خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خوڭكوڭدا داۋاملىشىۋاتقان نارازىلىق ھەرىكىتىگە قانداق تەدبىر قوللىنىشى دىققەت قوزغىماقتا

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2019.08.13
xongkong-namayish-2019-saqchi-basturush.jpg ساقچىلارنىڭ خوڭكوڭدىكى نامايىشچى ئوقۇغۇچىلارنى كۆزدىن ياش ئاققۇزۇش بومبىسى، رېزىنكە ئوقلارنى ئاتقان ۋە تۇتقۇن قىلغان. 2019-يىلى 13-ئاۋغۇست.
AP

2019-يىل 6-ئاينىڭ 9-كۈنى خوڭكوڭدا باشلانغان «قاچقۇنلارنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش قانۇنى» غا قارشى نارازىلىق نامايىشىنىڭ جىددىيلەشكەن تەرەققىياتى دىققەت قوزغىماقتا. ئىككى ئايدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى خوڭكوڭدا داۋاملىشىۋاتقان نارازىلىق نامايىشىغا ئۈزلۈكسىز قاتتىق پوزىتسىيەسىدە بولغان. خىتاي باياناتلىرىدا خوڭكوڭلارنىڭ نامايىشىنى «چەتئەل كۈچلىرىنىڭ قۇتراتقۇلۇقى بار بۆلگۈنچىلىك» قالپىقى بىلەن ئەيىبلەپ، خوڭكوڭ ۋالىيلىقىنىڭ نامايىشچىلارغا كۈچ ئىشلىتىشىنى قوللاپ كەلگەن ئىدى. بولۇپمۇ خىتاينىڭ 12‏-ئاۋغۇستتىكى باياناتىدا، نامايىشچىلارنى «زوراۋانلىق» ۋە «تېررورلۇقنىڭ كۆتۈرۈشى» دېگەندەك قالپاقلار بىلەن ئەيىبلىشى، خوڭكوڭ ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەردە ‹خىتاي ھۆكۈمىتى نامايىشچىلارنى قوراللىق باستۇرۇشقا باھانە ئىزدەۋاتىدۇ› دېگەن ئەندىشىنى كۈچەيتتى.

خوڭكوڭدا داۋاملىشىۋاتقان «قاچقۇنلارنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش قانۇنى» غا نارازىلىق بىلدۈرۈش ھەرىكىتىگە قارىتا، خىتاينىڭ خوڭكوڭ-ماكاۋ ئىشخانىسى 12‏-ئاۋغۇست كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ ھەرىكەتنى «ئېغىر زوراۋانلىق جىنايىتى شەكىللەندۈرۈشكە ئۇرۇنۇش» ۋە «تېررورلۇق باش كۆتۈرۈشكە باشلىغان ھەرىكەت» دەپ ئەيىبلىدى. ئىككى ئايدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىمۇ خوڭكوڭلۇقلارنىڭ نارازىلىق نامايىشىنى «چەتئەل كۈچلىرىنىڭ قۇتراتقۇلۇقىدىن قوزغالغان»، «خوڭكوڭنى خىتاي دۆلىتىدىن ئايرىپ مۇستەقىل بولۇشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتى» دېگەندەك سۆزلەر بىلەن ئەيىبلەپ كەلمەكتە.

ئەمما رويتېرس، چنن تېلېۋىزىيەسى، ئامېرىكا ئاۋازى، ب ب س قاتارلىق غەرب مۇستەقىل خەۋەر ئاگېنتلىقلىرىدا «خوڭكوڭلۇقلارنىڭ نارازىلىق نامايىشى «خوڭكوڭلۇقلارنىڭ كىشىلىك قىممەت قارىشىنىڭ نامايان قىلىنىشى»، «خوڭكوڭلۇقلارنىڭ ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيە» نى تەلەپ قىلىش ھەرىكىتى، دەپ تەرىپلەندى.

