دولقۇن ئەيسانىڭ ئاقسۇدىكى ئاكىسى يالقۇن ئەيسانىڭ 20 يىللىق كېسىلگەنلىكى ئاشكارىلاندى

0:00 / 0:00

ئاقسۇ مائارىپ ئىنستىتۇتىدىكى تۇتقۇنلار ھەققىدە يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرىمىز جەريانىدا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ ئاقسۇدىكى ئاكىسى يالقۇن ئەيسانىڭ 20 يىللىق كېسىۋېتىلگەنلىكى ئاشكارىلاندى. مەكتەپ ساقچىلىرىنىڭ پاش قىلىشىچە، يالقۇن ئەيسا چەت ئەلگە تېلېفون قىلغانلىقى ئۈچۈن تۇتۇلغان ۋە ئەتراپىدىكىلەرنى «تېررورلۇق» قا قۇتراتقانلىقى ئۈچۈن كېسىلگەن.

ئاقسۇ ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار مۇھاجىرەتتىكى كىشىلەردىن بىرى ئاقسۇ مائارىپ ئىنستىتۇتىدىكى تۇتقۇنلار ھەققىدە بەرگەن مەلۇماتىدا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ مەزكۇر مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى ئاكىسى يالقۇن ئەيسانىڭمۇ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى توغرىسىدا يىپ ئۇچى بەرگەن ئىدى.

ئاقسۇ شەھەرلىك دۆلەت ئامانلىق ساقچى ئەترىتىنىڭ بىر سىياسىي يېتەكچىسى يالقۇن ئەيسانىڭ دېلوسىنى ئۆزى تۇتمىغانلىقى ۋە ئۇنى جىنايى ئىشلار رازۋېدكا بۆلۈمىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەنلىكىنى تىلغا ئالدى. مەلۇم بولۇشىچە، يالقۇن ئەيسا، 1984‏-يىلى «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى» نىڭ ماتېماتىكا فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىنستىتۇتىدا ئىشقا چۈشكەن. دولقۇن ئەيسانىڭ دېيىشىچە، 2017‏-يىلىدىن كېيىن، ئۇنىڭ ئاكىسى بىلەن ئالاقىسى كېسىلگەن. ئۇنىڭ ئالدىدا دادىسىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ھەققىدە ئۇنىڭ بىلەن بىرنەچچە قېتىم سۆزلەشكەن. 2019‏-يىلى ئاكىسىنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى ۋە 20 يىللىق كېسىلگەنلىكى ھەققىدە جەمئىيەتتىن غەيرىي-رەسمىي ئۇچۇر ئالغان.

ئاقسۇدىن تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان، ئەمما ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ساقچى خادىمىنىڭ دېيىشىچە، 2017‏-يىلدىكى چوڭ تۇتقۇندا، يالقۇن ئەيسانىڭ تېلېفون ئالاقە خاتىرىسىدىن چەت ئەل بىلەن سۆزلەشكەنلىكى بايقالغانلىقى ئۈچۈن، شۇ يىلنىڭ ئاخىرى تۇتقۇن قىلىنغان. بىر ئايچە داۋام قىلغان سوراق جەريانىدا، ئۇنىڭ ئىنىسى دولقۇن بىلەن سۆزلەشكەندە ئاقسۇدا تەشكىلات قۇرۇش ۋە «تېررورلۇق» ئېلىپ بېرىش ھەققىدە تەلىم ئالغانلىقىغا مەجبۇرىي ئىقرار قىلدۇرۇلغان.

ئۆتكەن ھەپتىدىكى ئېنىقلاشلىرىمىزدا مەزكۇر ئىنستىتۇتنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىش جەريانىغا مەكتەپ ساقچى خادىملىرىنىڭ ئاكتىپ ھەمكارلاشقانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى. بىز يۇقىرىقى ئۇچۇرلارنى دەلىللەش ئۈچۈن، مەزكۇر مەكتەپنىڭ ساقچى خادىملىرىغا تېلېفون قىلدۇق. ئالاقىدار ساقچى خادىملىرىدىن بىرى، يالقۇن ئەيسانىڭ تۇتۇلۇشى ھەققىدىكى يۇقىرىقى ئۇچۇرنىڭ توغرىلىقىنى دەلىللىدى. بۇ خادىم يەنە يالقۇن ئەيسا ھەققىدىكى ھۆكۈمنامىنى كۆرگەنلىكىنى تىلغا ئالدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ھۆكۈمنامىدە يالقۇن ئەيسا ئەتراپىدىكىلەرنى تەشكىلات قۇرۇشقا ۋە «تېررورلۇق» قىلىشقا قۇتراتقانلىقى ئۈچۈن، 20 يىللىق كېسىلگەنلىكى قەيت قىلىنغان.

نورۋېگىيەدىكى پائالىيەتچى ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ دېيىشىچە، يالقۇن ئەيسا ئەسلىدە ئىنىسىنىڭ سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈشى سەۋەبلىك جەمئىيەتتە كىشىلەر بىلەن ئالاقە قىلغاندا ئالاھىدە ئېھتىياتچان بولغان. ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ساقچى خادىمىنىڭ دېيىشىچىمۇ يالقۇن ئەيسانىڭ ئىككى ئوقۇغۇچىسى بىلەن خەلقئارا ۋەزىيەت ھەققىدە قىلىشقان ئادەتتىكى پاراڭلىرى سوتلىنىش جەريانىدا بۇرمىلىنىپ «قۇتراتقۇلۇق» دەپ خاتىرىلەنگەن. مەكتەپ ساقچىخانىسىنىڭ يەنە بىر خادىمى يالقۇن ئەيسانىڭ شىنجاڭ ئونىۋېرستېتىىدا بىللە ئوقۇغان ئىككى ساۋاقدىشى بىلەن بىرلىكتە سوتلانغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئەمما ئۇ ئىككى ساۋاقدىشىنىڭ كىملىكلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى. خادىملارنىڭ يەنە دېيىشىچە، يالقۇن ئەيسا نۆۋەتتە ئۈرۈمچى 1‏-تۈرمىدە جازا ئۆتىمەكتە ئىكەن.

ئىككى يىلنىڭ ئالدىدىكى ئېنىقلاشلىرىمىزدا، دولقۇن ئەيسانىڭ ئىنىسى خۇشتار ئەيسانىڭ مۇددەتسىز كېسىلگەنلىكى، ئۇنىڭ ئالدىدا ئانىسى ئايخان مەمەتنىڭ لاگېردا جان ئۈزگەنلىكى ئاشكارىلانغان ئىدى.