ياپونىيەدە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا تۇنجى قېتىم ئۇنىۋېرسال رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىلدى

0:00 / 0:00

ياپونىيەنىڭ كاناگاۋا ئۆلكىسىنىڭ زىشى شەھەرلىك مەدەنىيەت مەركىزى بىناسىدا تۇنجى قېتىم ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ئۇنىۋېرسال رەسىم كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلگەن.

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى بىلەن زىشى شەھىرى يەرلىك پارلامېنت ئەزالىرى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان مەزكۇر رەسىم كۆرگەزمىسى 12-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن 13-كۈنىگىچە ئۈچ كۈن داۋاملاشقان بولۇپ، كۆرگەزمىگە ئۇيغۇر تارىخى، مەدەنىيىتى، يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى بايلىقلىرى، ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن كۆپ ساندا رەسىم ۋە سۈرەتلەر قويۇلغان.

ياپونىيەنىڭ كاناگاۋا ئۆلكىسىنىڭ زىشى شەھەرلىك مەدەنىيەت مەركىزى بىناسىدا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ئېچىلغان تۇنجى قېتىم ئۇنىۋېرسال رەسىم كۆرگەزمىسىدىن كۆرۈنۈش. 2020-يىلى 11-دېكابىر.

بىز نەق مەيدانغا تېلېفون قىلىپ، ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى مۇئاۋىن رەئىسى ئەخمەت لېتىپ ئەپەندى ۋە ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ باشقۇرۇش ھەيئىتى ئەزاسى خالمەت روزاخۇن ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدۇق.

ئەخمەت لېتىپ ئەپەندى بۇنىڭ ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئۆتكۈزگەن تۇنجى قېتىملىق رەسىم كۆرگەزمىسى ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ياپونىيە جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىشنى كۆپ خىللاشتۇرۇش ئۈچۈن بۇنداق بىر پائالىيەت ئۇيۇشتۇرغانلىقىنى ئېيتتى.

ئەخمەت لېتىپ ئەپەندى بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىدە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، جۇغراپىيەسى، بايلىق مەنبەلىرى ۋە تالان-تاراج قىلىنىش ئەھۋالى، يېقىنقى زامان تارىخىدا ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن پاجىئەلەر ۋە خىتاينىڭ بۈگۈن ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىنسان قېلىپىدىن چىققان سىياسەتلىرىنىڭ جانلىق ھالدا تونۇشتۇرۇلغانلىقىنى بايان قىلدى.

مەلۇم بولۇشىچە، ياپونىيەنىڭ زىشى شەھىرى توكيوغا يېقىن بىر شەھەر بولۇپ، كورونا ۋىرۇسىغا قارشى تەدبىرلەر داۋاملىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە 3 كۈن داۋاملاشقان بۇ كۆرگەزمىنى كۆپ ساندا كىشى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ تەپسىلىي كۆرگەن. ئۇلار سۈرەتلەر ۋە رەسىملەرنى كۆرگەندىن كېيىنكى ئۆزلىرىنىڭ بىۋاسىتە ھېس-تۇيغۇلىرىنى بايان قىلىشقان. ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ باشقۇرۇش ھەيئەت ئەزاسى خالمەت روزاخۇن ئەپەندى كىشىلەرنىڭ كۆرگەزمىنى كۆرۈپ بەكلا تەسىرلەنگەنلىكىنى، ھەر خىل سوئاللارنى سورىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغانلىقىنى ئىپادىلەشكەنلىكىنى بايان قىلدى.

مەلۇم بولۇشىچە ياپونىيەدە چوڭ-كىچىك ھەممە كىشى قىزىقىدىغان، ھەمدە دۇنياغا ئەڭ زور تەسىر كۆرسەتكەن مەدەنىيەتلەردىن بىرى كارتون مەدەنىيىتى ئىكەن. ئەخمەت لېتىپ ئەپەندى ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ياپونىيەنىڭ كارتون مەدەنىيىتىدىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇر دەۋاسىنى تەسىرلىك قىلىپ ئاڭلىتىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى، بۇ كۆرگەزمىدىمۇ بۇ ۋاسىتىدىن ئاكتىپ پايدىلانغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئەخمەت لېتىپ ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، جازا لاگېرى شاھىتى مېھرىگۈل تۇرسۇننىڭ سەرگۈزەشتلىرى ئاساسىدا يېزىلغان كارتون كىتابى يېقىندا ياپونىيەدە نەشر قىلىنغان. ئۇ، بىرىنچى قېتىم بېسىلغىنى قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە تۈگەپ، يېقىندا ئىككىنچى قېتىم نەشر قىلىنىدىغانلىقىنى، ياپونىيەدىكى بارلىق باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ كۇتۇپخانىلىرىغا تارقىتىپ بېرىشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى مەسئۇللىرىنىڭ ئېيتىشىچە بۇ كۆرگەزمە ياپونىيەنىڭ باشقا رايون ۋە شەھەرلىرىدىمۇ ئۆتكۈزۈلىدىكەن.