مۇھاجىرەتتىكى پېشقەدەملەر ئاغزىدىن - خۇرشىدە ھەسەن خانىمدىن بىر ھېكايە (1)

0:00 / 0:00

ئامېرىكانىڭ ۋىرجىنىيە شىتاتىدا تۇرۇشلۇق 70 ياشتىن ئاشقان خۇرشىدە ھەسەن خانىم ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 60- ۋە 70-يىللىرىدىكى «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» نى، 1997-يىلى يۈز بەرگەن «5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى» نى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن، شۇنداقلا نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا شاھىت بولۇۋاتقان مۇھاجىرەتتىكى ساناقلىق ئۇيغۇرلارنىڭ بىرىدۇر. ئۇ نۆۋەتتە ئۈچ بالىسى ۋە نەۋرىلىرى بىلەن ئامېرىكادا ياشىماقتا.

خۇرشىدە خانىمنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن ئۆيىگە بارغىنىمىزدا، ئۇ گۈللۈك ياغلىقىنى كېلىشتۈرۈپ ئارقىسىدىن چەككەن، ئۇزۇن كۆينىكىنىڭ ئالدىغا گۈللۈك پەرتۇق تاقىغان ھالدا ئالدىمىزغا چىقتى. خۇرشىدە خانىمنىڭ ئۆيىگە كىرگىنىمىزدە، مۇھاجىرەتتىكى ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ ئۆيىگە ئوخشاشلا ئۈستەلگە تىزىلغان نان ۋە تاتلىق تۇرۇملارنى كۆردۇق، شۇنداقلا قازانغا دۈملەنگەن ئۇيغۇر پولۇسىنىڭ مەززىلىك ھىدىنى پۇرىدۇق. مېھمانخانا ئۆينىڭ تېمىغا مەشھۇر رەسسام غازى ئەھمەتنىڭ «ئون ئىككى مۇقام» ناملىق رەسىمىنىڭ گىلەمگە چۈشۈرۈلگەن نۇسخىسى ئېسىقلىق تۇراتتى. قىسقىسى، خۇرشىدە خانىمنىڭ ئۆيىنىڭ ھەر بىر بۇلۇڭىدىن ۋەتەنگە بولغان سېغىنىشنىڭ كۈچلۈك سېغىنىشنىڭ ئىپادىلىرىنى كۆرگىلى بولاتتى.

خۇرشىدە خانىم كۆز ياشلىرىنى سۈرتكەن ھالدا ئۆزىنىڭ 70 يىلدىن بۇيانقى ھايات ھېكايىسى بىلەن بېشىدىن ئۆتكۈزگەن كەچمىشلىرىنى ئاڭلىتىشقا باشلىدى. . .

پروگراممىنىڭ تەپسىلاتىنى يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىز.