د ئۇ ق ھەيئىتى بىلەن ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى ياپونىيە پارلامېنتىدا ئۇچرىشىش ئېلىپ باردى

ئەنقەرەدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم تەييارلىدى
2025.02.20
duq-yaponiye-1 (سولدىن) ياپونىيە ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ باش كاتىپى زىنتارو يىشىباشى، مەزكۇر گۇرۇپپىنىڭ رەئىسى كېجى فۈرۇيا، د ئۇ ق نىڭ سابىق رەئىسى دولقۇن ئەيسا، ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەخمەت لېتىپ ۋە باشقۇرۇش ھەيئەت ئەزاسى ساۋۇتجان مەمەت ئەپەندىلەر ياپونىيە پارلامېنتىدا. 2025-يىلى 18-فېۋرال، توكيو.
RFA/Erkin Tarim

2021-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى، ياپونىيە پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا تۇنجى قېتىملىق قارار مۇتلەق كۆپ سانلىق پارلامېنت ئەزاسىنىڭ قوللىشى بىلەن رەسمىي ماقۇللۇقتىن ئۆتكەنىدى. «ئۇيغۇر قاتارلىقلارنىڭ ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى قارار» دەپ ئاتالغان مەزكۇر ھۆججەت، ياپونىيە پارلامېنتىدا خىتايغا مۇناسىۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق توغرىسىدىكى تۇنجى قېتىم ماقۇللانغان قارار ھېسابلىنىدىكەن. ياپونىيە پارلامېنتىدىكى ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى مەزكۇر قارارنىڭ ماقۇللۇقتىن ئۆتىشىگە زور كۈچ چىقارغان. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق رەئىسى دولقۇن ئەيسا، ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەخمەت لېتىپ ۋە باشقۇرۇش ھەيئەت ئەزاسى ساۋۇتجان مەمەت قاتارلىق كىشىلەر 18-فېۋرال كۈنى ياپونىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىش ئېلىپ بارغان.

مەزكۇر ھەيئەت ياپونىيە ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ رەئىسى كېجى فۈرۇيا ئەپەندى، ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ باش كاتىپى زىنتارو يىشىباشى ئەپەندىلەر بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇلارنىڭ ھازىرغىچە ئۇيغۇر دەۋاسىغا قوشقان تۆھپىسىگە رەھمەت ئېيتقاندىن سىرت ئۇيغۇرلار توغرىسىدا بەزى تەلەپلەرنىمۇ ئوتتۇرىغا قويغان. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئۇچرىشىش ئاخىرلاشقان ھامان تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن تەيۋەنگە ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتىمنىڭ ئالدىدا، ياپونىيەدە بىزگە ياردەم قىلىپ كېلىۋاتقان كىشىلەر ۋە ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىش ئۈچۈن كەلگەنىدىم. ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر دەۋاسىغا كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان ياپونىيە پارلامېنتى ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى بىلەنمۇ ئۇچراشتىم، مەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسلىكى ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان ۋاقىتلىرىمدا بولسۇن ياكى كېيىنكى ۋاقىتلاردا بولسۇن ئۇيغۇر دەۋاسىغا كۆڭۈل بۆلگەن پارلامېنت ئەزالىرىغا رەھمەت ئېيتىش ئۈچۈن بۇ زىيارەتتە بولدۇق. بۇ يەردىكى زىيارىتىمىز جەريانىدا تايلاندتىكى 48 قېرىندىشىمىزنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئۇنى قۇتقۇزۇپ قېلىش ئۈچۈن ياپونىيە دوستلۇق گۇرۇپپىسى قىلغان خىزمەتلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى، ئۇلارغا رەھمەتلىرىمىزنى بىلدۈردۇق. ئۇلار بۇ ھەقتە كۆپ خىزمەتلەرنى قىلدى. بىز ئۇلارنىڭ 2023-يىلى 10-ئايدا ‹خەلقئارا ئۇيغۇر مۇنبىرى› يىغىنىغا ساھىبخانىلىق قىلغانلىقى ئۈچۈنمۇ ئالاھىدە رەھمەت ئېيتتۇق. شۇنداقلا بوسنىيەدە چاقىرىلغان 8-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىمىز دۇچار بولغان قىيىنچىلىقلار توغرىسىدا مەلۇمات بەردۇق. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ دېموكراتىيەلىك يوللار بىلەن يېڭى رەھبەرلىرىنى سايلاپ چىققانلىقىنى دەپ يېڭى رەئىسىمىزنىڭ سالىمىنى يەتكۈزدۇق. ناھايىتى دوستانە قىزغىن ئۇچرىشىش بولدى. ئاخىرىدا بۇلارنىڭ دەۋايىمىزنى قوللاشنى داۋام قىلىشى توغرىسىدىكى ئارزۇ-تەلەپلىرىمىزنى ئوتتۇرىغا قويدۇق.»

