ياپونىيە پارلامېنتى «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» تاشقى ئىشلار مىنىستىرىغا تايلاندتىكى ئۇيغۇرلار توغرىسىدا تەلەپ مەكتۇپى سۇنغان

ئەنقەرەدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم تەييارلىدى
2025.02.03
yaponiye-dostluq-01 ياپونىيە پارلامېنتى «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» نىڭ رەئىسى كېئىجى فۈرۇيا (Keiji Furuya) ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تاكەشى ئىۋايا (Takeshi İwaya) غا مەكتۇپ سۇنماقتا. 2025-يىلى يانۋار، توكيو
RFA/Erkin Tarim

1-ئاينىڭ 30-كۈنى ياپونىيە پارلامېنتى «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» نىڭ رەئىسى كېئىجى فۈرۇيا (Keiji Furuya)، مۇئاۋىن رەئىسى ئەرىكو ياماتانى (Eriko Yamatani)، باش كاتىپى سەئىئىچى ئەتو (Seiichi Eto) ۋە رىنتارو ئىشىباشى (Rintaro İshibashi) قاتارلىق كىشىلەردىن تەركىب تاپقان ھەيئەت ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تاكەشى ئىۋايا (Takeshi İwaya) بىلەن كۆرۈشۈپ، تايلاند تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 48 نەپەر ئۇيغۇرنى قۇتقۇزۇش توغرىسىدا تەلەپ خېتى سۇنغان.

ياپونىيە پارلامېنتى «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» 30-يانۋار كۈنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، تاشقى ئىشلار مىنىستىرىغا سۇنۇلغان مەزكۇر خەتتە ئۈچ تەلەپنىڭ ئوتتۇرىغا قويغانلىقى يېزىلغان. بۇلار: «1. دۆلىتىمىز بۇ مەسىلىدە يالغۇز ئۇچۇر توپلاش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، تايلاند ھۆكۈمىتىگە قارىتا خىتاينىڭ بېسىمىغا تىز پۈكۈپ ئۇيغۇرلارنى ئۆتكۈزۈپ بەرمەسلىكى كېرەكلىكى توغرىسىدا ئېنىق ۋە كۈچلۈك ھەرىكەت قوللانسۇن.

2. دۆلىتىمىز بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارا ئورگانلار ۋە ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىش مۇمكىنچىلىكى بار دۆلەتلەر، ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ، بۇ ئۇيغۇرلارنى قويۇپ بېرىش، ئولتۇراقلاشتۇرۇش، ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە يۆتكەش قاتارلىق ئىشلاردا ئاكتىپ ياردەم قىلىپ، ھەم بۇنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ، بۇ ئۇيغۇرلارنى قوغدىسۇن.

3. خىتاينىڭ چەت ئەللەرگىچە ئۇزارغان زۇلۇمى توغرىسىدا ئۇچۇر توپلاشنى كۈچەيتىپ، بۇنى توسۇش ئۈچۈن كۈچلۈك تەدبىر ئالسۇن.»

ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى ياپون تاشقى ئىشلار مىنىستىرىغا تەلەپ مەكتۇپى سۇندى. 2025-يىلى يانۋار، توكيو
ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى ياپون تاشقى ئىشلار مىنىستىرىغا تەلەپ مەكتۇپى سۇندى. 2025-يىلى يانۋار، توكيو
RFA/Erkin Tarim

 ياپونىيە پارلامېنتى «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» ھەيئىتى ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تاكەشى ئىۋايا ئەپەندى بىلەن مەخسۇس كۆرۈشۈپ، تەلەپ خېتى سۇنۇشتىن بۇرۇن، ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى بۇ توغرىلىق بايانات ئېلان قىلغان. بۇ باياناتتا ياپونىيە ھۆكۈمىتى، پارلامېنتى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ تايلاند تۈرمىلىرىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 48 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇشىنى توسۇش ۋە ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە كېتىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى تەلەپ قىلىنغان. بۇ بايانات ياپونىيە مەتبۇئاتلىرىدىمۇ ئېلان قىلىنغان. ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى رەئىسى ئەخمەت لېتىپ ئەپەندى بۇ ھەقتە بىزگە مەلۇمات بەردى.

تايلاندتىكى 48 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپى مەسىلىسى چىققاندىن كېيىن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە باشقا بىر قىسىم ئۇيغۇر ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى مەسئۇللىرى ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئامېرىكا، گېرمانىيە، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەت خادىملىرى ۋە پارلامېنت ئەزالىرى شۇنداقلا خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن كۆرۈشكەنىدى. ئامېرىكانىڭ بەزى دۆلەت مەجلىس ئەزالىرى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىنكاس قايتۇرۇپ، تايلاندنى بۇ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرماسلىققا چاقىرغان ئىدى.

ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى روشەن ئابباس ياپون پارلامېنتىدا تايلاندتىكى 48 ئۇيغۇرنىڭ مەسىلىسى ھەققىدە سۆزلەۋاتىدۇ. 2025-يىلى 21-يانۋار، توكيو
ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى روشەن ئابباس ياپون پارلامېنتىدا تايلاندتىكى 48 ئۇيغۇرنىڭ مەسىلىسى ھەققىدە سۆزلەۋاتىدۇ. 2025-يىلى 21-يانۋار، توكيو
RFA/Erkin Tarim

21-يانۋار كۈنى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى روشەن ئابباس ۋە ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى رەئىسى ئەخمەت لېتىپ باشچىلىقىدىكى بىر ھەيئەت ياپونىيە پارلامېنتى «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» نىڭ رەئىسى كېئىجى فۈرۇيا ۋە گۇرۇپپا ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، 11 يىلدىن بۇيان تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 48 نەپەر ئۇيغۇرغا ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىگە چىقىشىنى تەلەپ قىلىپ، مەكتۇپ سۇنغان. بۇ تەلەپ خېتىگە ئاساسەن ئۇلار ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، بۇ ھەقتە سۆزلەشكەن. ئەخمەت لېتىپ ئەپەندى بۇ ھەقتە بىزگە مەلۇمات بەردى.

ئۇنداقتا ياپونىيەنىڭ تايلاند ھۆكۈمىتىگە گېپى ئۆتەرمۇ؟ ئەنگلىيەدىكى شېففىلد ھاللام ئۇنىۋېرسىتېتىدا خىتاي تەتقىقاتى ساھەسىدە تەتقىقاتچى بولۇپ ئىشلەۋاتقان، دوكتور مەۋلان تەڭرىقۇت ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ياپونىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىدە، بولۇپمۇ تايلاندتا تەسىر كۈچىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى، ياپونىيە ھۆكۈمىتى تايلاند ھۆكۈمىتى بىلەن بۇ مەسىلىنى سۆزلەشسە 48 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە كېتىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

17-يانۋاردا شىۋېتسىيە، گېرمانىيە، نورۋېگىيە، ئەنگلىيە، تۈركىيە، ياپونىيە، كانادا، ئامېرىكا ۋە ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلار، ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەردىكى تايلاند ئەلچىخانىلىرى ئالدىدا نامايىشلارنى ئېلىپ بېرىپ، مەتبۇئات باياناتلىرىنى ئوقۇپ تايلاند ھۆكۈمىتىنى خەلقئارا قانۇنلارغا ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسىگە رىئايە قىلىپ، 48 نەپەر ئۇيغۇرنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرغانىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.