ئۇريۇ خىرانو (Uryu Hirano) خانىم ياپونىيەنىڭ ئەنئەنىۋى مىللىي كىيىمى بولغان كىمونۇ كىيىملىرىنىڭ مودېلى. ئۇ يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان پاختا مەھسۇلاتلىرىغا چېتىلغان ياپونىيە شىركەتلىرىگە قارشى نارازىلىق پائالىيىتى باشلىغان.
ئۇريۇ خىرانو خانىم ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن چېتىشلىقى دەلىللەنگەن ياپونىيە شىركەتلىرىگە خەت يېزىپ، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئىشلەپچىقىرىلغان پاختا مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەتمەسلىكىنى تەلەپ قىلغان، ئەمما ئۇنىڭ تەلەپ خېتى قوبۇل قىلىنمىغان.
ئۇ يەنە ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى بىلەن بىرلىشىپ يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن 2021-يىللىق توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى جەريانىدىمۇ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلغان پاختا مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەتمەسلىك ھەققىدە تەشۋىقات پائالىيىتى ئېلىپ بارغان.
بۇ ھەقتىكى تەپسىلاتلارغا قىزىقسىڭىز، يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشى ئارقىلىق دىققىتىڭىز مۇخبىرىمىزننىڭ ئۇريۇ خىرانو خانىم بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە بولسۇن.