ياپونىيەدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلارنى تاقاش ۋە ئىلھام توختىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن

ئەنقەرەدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم تەييارلىدى
2024.09.24
ilham-toxti-yaponiye-paaliyet-01 ئىلھام توختىنىڭ مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنىڭ 10 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ياپونىيە پايتەختى توكيودا ئۆتكۈزۈلگەن مەخسۇس يىغىندىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 23-سېنتەبىر، توكيو
RFA/Erkin Tarim

23-سېنتەبىر كۈنى ياپونىيە پايتەختى توكيودا ئىلھام توختىنىڭ مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنىڭ 10 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن مەخسۇس يىغىن ئۆتكۈزۈلگەن. مەزكۇر يىغىندا ئالدى بىلەن ئىلھام توختىنىڭ ئامېرىكادىكى قىزى جەۋھەر ئىلھام ۋىدىيو ئارقىلىق سۆزلەپ ئەۋەتكەن سىنلىق نۇتۇقى ئاڭلاپ ئۆتۈلگەن، ئاندىن ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەخمەت لېتىپ ئەپەندى بىلەن خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ياپونىيە شۆبىسىنىڭ مەسئۇلى كىتايى كېتارو ئەپەندىلەر سۆز قىلغان. ئۇلار بىردەك ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلارنىڭ دەرھال تاقىلىشى ۋە ئىلھام توختىنىڭ شەرتسىز قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغان.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بىلەن ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئورتاق ئۇيۇشتۇرغان بۇ يىغىن نەق مەيدان ۋە توردىن قاتنىشىش شەكلىدە ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، بۇ يىغىنغا توكيودىكى كانادا ئەلچىخانىسىنىڭ خادىملىرى، ياپونىيە يەرلىك پارلامېنتلىرىنىڭ ئەزالىرى ۋە مۇخبىرلاردىن بولۇپ، 60 تىن كۆپ كىشى ئىشتىراك قىلغان.

ئىلھام توختىنىڭ مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنىڭ 10 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ياپونىيە پايتەختى توكيودا ئۆتكۈزۈلگەن مەخسۇس يىغىندىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 23-سېنتەبىر، توكيو
ئىلھام توختىنىڭ مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنىڭ 10 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ياپونىيە پايتەختى توكيودا ئۆتكۈزۈلگەن مەخسۇس يىغىندىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 23-سېنتەبىر، توكيو
RFA/Erkin Tarim

ئەخمەت لېتىپ ئەپەندى بىلەن ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئىدارە ھەيئەت ئەزاسى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياپونىيەدىكى ۋەكىلى ساۋۇتجان مەمەت ئەپەندى يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ يىغىندا ئاساسلىقى ئىلھام توختى دېلوسى تېما قىلىنىپ، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ تونۇشتۇرۇلغانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

ئەخمەت لېتىپ ئەپەندى يىغىن توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «ئىككى سائەت داۋاملاشقان بۇ يىغىندا ئالدى بىلەن ئىلھام توختىنىڭ قىزى جەۋھەر يوللىغان ۋىدىيولۇق نۇتۇق ۋە ئۇنىڭ ياپونچە تەرجىمىسى كىرىشتۈرۈلگەن سىن نۇسخىسى يىغىن ئەھلىگە قويۇپ بېرىلدى.»

ئىلھام توختىنىڭ مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنىڭ 10 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ياپونىيە پايتەختى توكيودا ئۆتكۈزۈلگەن مەخسۇس يىغىندا ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەخمەت لېتىپ سۆزلەۋاتىدۇ. 2024-يىلى 23-سېنتەبىر، توكيو
ئىلھام توختىنىڭ مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنىڭ 10 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ياپونىيە پايتەختى توكيودا ئۆتكۈزۈلگەن مەخسۇس يىغىندا ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەخمەت لېتىپ سۆزلەۋاتىدۇ. 2024-يىلى 23-سېنتەبىر، توكيو
RFA/Erkin Tarim

ئەخمەت لېتىپ ئەپەندى يەنە مۇنداق دېدى: «كېيىن جەمئىيىتىمىز تەرىپىدىن ئىلھام توختىنىڭ كىملىكى، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلغانلىقى، شۇنداقلا خىتاينىڭ كۆزىگە مىخ بولۇپ قادىلىپ، ئاخىرىدا قانداق بولۇپ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى چۈشەندۈرۈپ ئۆتۈلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بىز يەنە ئۇنىڭ دېلوسىغا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قانداق ئىنكاسلاردا بولۇپ كېلىۋاتقانلىقى توغرىلىق مەلۇمات بەردۇق.»

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ياپونىيە شۆبىسىنىڭ مەسئۇلى كىتايى كېتارو ئەپەندى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا تەييارلىغان دوكلاتىنى ئاساس قىلغان ھالدا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى توغرىسىدا قىسقىچە سۆز قىلغان. ئەخمەت لېتىپ ئەپەندى، كىتايى كېتارو ئەپەندىنىڭ خىتاينىڭ ئىلھام توختىنى مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىشىنىڭ خەلقئارا قانۇنغا ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسىگە خىلاپ ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

تونۇلغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتى ئاستىدىكى ئېچىنىشلىق ۋەزىيىتىنى دۇنياغا ئاشكارىلاپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەقلىرىنى تەلەپ قىلغانلىقى ئۈچۈن، 2014-يىلى 1-ئايدا بېيجىڭدىكى ئۆيىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن. شۇ يىلى 9-ئاينىڭ 23-كۈنى ئۈرۈمچى ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. ئىلھام توختىنىڭ ناھەق تۇتقۇن قىلىنىپ، ئېغىر جازا بىلەن تۈرمىدە يېتىۋاتقىنىغا بۇ يىل دەل 10 يىل بولدى. ئىلھام توختى تۇتقۇن قىلىنىشنىڭ ئالدىدا ۋە تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن ئۇنىڭ بېيجىڭدىكى ئۆيىگە بېرىپ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشكەن ساۋۇتجان مەمەت ئەپەندى ئۆزىنىڭ 10 يىل بۇرۇنقى ئەسلىمىلىرىنى ئاڭلىتىپ ئۆتتى.

ئىلھام توختىنىڭ مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنىڭ 10 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ياپونىيە پايتەختى توكيودا ئۆتكۈزۈلگەن مەخسۇس يىغىندا خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ياپونىيە شۆبىسىنىڭ مەسئۇلى كىتايى كېتارو (ئوڭدىن بىرىنچى كىشى) ۋە ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەخمەت لېتىپ سۆزلىدى. 2024-يىلى 23-سېنتەبىر، توكيو
ئىلھام توختىنىڭ مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنىڭ 10 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ياپونىيە پايتەختى توكيودا ئۆتكۈزۈلگەن مەخسۇس يىغىندا خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ياپونىيە شۆبىسىنىڭ مەسئۇلى كىتايى كېتارو (ئوڭدىن بىرىنچى كىشى) ۋە ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەخمەت لېتىپ سۆزلىدى. 2024-يىلى 23-سېنتەبىر، توكيو
RFA/Erkin Tarim

مەمەتجان ساۋۇتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ياپونىيە شۆبىسى نارا دېگەن جايدا ئىلھام توختىنى قۇتۇلدۇرۇش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، «خىتاي ئىلھام توختىنى شەرتسىز قويۇپ بەرسۇن» دېگەن تېمىدا ئىمزا توپلاش پائالىيىتى قانات يايدۇرغان ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.