فرانسىيەنىڭ ۋال-دۇۋاز ۋىلايىتى خۇاۋېي بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى توختاتقان

0:00 / 0:00

15-ئاۋغۇست فرانسىيەنىڭ ۋال-دۇۋاز ۋىلايەتلىك كېڭىشىنىڭ (Departmental council of Val-d'Oise) رەئىسى مارىي كېرىستىن كېۋىچچى خانىم يازما بايانات ئارقىلىق ۋال-دۇۋاز ۋىلايىتىنىڭ خۇۋاېي شىركىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى توختاتقانلىقىنى جاكارلىغان. باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: «فرانسىيەنىڭ خىتاي بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ قالغان ئاساستا ۋال-دۇۋاز ۋىلايىتى ئۆزىنىڭ خۇاۋېي بىلەن بولغان ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى توختاتتى.»

ۋال-دۇۋاز ۋىلايىتىنىڭ فىرانسىيە پارلامىنتىدىكى ۋەكىلى ئورلىيان تاچى 10-ئاۋغۇسىت فىرانسىيە پارلامىنتىغا «ۋال-دۇۋاز ۋىلايىتىنى رەقەملەشتۈرۈش تۈرى» نىڭ خۇۋاېي بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلىپ مەكتۇب يازغانىكەن. مەكتۇبتا 12 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇسىقا ئىگە بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى ۋە ئېتنىك كېلىپ چىقىشى سەۋەپلىك مەجبۇرىي تۇغماس قىلىنىش، كەڭ كۆلەملىك نازارەتكە ئېلىنىش، ۋە مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىنىشتەك زوراۋانلىق ۋە زىيانكەشلىكلەرگە ئۇچراۋاتقانلىقى، خۇاۋىي شىركىتىنىڭ بۇ جىنايەتكە بىۋاستە قاتناشقانلىقى، كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشقا شېرىك بولغان مۇشۇنداق بىر شىركەت بىلەن ھەمكارلىشىش فرانسىيەنىڭ قىممەت قارىشىغا ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئورلىيان تاچى بۇ ھەقتە سورىغان سوئاللىرىمىزغا يازمىچە جاۋاب قايتۇرۇپ، مۇنداق دېگەن: «ئاز سانلىق مىللەتلەرنى قوغداش، ئىرقچىلىققا قارشى تۇرۇش، باراۋەرسىزلىك ۋە ھەر خىل زۇلۇملارغا قارشى تۇرۇش مېنىڭ سىياسىي ھەرىكىتىمدە ئىزچىل مۇھىم ئورۇندا تۇرۇپ كەلدى. مېنىڭچە، پارلامېنتنىڭ مەجبۇرىيىتى خەلقئارا ئەھدىنامىگە كاپالەتلىك قىلىش، فرانسىيەدە ۋە شۇنداقلا چېگرامىزدىن ھالقىپ تۇرۇپ، بىز ۋەكىللىك قىلىدىغان دۆلىتىمىزنىڭ قىممەت قارىشىنى قوغدىشىمىز كېرەك. بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان زىيانكەشلىكىنى قەتئىي قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ خۇاۋېي لاگېرلاردا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلانىڭ مەجبۇرى ئەمگىكىدىن پايدىلانماقتا، يەنى قۇل ئەمگىكى تۈزۈمىنى قوللىماقتا. خۇۋاېي بىلەن ھەمكارلاشقانلىق بىزنى ئۇيغۇرلارغا قىلىنغان زوراۋانلىققا شېرىك قىلىدۇ.»

ئۇ خېتىدە يەنە مۇنۇلارنى بايان قىلغان: «ئالدىنقى ئايدا فرانسىيە پرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرونغا خەت يېزىپ، ئۇنى كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتىنى خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇرلىشىنى ۋە خىتاينى جازاغا تارتىشقا ئاۋاز قوشۇشىنى تەلەپ قىلدىم. بىز ۋال-دۇۋازدىكى خۇاۋېيغا قارشى ھەرىكەتنىڭ غەلىبە قىلغانلىقىدىن تولىمۇ خۇشالمىز ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن پەخىرلىنىمىز. بۇ پەقەت بىرىنچى قەدەم. مەن ھازىر فرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ھەرىكەت قوللىنىپ، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ زىيانكەشلىكنى توختىتىشقا كۈچ چىقىرىشىنى ھەم فرانسىيىدە مۇساپىر بولۇپ تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر جامائىتىنى قوغداش ئۈچۈن كۈچلۈك تەدبىرلەرنى ئېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.»

فىرانسىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى، ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتىنىڭ رەئىسى دىلنۇر رەيھاننىڭ ئېيتىشىچە، فىرانسىيە پارلامىنتىدا ئۇيغۇرلارنى قوللاش ئىشى ئۇنىڭ «دۇنيا گېزىتى» دە ئېلان قىلغان «فرانسىيە ئاياللىرى ئۇيغۇر ئاياللىرىغا قاياش بولۇڭلار» ناملىق ماقالىسىگە جاۋاپ بېرىپ يېزىلغان ئوچۇق خەتتىن باشلانغان ئىكەن. پارلامېنت ئەزاسى رافائىل گىلۇكسمەن ئىجىتىمائىي تاراتقۇلاردىكى تەسىرىدىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى كەڭ تەشۋىق قىلغان. ئىنستېگرامدا خىتاي ماللىرىغا بويقوت باشلاتقان. ئادىداس قاتارلىق چوڭ ماركىلاردىن خىتايدا ئىشلەنگەن ماللارنى كىرگۈزمەسلىككە ۋەدە ئالغان. رافائىل ۋە دىلنۇرنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە فىرانسىيەدىكى ئاياللار ھوقۇقى تەشكىلاتلىرى، ياشلار تەشكىلاتلىرى ۋە ئوڭچىل-سولچىل پارتىيەلەرنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلىغان.

بۇ تەشكىلاتلارنىڭ بىرى «ياشلار كېلىمات ئۈچۈن» ھەرىكىتى بولۇپ، بۇ ياشلار پارىژ سودا مەركىزىدىكى ئاساسلىق خەلقئارالىق ماركىلارنىڭ ماگىزىنلىرىغا كىرىپ، پۈتۈن ماللارنىڭ باھا كۆرسەتكۈچىگە: «بۇ مال 50 پىرسەنت چۈشۈرۈلدى. بۇ مال ئۇيغۇر قۇللىرى تەرىپىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان. بۇنى سېتىۋېلىش ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ھەمنەپەس بولغانلىق بىلەن ئوخشاشتۇر» دېگەن خەتلەرنى چاپلىۋەتكەن. بۇنىڭ نەتجىسىدە پارىژ خەلقى ئارىسىدا خىتاي ماللىرىغا قارىتا سەزگۈرلۈك كۈچەيگەن. ئۇلار خۇاۋېي شىركىتىنىڭ كىيىم-كېچەك ماگىزىنلىرىنىڭ ئالدىغا «نازارەت كاپىتالىزىمى-ئىرقى قىرغىنچىلىققا شېرىك بولغانلىق» دېگەن خەتلەر يېزىلغان لوزۇنكا ۋە تەشۋىق ۋاراقچىلىرىنى چاپلىغان.

بىز بۇ تەشكىلاتنىڭ ئاكتىپ ياشلىرىدىن لېئو ۋە لىئانا ئىككەيلەننى زىيارەت قىلدۇق. لىئانا مۇنداق دېدى: «‹ياشلار كېلىمات ئۈچۈن› ھەرىكىتى خۇاۋېي شىركىتىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا شېرىك بولۇشنى قاتتىق ئەيبلەيدۇ. خۇاۋېي خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارنى نازارەت قىلىدىغان سىستېما بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئۇلار كىيىم-كىچەك ساھەسىگە كېرگەندىن كىيىن ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سىلىش جىنايىتىگە شېرىك بولدى دېگەنلىك. بىز بۇنىڭغا دەرھال قارشى ھەرىكەت قوللىنىپ، خۇاۋېي ماگىزىنلىرىنىڭ تېشىغا ‹نازارەت كاپىتالىزىمى-ئىرقى قىرغىنچىلىققا شىرىك بولغانلىق› دېگەن خەتلەرنى چاپلىدۇق. بىز يەنە خۇاۋېينىڭ نازارەت سىستېمىسىنى ئىشلىتىشىگە ھەمتاياق بولۇۋاتقان باشقا دۆلەتلەرنىمۇ ئەيبلەيمىز. خۇاۋېيغا ئوخشاش شىركەتلەر مۇشۇنداق نازارەت سىستېمىسىنى قوللاپ بەرگەنلەر بولغانلىقى ئۈچۈن تەرەققىي قىلىش كاپىتالىغا ئىگە بولغان.»

دىلنۇرنىڭ ئېيتىشىچە، فرانسىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلارنى قوللاپ، خۇاۋېي بىلەن بولغان ھەمكارلىققا قارشى چىققان پارتىيەلەر ئىچىدە سوتسىيالىستلار پارتىيەسى، يېشىللار پارتىيەسى، ئېكولوگىيە ئەۋلادلىرى پارتىيەسى، رادىكال سولچى پارتىيە، جۇمھۇرىيەتچى سولچىلار پارتىيەسى، ئاممىۋى مەيدان پارتىيەسى، «س ئەۋلاتلىرى» پارتىيەسى قاتارلىق ئوڭچىل-سولچىل ھەممە پارتىيە بار ئىكەن. ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ھەر خىل كۆز قاراشتىكى پارتىيەلەر بىرلىككە كەلگەن بولۇپ، ئۇلار فرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ كۈچلۈك ۋە كەسكىن بىر شەكىلدە ھەرىكەت قوللىنىشىنى كۈتمەكتىكەن.