرۈنۈشىنى ۋە كۈلۈمسىرىشىنى ئېيتىدۇ. ئەگەر ئارتىسلار يېتەرلىك كۈلۈمسىرىمىسە، يۈزىدە يېتەرلىك تەبەسسۇم ئىپادە قىلمىسا جازا لاگېرىغا ئەۋەتىلىدۇ. ئېنىقكى، بۇ كىشىلەر كۆز ياشلىرى بىلەن كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ، تېشىدا كۈلۈپ ئىچىدە يىغلاپ خىزمەت قىلىدۇ. بۇ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تەشۋىقات پائالىيىتى ئۈچۈن ‹پوتېمكىن كەنتىنى› قۇرغان بىلەن ئوخشاش ئىش. قارىماققا ئۇ كەنت بىر گۈزەل سوتسىيالىستىك جەننەت ئىدى. ئەمەلىيەتتە ئۇ كەنت بىر توپ ئارتىسلار ۋە ساختا كىشىلەردىن تەركىب تاپقانىدى. شىمالىي كورېيەمۇ شۇنداق قىلدى. شۇڭا خىتاي ئاستا-ئاستا شىمالىي كورېيەگە ئايلىنىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ شىمالىي كورېيەگە ئايلىنىشى بەك ئېچىنىشلىق.»
مەزكۇر خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، ئىران تېھران ئۇنىۋېرسىتېتى كۇڭزى ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى خاۋ مەيتې، رۇمىنىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ياردەمچى تەتقىقاتچىسى پاۋلا، گېرمانىيە تۇبىنگېن ئۇنىۋېرسىتېتىدىن دوكتور شى شياۋخۇا ۋە مالايشىيا خىتاي مۇزېيى ئىجرائىيە مۇدىرى لىن جياخاۋ قاتارلىقلار ما شىڭرۇي بىلەن بولغان ئۇچرىشىشتا خىتاي ئاخباراتىغا ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلىپ ئۆزىنىڭ تەسىراتلىرىنى سۆزلىگەن. ئۇلار ئۇيغۇر ئېلىدا 15 كۈندەك ئۆگىنىش، سۆھبەت، نەق مەيدان زىيارىتى، پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ساياھەت ئارقىلىق «شىنجاڭ ياخشى جاي» دېگەن ئورتاق ھېسسىياتقا كەلگەنلىكىنى ئېيتقان. ئۇلار مۇنداق دېگەن: «بىز شىنجاڭنىڭ تىنچ بىخەتەر يەر ئىكەنلىكىنى، بولۇپمۇ شىنجاڭدىكى كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەت، كۆپ مىللەت ۋە دىنلارنىڭ بىرلىشىشى بىلەن ئىناق بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغانلىقىغا شاھىت بولدۇق. خىتاينىڭ ئوچۇق ۋە كەڭ قورساقلىقىنى ھېس قىلدۇق. غەرب دۇنياسى خىتاينىڭ شىنجاڭغا تېخىمۇ ئاكتىپ ۋە ئوچۇق پوزىتسىيە بىلەن قارىشى كېرەك».