غەربتىكى مۇستەقىل تاراتقۇلارنىڭ تەپسىلاتلىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خوڭكوڭ سىياسىتىنى ئۈزلۈكسىز كۆزىتىپ كېلىۋاتقان ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ قاراشلىرى نەقىل ئېلىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 1997-يىلى خوڭكوڭنىڭ ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىنى ئەنگلىيەدىن ئۆتكۈزۈۋالغان چاغدا قول قويغان «خوڭكوڭدا بىر دۆلەت ئىككى خىل تۈزۈم سىياسىتى يولغا قويۇلىدۇ، بۇ خىل باشقۇرۇش مېخانىزمى 50 يىلغىچە ئۆزگەرمەيدۇ» دېگەن ۋەدىسىگە ئارىدىن 20 يىل ئۆتۈپلا ئەمەل قىلمايۋاتقانلىقى تەنقىدلەندى.

ب ب ك ئاگېنتلىقىنىڭ 12-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت زوراۋانلىق مېخانىزمى ئارقىلىق، خوڭكوڭلۇقلارنىڭ نارازىلىق ھەرىكىتىنى باستۇرۇشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارغىمۇ ئورۇن بېرىلدى. تەپسىلاتتا ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىككى ئايدىن بۇيان، ئۆز تەشۋىقاتلىرى ئارقىلىق خىتاي قۇرۇقلۇقىدىكى پۇقرالىرىغا خوڭكوڭدىكى نامايىشچىلارنى قارىلايدىغان تەشۋىقاتلارنى كۈچەيتىش، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈش، خوڭكوڭغا يېقىن شېنجېن چېگراسىغا قوراللىق ساقچى قىسمى نامىدا قوشۇن توپلاش، خىتاي ساقچىلىرىنى خوڭكوڭ ساقچىلىرى سىياقىدا ياساندۇرۇپ، نامايىشچى ئامما ئارىسىغا قوشۇۋېتىش، ساقچىلارنىڭ نامايىشچى ئوقۇغۇچىلارنى كۆزدىن ياش ئاققۇزۇش بومبىسى، رېزىنكە ئوقلارنى ئېتىش ئارقىلىق تارقىتىشىغا بۇيرۇق بېرىش، نامايىشچىلارنى «قالايمىقانچىلىق تۇغدۇردى» دېگەندەك باھانىلەردە تۇتقۇن قىلىشى قاتارلىق ئەھۋاللار ئاشكارىلاندى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 13-ئاۋغۇستتىكى خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خوڭكوڭدا داۋاملىشىۋاتقان نارازىلىق نامايىشىنىڭ خوڭكوڭ ساقچىلىرى تەرىپىدىن زوراۋانلىق ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىپ باستۇرۇلۇشىغا قارىتا، خوڭكوڭدا ھەر ساھە، ھەر قاتلاملاردىكى ئاممىنىڭ نامايىش قىلىۋاتقان خوڭكوڭ ياشلىرىنى قوللاپ نامايىش قىلىش، ھۆكۈمەت بىلەن ھەمكارلاشماسلىق ھەرىكەتلىرىمۇ ئېلىپ بېرىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، 12-ئاۋغۇست دۈشەنبە كۈنى مىڭلىغان نامايىشچى خوڭكوڭ خەلقئارا ئايرودرومىغا توپلىنىپ، ساقچىلارنىڭ زوراۋانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن. خوڭكوڭ ھۆكۈمىتى شۇ كۈنى پۈتۈن ئايروپىلان قاتنىشىنى بىكار قىلىپ، يولۇچىلارنىڭ ئايرودرومنى دەرھال بوشىتىشىنى تەلەپ قىلغان.

13-ئاۋغۇست كۈنىدىكى ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خوڭكوڭدا داۋاملىشىۋاتقان نارازىلىق نامايىشى ۋە ھۆكۈمەتكە ھەمكارلاشماسلىق ھەرىكىتى سەۋەبلىك 12-ئاۋغۇستتىن باشلاپ خوڭكوڭ ئايرودرومىدا بىر قانچە نۆۋەتلىك ئايروپىلان ئۇچۇشتىن توختىغان، 13-ئاۋغۇست كۈنىگە كەلگەندە خوڭكوڭ ئايرودرومىدا سىرتتىن كەلگەن ئايروپىلانلار قونالىغان بولسىمۇ، ئەمما خوڭكوڭدىن سىرتقا ئۇچىدىغان بارلىق ئايروپىلانلار ئۇچۇشتىن توختىغان.