(ئوڭدىن) ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەخمەت لېتىپ، د ئۇ ق نىڭ سابىق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ۋە ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ باشقۇرۇش ھەيئەت ئەزاسى ساۋۇتجان مەمەت ئەپەندىلەر ياپونىيە پارلامېنتىدا. 2025-يىلى 18-فېۋرال، توكيو.
(ئوڭدىن) ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەخمەت لېتىپ، د ئۇ ق نىڭ سابىق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ۋە ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ باشقۇرۇش ھەيئەت ئەزاسى ساۋۇتجان مەمەت ئەپەندىلەر ياپونىيە پارلامېنتىدا. 2025-يىلى 18-فېۋرال، توكيو.
RFA/Erkin Tarim

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى رەھبەرلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلارنىڭ بۇ قېتىمقى ياپونىيە پارلامېنتىنى زىيارىتىدىكى مەقسەت، ياپونىيە پارلامېنتىدىكى ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قىلغان خىزمەتلىرىگە رەھمەت ئېيتىش بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيىتىنى، ئۇيغۇر دەۋاسى نۆۋەتتە دۇچار بولۇۋاتقان قىيىنچىلىقلارنى ياپونىيە پارلامېنت ئەزالىرىغا ئاڭلىتىپ، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان ھېسداشلىقىنى قولغا كەلتۈرۈپ، بۇندىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشتىن ئىبارەت ئىكەن.

ساۋۇتجان مەمەت ئەپەندى 2-ئاينىڭ18-كۈنى ياپونىيە پارلامېنتىدا ئېلىپ بېرىلغان ئۇچرىشىشتا ئۇيغۇرلار نامىدىن يەتكۈزگەن بەزى تەلەپلەرنىڭ نەتىجىسى توغرىسىدا مەلۇمات ئالغانلىقىنى بايان قىلدى.

ساۋۇتجان مەمەت ئەپەندى، ياپونىيە پارلامېنتى ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسىغا بۇرۇن ۋە بۇ قېتىم سۇنغان تەلەپلەرگە ئۇلارنىڭ ئىجابىي پوزىتسىيە بىلدۈرگەنلىكىنى بايان قىلدى.

ياپونىيە پارلامېنتىدىكى ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى قۇرۇلغان كۈندىن بۇيان ئۇيغۇر مەسىلىسىگە، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىگە ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ يۈزلىنىشىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان بولۇپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى بۇرۇندىن تارتىپ ئۇلار بىلەن قويۇق مۇناسىۋەت ئورنىتىپ كېلىۋاتقان ئىكەن.

ساۋۇتجان مەمەت ئەپەندى كۈنسايىن مۇرەككەپلىشىۋاتقان دۇنيا ۋەزىيىتىدە بۇ خىل ئۇچرىشىشلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ئۈچۈن پايدىلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى رەئىسى ئەخمەت لېتىپنىڭ بىلدۈرۈشىچە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىرى بىلەن ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى رەھبەرلىرىنىڭ ئۆتكەن يىلى 10-ئايدىن بۇيان ياپونىيە پارلامېنتى ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى بىلەن 11 قېتىم ئۇچرىشىش ئېلىپ بارغانلىقىنى، ھەر قېتىمقى ئۇچرىشىشتا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەن ئىچىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتى ۋە چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان قىيىنچىلىقلارنى يەتكۈزۈپ ياپونىيەنىڭ ياردەم قىلىشىنى تەلەپ قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ھەيئىتى بىلەن ياپونىيە پارلامېنتى ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشىدا 2025-يىلى ياپونىيەدە ئېلىپ بېرىلماقچى بولغان پائالىيەتلەر توغرىسىدىمۇ مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.