ھالبۇكى، دوكتور فىلىس ۋوكاب خانىم ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئىلىدا ياشىغانلىقىنى ۋە كۆپ قېتىم ساياھەتكە بارغانلىقىنى، شۇنىڭدەك كۆرگەن ۋە بىلگەنلىرىنى مىسال قىلىپ تۇرۇپ بۇ ياش خىتايشۇناسلارنىڭ پىكىرىنىڭ رېئاللىققا ئۇيغۇر ئەمەسلىكىنى بايان قىلدى. ئۇ كۆز قارشىنى مۇنداق ئوتتۇرىغا قويدى:
«1987-يىلىدىن 2019-يىلىغىچە بولغان ۋاقىتتىكى سەككىز قېتىمدىن ئارتۇق زىيارەتتە، مەن شىنجاڭدا كۆپ چەكلەشلەرگە ئۇچرىدىم. بۇنىڭ ئىچىدە مەن ئۇ يەردە تۇرغان ۋە خىتايدا ئىشلىگەن ئۇزۇن ۋاقىتلاردىمۇ شۇنداق بولدى. مەن بارالمايدىغان يەرلەر بار ئىدى. مەن كۆرەلمەيدىغان ئىشلار بار ئىدى. ماڭا ھەمىشە بىر يەرگە بېرىشقا رۇخسەت قىلىنغان بولسا، باشقا بىر يەرگە بېرىشقا رۇخسەت قىلىنمىغان. مەن ھەر خىل يۆنىلىشلەرگە قاراپ مېڭىشقا مەجبۇر بولغانىدىم. بۇ سىز بىلەلەيدىغان نەرسە. ئۇنىڭ ئۈستىگە ساياھەت گۇرۇپپىسى ناھايىتى ئاسان چەكلىنىدۇ. مەن بۇ ياشلارنىڭ شىنجاڭدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنى ئاڭلىغانلىقىدىن گۇمانلىنىمەن. ئەمما كىم ئۇلارنى تۈرمىنى كۆرگىلى باشلاپ ئاپىرىدۇ؟ بۇنداق بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. شىنجاڭدىكى كىشىلەر ئۆزلىرى تەسۋىرلەشكە مەجبۇرلانغان بارلىق ناخشا-ئۇسسۇل كۆرۈنۈشلىرىنىڭ ئارقىسىدا نېمە بارلىقىنى سۆزلىيەلمەيدۇ».
دوكتور ئاندېرس كورنىڭ قارىشىچە بۇ ياش خىتايشۇناسلارنىڭ بىر قىسمى ساددا، يەنە بىر قىسمى پۇرسەتپەرەس ئىكەن. ئۇ يەنە ئۇلارنىڭ خىتايدا تۇرۇپ خىتاينى ئاقلاش ۋە دۇنياغا چاقىرىپ قىلىش سالاھىيىتى يوق دېدى. ئۇ مۇنداق دېدى:
«ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ساددا بولۇشى مۇمكىن. بەزىلىرى چەتئەلگە ھەقسىز ساياھەت قىلىشنى ئويلايدۇ. بەلكىم ئۇلار ئەزەلدىن چەتئەلگە چىقىپ باقمىغان، شۇڭا چەتئەلگە چىقىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. بەلكىم ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئەزەلدىن خىتاينى زىيارەت قىلىپ باقمىغان. بۇ، خىتاينى ساياھەت قىلىش ئۈچۈن ئۇلارغا ياخشى پۇرسەت. دۆلەتلىرىگە قايتقاندىن كېيىن مەن خىتاينى زىيارەت قىلدىم ۋە ئۇلار(خىتاي) ياخشى دەيدۇ. خىتاي دائىرىلىرى بۇ خىتايشۇناسلارغا ئۇيغۇر ۋە شەرقى تۈركىستان ھەققىدە توغرا ئۆچۈر بەرمەيدۇ. خىتايشۇناسلارغا ساختا خىتاينى كۆرسىتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇلاردىن خىتاي ھەققىدە ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتى ھەققىدە ياخشى نەرسىلەرنى سۆزلەشنى كۈتىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ خىتايدا تۇرۇپ ئۇ شەكىلدە سۆزلەش سالاھىيىتى يوق. پەقەت خىتايدىن يىراق تۇرۇپ يەنى چەتئەلدە تۇرۇپ، خىتاينى ئوبيېكتىپ تەھلىل قىلغىلى بولىدۇ.»
ئۇيغۇر ئېلىدا ياشاپ ئۆگىنىش ۋە تەتقىقاتلار بىلەن شۇغۇللىنىپ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن ئۇيغۇرشۇناس دوكتور رۇنى ستېنبېرگ (Rune Stenberg) «خىتاي ھۆكۈمىتى توغرىنى خاتا، خاتانى توغرا قىلىپ كۆرسىتىپ، بۇ ختايشۇناسلاردىن پايدىلىنىپ دۇنيانى قايمۇقتۇرۇش ۋە كۆز بويامچىلىق قىلىش ئۈچۈن بۇلارنى ئىشلىتىدۇ» دەپ كۆرسەتتى. ئاخىردا، ئۇ يەنە «خىتايشۇناسلارنىڭ جەمئىيەت ئالدىدا ئەخلاقى بۇرچى بار. خىتايشۇناسلار ئۆزىنىڭ ئاممىۋى رولىغا ئالاھىدە ئېتىبار بېرىش كېرەك» دېدى.