ياپونىيەدىكى 4 نەپەر باش مىنىستىر نامزاتى ياپونىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا قانۇن ماقۇللاشنى قوللايدىغانلىقىنى جاكارلىغان

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2021-09-28
Share
ياپونىيەدىكى 4 نەپەر باش مىنىستىر نامزاتى ياپونىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا قانۇن ماقۇللاشنى قوللايدىغانلىقىنى جاكارلىغان ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرى ياپونىيە «باش مىنىستىرلىق سايلىمى» نامزاتلىرىنىڭ بىرى بولغان كىشىدا ئەپەندى(سولدىن ئىككىنچى) بىلەن كۆرۈشتى. 2021-يىلى 29-سېنتەبىر، ياپونىيە
RFA/Erkin Tarim

ئىگىلىنىشىچە، ياپونىيەنىڭ سايلام سىستېمىسىدا باش مىنىستىر پۇقرالار بىلەت تاشلاش ئارقىلىق بىۋاسىتە سايلانمايدىكەن. سايلام ئارقىلىق ئالدى بىلەن ھۆكۈمەتنى تەشكىللەيدىغان پارتىيەنى ۋۇجۇدقا چىقىرىدىكەن. ھۆكۈمەت تەشكىللەيدىغان پارتىيەنىڭ رەئىسىنى بولسا مەزكۇر پارتىيەنىڭ ئەزالىرى سايلاپ چىقىدىكەن. سايلاپ چىقىلغان كىشى، يەنى مەزكۇر پارتىيەنىڭ رەئىسى ياپونىيەنىڭ باش مىنىستىرى بولىدىكەن.

ياپونىيەدە ئۇزۇندىن بۇيان ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرۇۋاتقان ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ رەئىسى شېنزو ئابى ئەپەندى ئۆتكەن يىلى تەن سالامەتلىكى تۈپەيلىدىن ئىستېپا بەرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئورنىغا ھازىرقى باش مىنىستىر سۇگا ئەپەندى چىققان ئىدى. ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ نىزامنامىسى بويىچە پارتىيە رەئىسى 3 يىلدا بىر سايلام بىلەن ئالمىشىشى كېرەك ئىكەن. بۇنىڭغا ئاساسەن 9-ئاينىڭ 29-كۈنى ياپونىيەدىكى مەزكۇر پارتىيەنىڭ رەئىسىنى سايلايدىغان سايلام بولماقچى ئىكەن. بۇ سايلامدا ئۇتۇپ چىققان كىشى ياپونىيەنىڭ باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالىدىغان بولغاچقا، بۇنى «باش مىنىستىرلىق سايلىمى» دەپ ئاتاشقىمۇ بولىدىكەن.

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى بۇ قېتىم كۆرسىتىلگەن 4 نامزاتقا مەخسۇس خەت ئەۋەتىپ، ئەگەر ئۇلار سايلامدا ئۇتۇپ چىقسا، ياپونىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا قانۇن چىقىرىشنى قوللايدىغان ياكى قوللىمايدىغانلىقىنى سورىغان. بۇ سوئالغا 4 نەپەر نامزاتنىڭ ھەممىسى قوللايدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ جاۋاب خېتى قايتۇرغان. جاۋاب خېتىنى تاپشۇرۇۋالغان ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرى 25-سېنتەبىر كۈنى نامزاتلاردىن كىشىدا ئەپەندى بىلەن كۆرۈشكەن، ئاندىن 27-سېنتەبىر كۈنى چۈشتىن كېيىن ياپونىيە پارلامېنت بىناسىدا تاكايىچى خانىم بىلەن ئۇچراشقان. بۇ ئۇچرىشىشقا ئۇيغۇرلاردىن سىرت ياپونىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تىبەت، خوڭكوڭ ۋە موڭغۇل تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، شۇنداقلا مۇخبىرلارمۇ ئىشتىراك قىلغان.

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئەخمەت لېتىپ ئەپەندى، ياپونىيەدىكى باش مىنىستىرلىق سايلىمىغا نامزات بولغان 4 كىشىدىن ئۇيغۇرلار توغرىسىدا قانۇن چىقىرىشنى قوللايدىغان-قوللىمايدىغانلىقىنى سوراپ يازغان خېتىگە ھەممىسىنىڭ بىردەك مۇسبەت جاۋاب قايتۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەخمەتجان لېتىپ ئەپەندى ياپونىيەدىكى باش مىنىستىرلىق سايلىمىغا نامزات بولغان 4 كىشى بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى، بۇلارنىڭ ئىچىدە سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كىشىدا ئەپەندى بىلەن 25-سېنتەبىر كۈنى پارلامېنتتىكى بىناسىدا كۆرۈشۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تەلەپلىرىنى يەتكۈزگەنلىكىنى، ئۇچرىشىشتا كىشىدا ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ئېغىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى، ئەگەر ئۆزى باش مىنىستىر بولسا بۇ مەسىلىگە قارىتا جىددىي تەدبىر ئالىدىغانلىقىنى بايان قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئەخمەتجان لېتىپ ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئىككىنچى نامزات تاكايىچى خانىم بۇرۇندىن تارتىپ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان بىر سىياسىيون ئىكەن. ئۇ 27-سېنتەبىر كۈنىدىكى ئۇچرىشىشتا ئەگەر ئۆزى سايلامدا ئۇتۇپ چىقسا، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن قولىدىن كەلگەننى قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلغان. ئەخمەتجان لىتىپ ئەپەندى بۇ ھەقتە تەپسىلىي توختالدى.

9-ئاينىڭ 29-كۈنى ياپونىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇ سايلامغا نامزات بولغان 4 كىشىنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن سىرت، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن كونكرېت بەزى ئىشلارنىمۇ قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى دوكتور ئابدۇلكېرىم ئابدۇراخمان ئەپەندى 4 نامزاتنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا بەرگەن بۇ ۋەدىلىرىنىڭ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت