ياپونىيەدە ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى تۇنجى قارار ماقۇللۇقتىن ئۆتتى
2021.06.13
ياپونىيە كوبىي ۋىلايەتلىك پارلامېنت، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ھەققىدە ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشى تەلەپ قىلىنغان قارارنى ماقۇللىدى. پۈتۈن پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ بىردەك قوللىشى بىلەن ماقۇللانغان قارار، ياپونىيە ھۆكۈمىتىگە سۇنۇلىدىغان بولۇپ، مەزكۇر قارار ياپونىيەدە تۇنجى قېتىم بىر پارلامېنتنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ماقۇللۇقتىن ئۆتكۈزگەن قارارى ھېسابلىنىدىكەن.
ياپونىيە دۆلەتلىك خەۋەر ئورگىنى بولغان NHK تېلېۋىزىيە قانىلى 9-ئىيۇن كۈنى ئېلان قىلغان خەۋەردە مۇنداق يېزىلغان: «ئامېرىكا بايدېن ھۆكۈمىتى ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرى خىتاينىڭ 1 مىليوندىن كۆپ ئادەمنى جازا لاگېرلىرىغا قاماپ قويغانلىقىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى. ۋەزىيەت بەكلا ۋەھىمىلىكتۇر. بۇنداق بىر ۋەزىيەتتە، كوبىي ۋىلايەتلىك پارلامېنت 6-ئايلىق ئومۇمىي يىغىنىدا، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ھەل قىلىشقا ۋە چارە-تەدبىر ئېلىشقا چاقىرغان قارار ماقۇللۇقتىن ئۆتتى».
خەۋەردە يېزىلىشىچە كوبىي ۋىلايەتلىك پارلامېنتتا ماقۇللانغان قاراردا خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان ئېغىر زۇلۇمغا سەل قاراشقا بولمايدىغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن. قاراردا يەنە ياپونىيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرى بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرىلغان.
بىز بۇ ھەقتە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى باش كاتىپى ئەخمەتجان لىتىپ ئەپەندى ۋە ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى سادۇللا ئونۇيغۇر ئەپەندىلەر بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق. ئەخمەتجان لىتىپ ئەپەندى، كوبىي ۋىلايەتلىك پارلامېنتتا ماقۇللۇقتىن ئۆتكەن قارار توغرىلىق قىسقىچە مەلۇمات بەردى.
ئەخمەتجان لىتىپ ئەپەندى ياپونىيەدە يەرلىك پارلامېنتتا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا بۇنداق بىر قارارنىڭ ماقۇللۇقتىن ئۆتۈشىگە تۆھپە قوشقانلار ھەققىدە توختالدى.
ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى سادۇللا ئونۇيغۇر ئەپەندى كوبىي ۋىلايەت پارلامېنتىدا ماقۇللانغان ياپونىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشقا چاقىرغان قارارنىڭ، ياپونىيەدە تۇنجى قېتىم چىققان بىر قارار ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «كوبى ۋىلايەتلىك يەرلىك پارلامېنتنىڭ بۇنداق بىر قارار ئېلىشى ياپونىيەدە تۇنجى قېتىملىق بىر ھادىسە. مۇشۇ قارارنىڭ تەسىرى بىلەن باشقا ۋىلايەت پارلامېنتلىرىمۇ بۇنداق قارار چىقارسا، ياپونىيە ھۆكۈمىتىمۇ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا قارار ماقۇللىشى مۇمكىن. بۇ ناھايىتى ياخشى باشلانغۇچ».
سادۇللا ئونۇيغۇر ئەپەندى بۇ قارارنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشىغا تۆھپە قوشقانلار توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇنداق بىر قارارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىدا ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى، ياپونىيە پارلامېنتىدىكى ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى، يەرلىك پارلامېنت ئەزالىرىدىن ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى ئەزالىرىنىڭ كۆپلەپ كۈچ چىقىرىشى بىلەن ۋۇجۇدقا چىقتى دەپ ئويلايمەن».
ئۇنداق بولسا قارارنىڭ بۇندىن كېيىن قانداق تەسىرى بولار؟ سادۇللا ئەپەندى بۇ ھەقتە كۆز-قارىشىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «تەسىرى قانداق بولار دېسەڭلار، ھازىر ئۇيغۇر مەسىلىسى ياپونىيە پارلامېنتىنىڭ كۈن تەرتىپىدە تۇرماقتا. ھازىر خىتاينىڭ ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل ۋە خوڭكوڭلۇقلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى ئەيىبلەيدىغان قارار لايىھىسى ھازىر ياپونىيە پارلامېنتىنىڭ كۈن تەرتىپىدە تۇرماقتا. يەرلىك پارلامېنتلاردا قوبۇل قىلىنغان بۇ قارارلار ياپونىيە پارلامېنتىدىكى ‹ئەيىبنامە» نىڭ بالدۇرراق ماقۇللۇقتىن ئۆتۈشى ئۈچۈن پايدىلىق دەپ ئويلايمەن».
ياپونىيە ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئەڭ كۆپ دۆلەتلەردىن بىرى بولۇپ، 2017-يىلىغىچە ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپى سۈكۈتتە تۇرۇپ كەلگەنىدى. كېيىنكى يىللاردا ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر دەۋاسىغا قاتناشقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ سانىمۇ كۆپەيمەكتە. ياپونىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا قارار چىقىرىش ئۈچۈن ئۇيغۇرلار نېمە قىلىشى كېرەك؟ دېگەن سوئالىمىزغا سادۇللا ئەپەندى مۇنداق جاۋاب بەردى: «بۇ ھەقتە ياپونىيەدىكى ئۇيغۇرلار نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟ دېگەندە، ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسىدىكى پارلامېنت ئەزالىرى ۋە ھەر قايسى سىياسىي پارتىيەلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇرۇپ، پائالىيەتلىرىمىزنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، ئۇيغۇرلار توغرىسىدا قارار چىقىرىشىنى ئىزچىل ھالدا تەلەپ قىلىشىمىز كېرەك».
ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنستىتۇتى (ASPI) ئېلان قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىشى توغرىسىدىكى دوكلاتتا ئىسمى تىلغا ئېلىنغان 14 چوڭ ياپونىيە شىركىتىدىن ئالتىسى خىتاي بىلەن بولغان سودا ئالاقىسىنى توختاتقانلىقىنى جاكارلىغانىدى.