ئاۋاز ئارتىسى فىلىم ئىشلىگۈچى خۇرسەن ھەسەنگە «دۆلەتنى پارچىلاش جىنايىتى» ئارتىلىپ 15 يىل كېسىلگەن

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2020.09.16
xursen-hesen.jpg نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر سەرخىللىرىغا ئوخشاش «دۆلەتنى پارچىلاش» جىنايىتى بىلەن 15 يىللىق كېسىلگەن ئاۋاز ئارتىسى ۋە فىلىم ئىشلىگۈچى خۇرسەن ھەسەن ئەپەندى. (ۋاقتى ۋە ئورنى ئېنىق ئەمەس)
Seyyare teminligen

خۇرسەن ھەسەن ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئاۋاز ئارتىسى ۋە يېقىنقى يىللاردا ئىشلىگەن ئۇيغۇر تىلىدىكى قىسقا فىلىملىرى بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى سەنئەت ساھەسىدە تونۇلغان. ئەمما خۇرسەن ھەسەنمۇ نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر سەرخىللىرىغا ئوخشاش ئاۋۋال تۇتقۇن قىلىنپ لاگېرغا قامىلىش، كېيىن جازا ھۆكۈم قىلىنىپ، 15 يىللىق تۈرمىگە قامىلىش قىسمىتىگە ئۇچرىغان.

مەزكۇر خەۋەر خۇرسەن ھەسەننىڭ ئامېرىكادىكى سىڭلىسى سەييارە ئەركىن ھەسەنننىڭ گۇۋاھلىقىدا ئۆتكەن ھەپتە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئاشكارىلاندى.

2016-يىلدىن بۇيان ئامېرىكانىڭ ۋىرگىنىيە شتاتىدا ياشاۋاتقان سەييارە خانىم، 15-سېنتەبىر رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.

سەييارە خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2017-يىلى يىل ئاخىرىدىن بۇيان ئۇنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئانىسى قاتارلىق تۇغقانلىرى بىلەن بولغان ئۇچۇر ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان. 2019-يىلىنىڭ ئاخىرى ئۇنىڭ ئۆيىدىكىلەر بىلەن ئالاقىسى ئەسلىگەن كەلگەندىن كېيىن، ئۇ دەسلەپتە ئاكىسى خۇرسەن ھەسەنننىڭ 2018-يىلى12-ئاينىڭ بېشىدا ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ رايونىدىكى ئۆيىدىن تۇيۇقسىز تۇتقۇن قىلىنىپ، لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەنلىك خەۋىرىنى ئالغان.

سەييارەنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەينى چاغدا ئۈرۈمچىدىكى ئاپىسى تېلېفون ئارقىلىق ئۇنىڭغا 2018-يىلى ئاكىسى خۇرسەن ھەسەننىڭ 12-ئاينىڭ 6-كۈنى لاگېرغا ئېلىپ كېتىلىپ بىر ھەپتىدىن كېيىن، تۇيۇقسىز قوزغالغان تۇتقاقلىق كېسىلى سەۋەبلىك ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 1-دوختۇرخانىغا قۇتقۇزۇشقا ئېلىپ كېلىنگەنلىك خەۋىرىنى ئالغانلىقىنى، ئەمما خۇرسەن ھەسەن داۋالىنىۋاتقان مەزگىلدە قايتىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، باشقا بىر لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر يوقلۇقىنى ئېيتقان.

سەييارەنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئاكىسىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىپ سۈرۈشتۈرۈش قارارىغا كەلگەن. ئەمما ئۈرۈمچىدىكى ئاپىسى ۋە باشقا تۇغقانلىرى گۇناھسىز ئاكىسىنىڭ پات ئارىدا قويۇپ بېرىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئۇنى ئەھۋالنى ئاشكارىلاشتىن توسقان.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون رەئىسى شۆھرەت زاكىرمۇ 2019-يىلى يىل ئاخىرى «لاگېردىكىلەرنىڭ 90% ئوقۇش تۈگەتتى» دېگەن باياناتنى بەرگەن. سەييارە ۋە ئۇنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئاپىسى ۋە قېرىنداشلىرى ئىككى يىلدىن بۇيان ئىز-دېرىكى بولمىغان خۇرسەن ھەسەننىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى كۈتكەن. ئەمما 2020-يىلى 5-سېنتەبىر كۈنى خۇرسەن ھەسەننىڭ ئۈرۈمچىدىكى قېرىنداشلىرىغا ئۇنىڭ «دۆلەتنى پارچىلاش جىنايىتى» بىلەن ئون بەش يىل كېسىلگەنلىك خەۋىرى تېلېفون، ئارقىلىق تۇيۇقسىز ئۇقتۇرۇلغان.

سەييارەنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ ئاكىسى خۇرسەن ھەسەن خىتاي ھۆكۈمىتى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرگەن، ئۆز خىزمىتى ۋە كەسپىگە سادىق زىيالىي. شۇڭا دائىرىلەرنىڭ ئۇنىڭغا «دۆلەتنى پارچىلاش» دېگەن جىنايەتنى ئارتىپ، ئۇنى 15 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىشىنى ئەسلا قوبۇل قىلغىلى بولمايدىكەن.

سەييارە تەمىنلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل 50 ياشقا كىرگەن خۇرسەن ھەسەن 1970-يىلى تۇغۇلغان. ئۇ 1988-يىلى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5-ئوتتۇرا مەكتەپنى تۈگەتكەندىن كېيىن، «شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى» نىڭ خىتاي تىلى كەسپىدە ئوقۇغان. 1993-يىلدىن باشلاپ، ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ تەرجىمە فىلىملار مەركىزىدە ئاۋاز ئارتىسى بولۇپ ئىشلىگەن.

خۇرسەن ھەسەننىڭ ئەھۋالىنى يېقىندىن بىلىدىغان تونۇشلىرىدىن ھازىر ئامېرىكانىڭ ۋىرجىنىيە شتاتىدا ياشايدىغان مەدىناي باۋۇدۇن خانىممۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.

مەدىناي باۋۇدۇن خانىمنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، ئۇ تۈركىيەگە ئوقۇشقا چىقىشتىن ئىلگىرى، يەنى 1993-يىلدىن 2000-يىللارغىچە، خۇرسەن ھەسەن بىلەن ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا 7 يىل خىزمەتداش بولۇپ ئىشلىگەن ئىكەن.

مەدىناي خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى «دۆلەتنى پارچىلاش» تەك تۆھمەت بىلەن 15 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلغان خۇرسەن ھەسەن ئەينى چاغدىلا ئۆزىنىڭ خىزمەتتىكى تىرىشچانلىقى، كەسىپكە پۇختىلىقى ۋە ئەستايىدىللىقى بىلەن ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا كۆزگە كۆرۈنگەن خىزمەتچى، ئۇيغۇرلار ياخشى كۆرىدىغان ئاۋاز ئارتىسلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان.

مەلۇم بولۇشىچە، خۇرسەن ھەسەن ئاۋاز بەرگەن تەرجىمە فىلىملىرىدىن «بېيجىڭلىقلار نيۇ-يوركتا»، «بولۇمسىز يىگىت»، «رازۋېدچىك ستېل»، «شىمىن ئاخبارات پونكىتى»، «جىنايەتكە تولغان چىكاگو»، «سەددىچىن قەلبىمدە»، «ئالاھىدە ھەرىكەت گۇرۇپپىسى» قاتارلىق كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تەرجىمە فىلىملىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن. خۇرسەن ھەسەن يېقىنقى يىللاردا «شىنجاڭ مەدەنىيەت كۆزنىكى فىلىم مەركىزى» نامىدا شەخسى شىركەت قۇرغان. ئۇ بۇ مەزگىلدە نادىر كىنو فىلىملىرىنى تەرجىمە قىلىپ ئۇيغۇرلارغا تونۇشتۇرۇش بىلەن بىرلىكتە يەنە ئۆزى رېژىسسورلۇق قىلىپ بىر قىسىم قىسقا كىنو فىلىملەرنىمۇ ئىشلىگەن.

