ئەرىك شىمىد خۇاۋېي شىركىتىنىڭ ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە تەھدىت يارىتىدىغانلىقىنى ئېيتتى

Google شىركىتىنىڭ سابىق باشلىقى ئەرىك شىمىد خۇاۋېي شىركىتىنىڭ ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە تەھدىت يارىتىدىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ قوبۇل قىلىشقا بولمايدىغان قىلمىشلار بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ، بۇ سۆزلەرنى جۈمە كۈنى ب ب س رادىئو قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئوتتۇرىغا قويدى ۋە خىتايغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن غەرب دۇنياسىنى تېخنولوگىيە جەھەتتە خىتاي بىلەن مۇسابىقىگە چۈشۈشكە چاقىرىدى.

ئۇ نۆۋەتتە ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق يېڭىلىق يارىتىش مۇدىرىيىتىنىڭ دىرېكتورى.

ئۇ خۇاۋېي 5گ تور تېخنىكىسى ھەققىدە توختالغىنىدا ئۇ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە ئېلىپ كېلىدىغان تەھدىتلەردە شەك يوقلىغىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «خۇاۋېي روتېرلىرىدىن ئۆتكەن ئۇچۇرلارنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا (خىتاي) ھۆكۈمىتىنىڭ قولىغا چۈشۈپ كېتىدىغانلىقىدا شەك يوق. دەرۋەقە شۇنداق بولدى. بىز شۇنداق بولغانلىقىنى كەسىپ ئېيتىمىز.»

خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، خۇاۋېينىڭ ئەنگلىيەدە تۇرۇشلۇق ۋەكىلى ئەرىك شىمىدنىڭ ئېيتقانلىرىنى رەت قىلغان ۋە خۇاۋېينىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كونتروللۇقىدىن مۇستەسنا مۇستەقىل شىركەت ئىكەنلىكنى ئېيتقان.

ھالبۇكى، يىللاردىن بېرى ئامېرىكا ۋە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى تور بىخەتەرلىك مۇتەخەسسىسلىرى خۇاۋېي روتېرلىرى جۈملىدىن خۇاۋېي تېلېفونلىرىنىڭ ئۆز ئابونىتلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىنى خىتايدىكى بىر مەخپىي مۇلازىمېتىرغا يوللاپ تۇرغانلىقىنى دەلىللەپ چىققان.

نەتىجىدە، ئامېرىكا ئۆز ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق ئورگانلارنىڭ خۇاۋېي مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىتىشىنى چەكلەش قارار ئالغان ئىدى.

ئەرىك شىمىد خىتاينىڭ يېقىن كەلگۈسىدە سۈنئىي ئىدراك قاتارلىق ھالقىلىق ساھەلەردە زور ئىلگىرىلەش ياساپ غەرب دۇنياسىغا يېتىشىۋېلىش ھەتتا ئېشىپ كېلىش ئېھتىماللىقى يۇقىرىلىقىنى، شۇڭا غەرب ئەللىرىنىڭمۇ ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈپ تېخنىكا جەھەتتە يېڭىلىق يارىتىش قەدىمىنى تىزلىتىش لازىملىقىنى ئېيتتى.

گۇگىل شىركىتىنىڭ سابىق باشلىقى ئەرىك شىمىد خىتاينىڭ خۇاۋېي شىركىتىنىڭ ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە تەھدىت يارىتىدىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ قوبۇل قىلىشقا بولمايدىغان قىلمىشلار بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ بۇز سۆزلەرنى جۈمە كۈنى ب ب س رادىئو قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئوتتۇرىغا قويدى ۋە خىتايغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن غەرب دۇنياسىنى تېخنولوگىيە جەھەتتە خىتاي بىلەن مۇسابىقىگە چۈشۈشكە چاقىرىدى.

ئۇ نۆۋەتتە ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش مۇدىرىيىتىنىڭ دىرېكتورى.

ئۇ خۇاۋېي 5گ تور تېخنىكىسى ھەققىدە توختالغىنىدا ئۇنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە ئېلىپ كېلىدىغان تەھدىتلەردە شەك يوقلىغىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: خۇاۋېي روتېرلىرىدىن ئۆتكەن ئۇچۇرلارنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا ھۆكۈمەتنىڭ قولىغا چۈشۈپ كېتىدىغانلىقىدا شەك يوق. دەرۋەقە شۇنداق بولدى. بىز شۇنداق بولغانلىقىنى كەسىپ ئېيتىمىز.

خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، خۇاۋېينىڭ ئەنگلىيەدە تۇرۇشلۇق ۋەكىلى ئەرىك شىمىدنىڭ ئېيتقانلىرىنى رەت قىلغان ۋە خۇاۋېينىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كونتروللۇقىدىن مۇستەسنا مۇستەقىل شىركەت ئىكەنلىكنى ئېيتقان.

ھالبۇكى، يىللاردىن بېرى ئامېرىكا دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى ت تور بىخەتەرلىك مۇتەخەسسىسلىرى خۇاۋېي روتېرلىرى جۈملىدىن خۇاۋېي تېلېفونلىرىنىڭ ئوز ئالبانلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىنى خىتايدىكى بىخ مەخپىي مۇلازىمېتىرغا يوللاپ تۇرغانلىقىنى دەلىللەپ چىققان.

ئامېرىكا ئوز ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق ئورگانلارنىڭ خۇاۋېي مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىتىشىنى چەكلەش قارار ئالغان ئىدى.

ئەرىك شىمىد خىتاينىڭ يېقىن كەلگۈسىدە سۈنئىي ئىدراك قاتارلىق ھالقىلىق ساھەلەردە زور ئىلگىرىلەش ياساپ غەرب دۇنياسىغا يېتىشىۋېلىش ھەتتا ئېشىپ كېلىش ئېھتىماللىقى يۇقىرىلىقىنى شۇڭا غەرب ئەللىرىنىڭمۇ ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈپ تېخنىكا جەھەتتە يېڭىلىق يارىتىش قەدىمىنى تىزلىتىش لازىملىقىنى ئېيتتى.