بارغانچە جىددىيلىشىۋاتقان خوڭكوڭ ۋەزىيىتىگە قارىتا، ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خوڭكوڭلۇقلارنىڭ نارازىلىق نامايىشنى «تېررورلۇق» ۋە» زوراۋانلىق» قا باغلاپ، نامايىشچىلارنى باستۇرۇشى ئېھتىماللىققا يېقىن ئىكەن.

خوڭكوڭ ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان ۋەزىيەت ئانالىزچىسى چېن پوكۇڭ ئەپەندى خىتاي باياناتچىسىنىڭ خوڭكۇڭدىكى نارازىلىق ھەرىكىتىنى «زوراۋانلىققا ئۇرۇنۇش»، «تېررورلۇق تۈسىنى ئالغان ھەرىكەت» دەپ تەرىپلىشىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇر، تىبەت رايونىدىكى ھەرقانداق نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى ئىزچىل ھالدا «تېررورلۇق» قا باغلاپ باستۇرۇپ كېلىۋاتقان ئەندىزىسىنى خوڭكوڭدىكى نارازىلىق ھەرىكىتىگە تۇنجى قېتىم باغلىشى دەپ چۈشىنىشكە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

چېن پوكۇڭ ئەپەندى خوڭكوڭدا باشلانغان «قاچقۇنلارنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش قانۇنى» غا قارشى نارازىلىق نامايىشىنىڭ نېمە ئۈچۈن 2 ئايدىن بۇيان داۋاملىشىشىنىڭ سەۋەبى ھەققىدىمۇ ئۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇنىڭ قارىشىچە، خوڭكوڭ ياشلىرىنىڭ «قاچقۇنلارنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش قانۇنى» غا قارشىلىق بىلدۈرۈشىنىڭ سەۋەبى، ئەمەلىيەتتە خوڭكوڭ خىتايغا قايتۇرۇلغاندىن بۇيان، خوڭكوڭدا كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىدە چېكىنىش يۈز بەرگەنلىكى سەۋەب بولغان. بولۇپمۇ شى جىنپىڭ تەختكە چىققاندىن بۇيان خوڭكوڭدىكى خىتاي قۇرۇقلۇقىدىن پەرقلىق بولغان تۈزۈمدە قاتتىق چېكىنىش بولغان.

چېن پوكۇڭ ئەپەندى يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2 ئايدىن بۇيان خوڭكوڭدىكى نارازىلىق نامايىشىنى قورال كۈچى بىلەن باستۇرۇش قارارىنى ئالماسلىقى ھەققىدىمۇ توختىلىپ، بۇنى خوڭكوڭنىڭ خەلقئارادىكى سودا مەركەزلىرىنىڭ بىرى بولۇشى ۋە خىتاي ئىقتىسادىدىكى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورنى قاتارلىق كۆپ خىل ئامىللاردىن ئىزدەش كېرەكلىكىنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

ئەمما ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، بەزى ئانالىزچىلار خوڭكوڭنىڭ خەلقئارا سودىدىكى مۇھىم ئىقتىسادىي ئورنى ۋە خەلقئارانىڭ خوڭكوڭ ۋەزىيىتىگە بولغان جىددىي دىققىتى قاتارلىق ئامىللارنى تەكىتلەپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خوڭكوڭغا قارىتا باستۇرۇش تەدبىرلىرى قوللىنىشتا ئىككىلىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئەمما ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتايدەك مۇستەبىت ھۆكۈمەتنىڭ ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن خوڭكوڭغا قارىتا ھەرقانداق باستۇرۇش تەدبىرنى قوللىنىشىنى تامامەن مۇمكىن دەپ قاراشقا بولىدىكەن

ئېلشات ھەسەن ئەپەندى نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خوڭكوڭلۇقلارنىڭ نارازىلىق ھەرىكىتىگە «قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرۇش، تېررورلۇق قىلىش» دېگەندەك قالپاقلارنى كىيدۈرۈشىنىڭ ئۆزى، ئۇنىڭ خوڭكۇڭدىكى نارازىلىقنى ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تىنچىتىش مەقسىتىگە يېتىشكە ئۇرۇنۇش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ بۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 1997-يىلدىكى «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى»، 2009-يىلدىكى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى»، ۋە 1989-يىلدىكى 4-ئىيۇن تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى» قاتارلىقلارنى باستۇرۇشى قاتارلىق ھەرىكەتلىرىنى نەقىل ئېلىپ ئۆتتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.