سەييارە خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ 2015-يىلى ئۈرۈمچىدىن ئايرىلىپ چەتئەلگە چىقىپ كەتكەندىن كېيىنمۇ، ئاكىسى خۇرسەن ھەسەن ئۈندىدار تورىدا يوللىغان ئۇچۇرلىرى ئارقىلىق، ئاكىسىنىڭ ئىجتىمائىي پائالىيەتلىرى ۋە ئۇ ئىشلىگەن فىلىملىرىدىن خەۋەردار بولۇپ تۇرغان.

خۇرسەن ھەسەن يوللىغان ئۈندىدار سالونىدىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدا تۇتقۇن باشلانغان دەسلەپكى مەزگىللەردىمۇ خۇرسەن ھەسەن رېژىسسورلۇق قىلغان قىسقا مىكرو فىلىملەر ئۇيغۇر رايونىدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقىلىپ تۇرغان.

مەلۇم بولۇشىچە، خۇرسەن ھەسەننىڭ رېژىسسورلۇقىدا ئىشلەنگەن قىسقا فىلىملەردىن «كېلىن»، «ئىلھامنىڭ قۇدرىتى» قاتارلىق فىلىملەر 2017-يىلى 12-ئايدا «ئانا دىيار» تورىدا تارقىتىلىپ ياخشى باھاغا ئېرىشكەن. 2018-يىلى خۇرسەن ھەسەن «شىنجاڭ كىنوچىلىق جەمئىيىتى» نىڭ ئەزالىقىغا قوبۇل قىلىنغان. 2018-يىلى 7-ئاي مەزگىلىدە ئۇ خىتاي ئەدەبىيات-سەنەتچىلەر بىرلەشمىسى، خىتاي كىنوچىلار بىرلەشمىسى قاتارلىق ئورۇنلار ئۇيۇشتۇرغان «خىتاي مەملىكەتلىك كىنوچىلىق ساھەسىدىكى ئىختىساسلىقلارنى تەربىيىلەش كۇرسى» دا ئوقۇش ئۈچۈن جىلىن ئۆلكىسىدىكى چاڭچۈن كىنو ئىستۇدىيەسىگە ئەۋەتىلىپ، 21-ئىيۇلدىن 27-ئىيۇلغىچە مەزكۇر كۇرستا ئوقۇغان. 2018-يىلى 10-ئايدا خۇرسەن ھەسەن يەنە مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەر تەرىپىدىن بىرقانچە قېتىم خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئېچىلغان كىنوچىلىق ساھەسىدىكى كەسپىي يىغىنلار ۋە تەربىيىلەش كۇرسلىرىغا ئەۋەتىلگەن.

سەييارە خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئۆزى تەربىيەلىگەن، كەسىپتە ئۇتۇق قازانغان گۇناھسىز ئاكىسى خۇرسەن ھەسەننىمۇ ئاياپ قويمىغان.

سەييارە خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، خۇرسەن ھەسەن تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ھەققىدىكى ئۇچۇرلار خىتايدىكى ئۇچۇر مەنبەلىرىدىن ئۆچۈرۈلگەن. ئۇنىڭغىمۇ لاگېرغا قامالغان مىليونلىغان ئۇيغۇرغا ئوخشاشلا ئۆزىدە ئەزەلدىن بولمىغان جىنايەتلەر ئارتىلغان. ھەتتا لاگېر ئىچىدىلا ئۇنىڭغا 15 يىللىق قاماق ھۆكۈم قىلىنغان. بىر ئۆمۈر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇنىغا بويسۇنۇپ ياشىغان خۇرسەن ھەسەنمۇ ئاخىرقى ھېسابتا ئادالەتسىزلەرچە زەربە بېرىش ئوبيېكتىغا ئايلانغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ بىرى بولۇشتەك قىسمەتتىن قۇتۇلالمىغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.